دەسلەپتە - ئالەمنىڭ يارىتىلىشى
خۇدانىڭ ئالەمنى يارىتىشى
1
1 خۇدا دەسلەپتە ئاسمان بىلەن يەرنى ياراتتى. 2 ئۇ چاغدا يەر شەكىلسىز ۋە بوش ھالەتتە ئىدى ۋە قاراڭغۇلۇق چوڭقۇر سۇلارنىڭ يۈزىنى قاپلىغانىدى. خۇدانىڭ روھى سۇلار ئۈستىدە پەرۋاز قىلاتتى.
3 خۇدا سۆز قىلىپ: «يورۇقلۇق بولسۇن» دېدى، ۋە يورۇقلۇق پەيدا بولدى. 4 خۇدا يورۇقلۇقنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، يورۇقلۇقنى قاراڭغۇلۇقتىن ئايرىدى. 5 خۇدا يورۇقلۇقنى «كۈندۈز» دەپ ئاتاپ، قاراڭغۇلۇقنى «كېچە» دەپ ئاتىدى. ئاخشام ئۆتتى، سەھەر ئۆتتى، بۇ بىرىنچى كۈن بولدى.
6 خۇدا: «سۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر ئاسمان گۈمبىزى بولسۇن ۋە ئۇ سۇلارنى بىر-بىرىدىن ئايرىسۇن» دېدى. ■ 7 خۇدا ئاسمان گۈمبىزىنى يارىتىپ، ئۇنىڭ ئاستىدىكى سۇلارنى ئۇنىڭ ئۈستىدىكى سۇلاردىن ئايرىدى. ئىش ئەنە شۇنداق بولدى. 8 خۇدا ئاسمان گۈمبىزىنى «ئاسمان» دەپ ئاتىدى. ئاخشام ئۆتتى، سەھەر ئۆتتى، بۇ ئىككىنچى كۈن بولدى.
9 ئاندىن خۇدا: «ئاسماننىڭ ئاستىدىكى سۇلار بىر يەرگە يىغىلسۇن، قۇرۇق تۇپراق كۆرۈنسۇن» دېدى، ۋە شۇنداق بولدى. 10 خۇدا قۇرۇقلۇقنى «يەر» دەپ ئاتاپ، يىغىلغان سۇلارنى بولسا «دېڭىز» دەپ ئاتىدى. خۇدا بۇلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى.
11 خۇدا يەنە: «يەر ئوتلارنى، ئۇرۇقلۇق ئوتياشلارنى ۋە تۈرى بويىچە ئۇرۇقى مېۋىسىدە بولغان مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئۈندۈرسۇن» دېدى، ۋە شۇنداق بولدى. 12 شۇنىڭ بىلەن يەر ئوتلارنى، ئۆز تۈرى بويىچە ئۇرۇق چىقىدىغان ئوتياشلارنى ۋە ئۆز تۈرى بويىچە ئۇرۇقى مېۋىسى ئىچىدە بولغان مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئۈندۈردى. خۇدا بۇلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى. 13 ئاخشام ئۆتتى، سەھەر ئۆتتى، بۇ ئۈچىنچى كۈن بولدى. 14 خۇدا يەنە: «ئاسمان گۈمبىزىدە يورۇقلۇق بېرىدىغان جىسىملار بولسۇن. ئۇلار كۈندۈزنى كېچىدىن ئايرىپ، مەۋسۇم، كۈن ۋە يىللارنى پەرق ئېتىدىغان بەلگىلەر بولسۇن. 15 ئۇلار ئاسمان گۈمبىزىدە تۇرۇپ، يەر يۈزىنى يورۇتۇپ تۇرسۇن» دېدى، ۋە شۇنداق بولدى. 16 خۇدا ئىككى چوڭ يورۇقلۇق بېرىدىغان جىسىمنى ياراتتى. ئۇ چوڭراقىنى كۈندۈزنى باشقۇرىدىغان، كىچىكرەكىنى كېچىنى باشقۇرىدىغان قىلدى، ھەمدە باشقا يۇلتۇزلارنىمۇ ياراتتى. 17 خۇدا بۇلارنى يەرگە يورۇقلۇق بېرىش، 18 كۈندۈز بىلەن كېچىنى باشقۇرۇش ۋە يورۇقلۇقنى قاراڭغۇلۇقتىن ئايرىش ئۈچۈن ئاسمان گۈمبىزىگە ئورۇنلاشتۇردى. خۇدا بۇلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى. 19 ئاخشام ئۆتتى، سەھەر ئۆتتى، بۇ تۆتىنچى كۈن بولدى.
20 خۇدا يەنە: «سۇلار مىغ-مىغ جانىۋارلار بىلەن تولسۇن ۋە يەرنىڭ ئۈستىدىكى ئاسماندا ئۇچار قاناتلار ئۇچسۇن» دېدى. 21 بۇنىڭ بىلەن خۇدا چوڭ-چوڭ سۇ مەخلۇقلىرىنى، سۇدا مىدىرلاپ يۈرىدىغان تۈرلۈك جانىۋارلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ۋە ھەر خىل قاناتلىق ئۇچار قاناتلارنىمۇ ئۆز تۈرلىرى بويىچە ياراتتى. خۇدا بۇلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى. 22 ئاندىن كېيىن خۇدا ئۇلارغا بەرىكەت ئاتا قىلىپ: «سىلەر نەسىل قالدۇرۇپ كۆپىيىپ، دېڭىزلارنىڭ سۇلىرىنى تولدۇرۇڭلار، ئۇچار قاناتلارمۇ يەر يۈزىدە كۆپەيسۇن» دېدى. 23 ئاخشام ئۆتتى، سەھەر ئۆتتى، بۇ بەشىنچى كۈن بولدى.
24 خۇدا يەنە سۆز قىلىپ: «يەر جانىۋارلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە چىقارسۇن. چارۋا مال، ئۆمىلىگۈچى جانىۋارلار ۋە ياۋايى ھايۋانلار ئۆز تۈرلىرى بويىچە پەيدا بولسۇن» دېدى، ۋە شۇنداق بولدى. 25 شۇنىڭ بىلەن خۇدا يەرنىڭ ياۋايى ھايۋانلىرىنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە، چارۋا ماللىرىنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ۋە يەردە ئۆمىلىگۈچى جانىۋارلارنىمۇ ئۆز تۈرلىرى بويىچە ياراتتى. خۇدا بۇلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى.
26 خۇدا يەنە: «ئۆز ئوبرازىمىزدا ئۆزىمىزگە ئوخشايدىغان قىلىپ ئادەمنى يارىتايلى! ئۇلار دەريادىكى بېلىقلار، ھاۋادىكى ئۇچار قاناتلار، چارۋا ماللار، شۇنداقلا پۈتۈن يەر يۈزى ۋە ئۇنىڭدىكى ھەممە ئۆمىلىگۈچى جانىۋارلارنى باشقۇرسۇن» دېدى. ■ 27 شۇنىڭ بىلەن، خۇدا ئادەمنى ئۆز ئوبرازىدا ياراتتى. ئۇنى خۇدانىڭ ئوبرازىدا يارىتىپ، ئۇلارنى ئەر ۋە ئايال قىلىپ ياراتتى. ■ 28 خۇدا ئۇلارغا بەرىكەت ئاتا قىلىپ: «سىلەر نەسىل قالدۇرۇپ كۆپىيىپ، يەرنى تولدۇرۇپ ئۇنى بويسۇندۇرۇڭلار. دېڭىزدىكى بېلىقلار، ھاۋادىكى ئۇچار قاناتلار ۋە يەردە مىدىرلايدىغان ھەممە جانىۋارلارنى باشقۇرۇڭلار» دېدى. 29 ئاندىن خۇدا يەنە: «مانا، مەن پۈتۈن يەر يۈزىدىكى ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر ۋە ئۇرۇقى مېۋىسىدە بولغان مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ ھەممىسىنى ئوزۇق بولسۇن دەپ سىلەرگە بېرىمەن. 30 يەر يۈزىدىكى ھەممە ھايۋانلار، ھاۋادىكى ھەممە ئۇچار قاناتلار ۋە يەر يۈزىدىكى ھەممە ئۆمىلىگۈچى جانىۋارلارغا غىزا بولسۇن دەپ بارچە ئوت-گىياھلارنى ئۇلارغا ئاتا قىلىمەن» دېدى، ۋە شۇنداق بولدى. 31 خۇدا ياراتقانلىرىنىڭ ھەممىسىگە سەپسېلىپ قارىدى، ۋە مانا، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى. ئاخشام ئۆتتى، سەھەر ئۆتتى، بۇ ئالتىنچى كۈن بولدى.