2
‏1 شۇنداق قىلىپ، ئاسمان بىلەن يەر، بارچە مەۋجۇداتلىرى بىلەن قوشۇلۇپ يارىتىلىپ بولدى.    ‏2 يەتتىنچى كۈنى خۇدا قىلغان ئىشىنى تاماملاپ بولغانىدى. ئۇ قىلغان بارچە ئىشىدىن يەتتىنچى كۈنى ئارام ئالدى. ‏3 خۇدا قىلغان بارچە يارىتىش ئىشلىرىدىن يەتتىنچى كۈنى ئارام ئالغىنى ئۈچۈن، خۇدا يەتتىنچى كۈنىنى مۇبارەكلەپ، ئۇنى مۇقەددەس كۈن قىلىپ بېكىتتى.
 
ئادەمئاتا ۋە ھاۋائانىنىڭ يارىتىلىشى
‏4 بۇ ئاسمان بىلەن يەرنىڭ تارىخىدۇر. پەرۋەردىگار خۇدا ئاسمان بىلەن يەرنى ياراتقان كۈندە،    ‏5 زېمىندا تېخى دەل-دەرەخ يوق ئىدى، يەردە زىرائەتلەرمۇ تېخى ئۈنمىگەنىدى، چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدا يەر يۈزىگە تېخى يامغۇر-يېغىن ياغدۇرمىغانىدى ۋە يەر تېرىيدىغان ئادەممۇ يوق ئىدى. ‏6 ئەمما يەردىن ھور چىقىپ، پۈتۈن يەر يۈزىنى سۇغاردى.
‏7 ئاندىن پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمئاتىنى يەرنىڭ توپىسىدىن ياساپ، ھايات نەپىسىنى ئۇنىڭ بۇرنىغا پۈۋلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئادەمئاتا تىرىك جان بولدى.   
‏8 پەرۋەردىگار خۇدا شەرق تەرەپتە ئېدەن دېگەن جايدا بىر باغ بەرپا قىلىپ، ئۆزى ياراتقان ئادەمنى ئۇ يەرگە قويدى.    ‏9 پەرۋەردىگار خۇدا يەردە كۆرۈنۈشى چىرايلىق، يېيىشكە ياخشى بولغان ھەر خىل دەرەخلەرنى ئۈندۈردى. باغنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولسا ئۇ ھاياتلىق دەرىخى ۋە ياخشى-ياماننى بىلدۈرىدىغان دەرەخنى ئۈندۈرۈپ چىقاردى.
‏10 باغنى سۇغىرىش ئۈچۈن ئېدەندىن بىر دەريا ئېقىپ چىقتى، ئۇ تۆت باش ئېقىنغا بۆلۈندى. ‏11 بىرىنچىسىنىڭ نامى پىشون بولۇپ، ئالتۇن چىقىدىغان پۈتۈن خاۋىلا دېگەن يەرنى ئايلىنىپ ئاقىدۇ. ‏12 ئۇ يەرنىڭ ئالتۇنى ناھايىتى ياخشى، ئۇ يەردە مەرۋايىت ۋە ھېقىقمۇ تېپىلىدۇ. ‏13 ئىككىنچى دەريانىڭ نامى گىخون دەرياسى بولۇپ، پۈتۈن كۇش زېمىنىنى ئايلىنىپ ئاقىدۇ. ‏14 ئۈچىنچى دەريانىڭ نامى دىجلە دەرياسى بولۇپ، ئاسسۇرنىڭ شەرق تەرىپىگە ئاقىدۇ. تۆتىنچى دەريانىڭ نامى فىرات دەرياسىدۇر.
‏15 پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمئاتىنى ئېلىپ، ئۇ باغدا ئىشلەپ، ئۇنى پەرۋىش قىلسۇن دەپ ئۇنى ئېدەن بېغىغا يەرلەشتۈردى. ‏16 پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمئاتىغا ئەمر قىلىپ: «باغدىكى ھەممە دەرەخلەردىن خالىغىنىڭنى يېگىن. ‏17 ئەمما ياخشى-ياماننى بىلدۈرىدىغان دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن يېمىگىن، چۈنكى ئۇنىڭدىن يېگەن كۈنۈڭدە چوقۇم ئۆلىسەن» دېدى.
‏18 ئاندىن كېيىن پەرۋەردىگار خۇدا: «ئادەمنىڭ يالغۇز بولۇشى ياخشى ئەمەس. مەن ئۇنىڭغا لايىق بىر ياردەمچى ھەمراھنى يارىتىپ بېرەي» دېدى.
‏19 پەرۋەردىگار خۇدا يەردىكى ھايۋانلار ۋە ھاۋادىكى ھەممە ئۇچار قاناتلارنى تۇپراقتىن ياسىغاندىن كېيىن، ئادەمئاتىنىڭ ئۇلارغا قانداق ئات قويىدىغانلىقىنى كۆرۈش ئۈچۈن، ئۇلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا كەلتۈردى. ئادەمئاتا ھەر جانىۋارغا قانداق ئات قويغان بولسا، ئۇنىڭ ئېتى شۇ بولۇپ قالدى. ‏20 بۇ تەرىقىدە ئادەمئاتا ھەممە چارۋا مال، ھاۋادىكى ئۇچار قاناتلار ۋە دالادىكى ھەممە جانىۋارلارغا ئات قويدى. ئەمما ئادەمئاتا ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆزىگە ئوخشايدىغان ھېچبىر ياردەمچى ھەمراھ تېپىلمىدى.
‏21 شۇڭا پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمئاتىغا بىر ئېغىر ئۇيقۇ سالدى. ئۇ ئۇخلاۋاتقاندا، خۇدا ئۇنىڭ قوۋۇرغىلىرىدىن بىرىنى چىقىرىۋېلىپ، ئورنىنى ئەت بىلەن ئېتىپ قويدى.    ‏22 ئاندىن پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمئاتىدىن ئالغان قوۋۇرغىدىن بىر ئايالنى ياساپ، ئۇنى ئادەمئاتىنىڭ ئالدىغا كەلتۈردى. ‏23 ئادەمئاتا: «بۇ ئەمدى سۆڭەكلىرىمدىن ئېلىنغان سۆڭەك، ئېتىمدىن ئېلىنغان ئەت بولغاچ، «ئايال» دەپ ئاتالسۇن، چۈنكى ئەردىن ئېلىنغاندۇر» دېدى.    ‏24 شۇڭا بىر ئادەم ئۆز ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، ئۆز ئايالىغا باغلىنىپ، ئىككىسى بىر تەن بولىدۇ. ‏25 ئادەمئاتا بىلەن ئايالى ئىككىلىسى يالىڭاچ بولسىمۇ، ئۇيالمايتتى.