بىرىنچى گۇناھ
3
‏1 يىلان يەر يۈزىدە پەرۋەردىگار خۇدا ياراتقان جانىۋارلارنىڭ ھەممىسىدىن ھىيلىگەر بولۇپ، ئايالدىن: «راستتىنلا، خۇدا: ‹باغدىكى دەرەخلەرنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ مېۋىسىدىن يېمەڭلار› دېدىمۇ؟» دەپ سورىدى. ‏2 ئايال يىلانغا جاۋاب بېرىپ: «باغدىكى دەرەخلەرنىڭ مېۋىسىدىن يېسەك بولىدۇ. ‏3 ئەمما باغنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دەرەخنىڭ مېۋىسى توغرىسىدا خۇدا: ‹بۇنىڭدىن يېمەڭلار، قولمۇ تەگكۈزمەڭلار، بولمىسا ئۆلىسىلەر› دېگەن» دېدى. ‏4 يىلان ئايالغا: «ھەرگىز ئۆلمەيسىلەر. ‏5 بەلكى بۇنىڭدىن يېسەڭلار، شۇ كۈنى كۆزلىرىڭلارنىڭ ئېچىلىپ، ياخشى-يامانلىقنى بىلىشتە خۇدادەك بولۇپ قېلىشىڭلارنى خۇدا بىلىدۇ» دېدى.
‏6 ئايال دەرەخنىڭ مېۋىسىنىڭ يېيىشكە ياخشى، كۆزگە چىرايلىق ۋە ئەقىل بېرىش جەھەتتىن جەلپكار ئىكەنلىكىنى كۆردى. ئۇ مېۋىدىن ئېلىپ يېدى ۋە ئۇنىڭدىن يېنىدا تۇرغان ئېرىگىمۇ بەردى. ئۇمۇ يېدى. ‏7 شۇنىڭ بىلەن ئىككىلىسىنىڭ كۆزلىرى ئېچىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ يالىڭاچ ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالدى. ئۇلار ئەنجۈر يوپۇرماقلىرىنى بىر-بىرىگە ئۇلاپ، ئۆزلىرىگە يېپىنچاق-پەرتۇق ياساشتى. ‏8 كۈن سالقىن بولغاندا ئۇلار پەرۋەردىگار خۇدانىڭ باغدا ماڭغان شەپىسىنى ئاڭلاپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئادەمئاتا ئايالى بىلەن پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ھۇزۇرىدىن قېچىپ، باغدىكى دەرەخلەرنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنۇۋالدى.
‏9 ئەمما پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمئاتىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا: «سەن قەيەردە؟» دەپ سورىدى. ‏10 ئۇ جاۋاب بېرىپ: «مەن باغدا شەپەڭنى ئاڭلاپ، يالىڭاچ بولغىنىم ئۈچۈن قورقۇپ كېتىپ، يوشۇرۇنۇۋالدىم» دېدى. ‏11 خۇدا ئۇنىڭدىن: «يالىڭاچ ئىكەنلىكىڭنى ساڭا كىم بىلدۈردى؟ مەن ساڭا يېمىگىن دەپ ئەمر قىلغان دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن يېدىڭمۇ؟» دەپ سورىدى. ‏12 ئادەمئاتا: «سەن ماڭا ھەمراھ بولۇشقا بەرگەن ئايال دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن ماڭا بەرگەنىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن يېدىم» دەپ جاۋاب بەردى. ‏13 پەرۋەردىگار خۇدا ئايالغا: «بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟» دېدى. ئايال: «يىلان مېنى ئازدۇردى، شۇنىڭ ئۈچۈن يېدىم» دەپ جاۋاب بەردى.
‏14 پەرۋەردىگار خۇدا يىلانغا:
 
«سەن بۇ قىلمىشىڭ ئۈچۈن ھەممە چارۋا مال
ۋە دالانىڭ بارلىق جانىۋارلىرى ئارىسىدا لەنەتكە قالىسەن.
قورسىقىڭ بىلەن بېغىرلاپ يۈرۈپ،
ئۆمۈرۋايەت توپا يەيسەن.
‏15 مەن سەن بىلەن ئايالنىڭ ئارىسىغا،
سېنىڭ نەسلىڭ بىلەن ئايالنىڭ نەسلىنىڭ ئارىسىغا دۈشمەنلىك سالىمەن.
ئۇ سېنىڭ بېشىڭنى يانجىيدۇ.
سەن بولساڭ، ئۇنىڭ تاپىنىنى چاقىسەن» دېدى.
 
‏16 ئاندىن ئۇ ئايالغا:
 
«ھامىلىدارلىقىڭنىڭ ئازابلىرىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىمەن.
بالىلىرىڭنى ئاچچىق تولغاق يەپ تۇغىسەن.
سەن ئېرىڭگە ئىشتىياق باغلايسەن.
ئۇ بولسا سېنى باشقۇرىدۇ» دېدى.
 
‏17 ئاندىن كېيىن ئۇ ئادەمئاتىغا:
 
«سەن ئايالىڭنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ،
مەن ساڭا ئۇنىڭدىن يېمىگىن دەپ،
ئەمر قىلغان دەرەختىن يېگەنلىكىڭ ئۈچۈن،
يەرمۇ سېنىڭ سەۋەبىڭدىن لەنەتكە ئۇچرايدۇ.
سەن ئۆمۈرۋايەت مۇشەققەت چېكىپ، ئۇنىڭدىن ئوزۇقلىنىسەن.
‏18 ئۇ ساڭا تىكەن ۋە يانتاق ئۈندۈرىدۇ،
سەن بولساڭ ئېتىزدىكى زىرائەتلەرنى يەيسەن.
‏19 تۇپراققا قايتقۇچە سەن پېشانەڭنىڭ تەرى بىلەن نان يەيسەن،
چۈنكى سەن يەردىن ئېلىنغان،
ئەسلى توپىدىن بولغاچقا، يەنە توپىغا قايتىسەن» دېدى.
 
‏20 ئادەمئاتا ئۇنىڭ ئايالى بارچە تىرىكلەرنىڭ ئانىسى بولىدىغىنى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ھاۋا دەپ ئات قويدى.   
 
‏21 پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمئاتا بىلەن ئۇنىڭ ئايالىغا تېرىدىن كىيىم قىلىپ، ئۇلارنى كىيدۈرۈپ قويدى. ‏22 پەرۋەردىگار خۇدا: «مانا، ئادەم ياخشى-ياماننى بىلىشتە بىزدىن بىرىدەك بولۇپ قالدى. ئەمدى قولىنى ئۇزىتىپ، ھاياتلىق دەرىخىدىن يەۋېلىپ، مەڭگۈ ھايات قالمىسۇن» دېدى.    ‏23 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنى ئېدەن بېغىدىن چىقىرىۋېتىپ، ئۇنى ئۆزى ئەسلى ئېلىنغان تۇپراققا ئىشلەيدىغان قىلىپ قويدى. ‏24 ئۇ ئادەمئاتىنى قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىن، ھاياتلىق دەرىخىگە بارىدىغان يولنى توسۇش ئۈچۈن، ئېدەن بېغىنىڭ شەرق تەرىپىگە كېرۇبلار ۋە ھەر تەرەپكە پىرقىرايدىغان يالقۇنلۇق بىر قىلىچنى قويۇپ قويدى.