قايىن بىلەن ھابىل
4
‏1 ئادەمئاتا ئۆز ئايالى ھاۋائانا بىلەن بىللە بولدى. ئۇ ھامىلىدار بولۇپ قايىننى تۇغدى، ئۇ: «پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمى بىلەن بىر ئادەمگە ئىگە بولدۇم» دېدى.    ‏2 ئاندىن كېيىن ئۇ قايىننىڭ ئىنىسى ھابىلنى تۇغدى. ھابىل پادىچى، قايىن بولسا دېھقان بولدى.
‏3 كۈنلەر ئۆتۈپ، قايىن يەرنىڭ ھوسۇلىدىن پەرۋەردىگارغا ھەدىيە سۇندى. ‏4 ھابىلمۇ قويلىرىنىڭ تۇنجىلىرىنىڭ ئەڭ سېمىزلىرىدىن قۇربانلىق كەلتۈردى. پەرۋەردىگار ھابىل ۋە ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسىنى قوبۇل قىلدى.    ‏5 ئەمما ئۇ قايىن ۋە ئۇنىڭ سۇنغىنىنى قوبۇل قىلمىدى. بۇنىڭدىن قايىننىڭ قاتتىق ئاچچىقى كېلىپ، چىرايى تۇتۇلدى. ‏6 پەرۋەردىگار قايىنغا: «نېمىشقا ئاچچىقلىنىسەن؟ نېمە ئۈچۈن چىرايىڭ تۇتۇلۇپ كەتتى؟ ‏7 ئەگەر توغرا ئىش قىلساڭ، چىرايىڭ ئېچىلىدۇ ئەمەسمۇ؟ بىراق توغرا ئىش قىلمىساڭ، مانا، گۇناھ ئىشىك تۈۋىدە پايلاپ يېتىپ، ساڭا ئىشتىياق باغلايدۇ. ئەمما سېنىڭ ئۇنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىشىڭ كېرەك» دېدى. ‏8 قايىن ئىنىسىغا گەپ قىلدى. ئاندىن ئۇلار دالادىكى چېغىدا، قايىن ھابىلنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى.
‏9 پەرۋەردىگار قايىندىن: «ئىنىڭ ھابىل قېنى؟» دەپ سورىدى. ئۇ: «بىلمەيمەن. مەن ئىنىمنىڭ باققۇچىسىمۇ؟» دەپ جاۋاب بەردى. ‏10 خۇدا: «سەن نېمە قىلدىڭ؟ مانا، ئىنىڭنىڭ قېنى يەردىن ماڭا پەرياد كۆتۈرۈۋاتىدۇ. ‏11 ئەمدى سەن قولۇڭدىن ئىنىڭنىڭ قېنىنى قوبۇل قىلغىلى ئاغزىنى ئاچقان يەرنىڭ لەنىتىگە قالىسەن. ‏12 سەن يەرگە ئىشلىسەڭمۇ، ئۇ بۇندىن كېيىن ساڭا قۇۋۋىتىنى بەرمەيدۇ. سەن يەر يۈزىدە سەرسان-سەرگەردان بولۇپ يۈرىسەن» دېدى. ‏13 قايىن پەرۋەردىگارغا: «مېنىڭ جازايىم كۆتۈرگۈسىز ئېغىردۇر. ‏14 مانا، بۈگۈن سەن مېنى بۇ يەردىن قوغلىدىڭ. مەن ئەمدى سېنىڭ يۈزۈڭدىن يوشۇرۇنۇپ، يەر يۈزىدە سەرسان-سەرگەردان بولۇپ يۈرىمەن. شۇنداق بولىدۇكى، مېنى تېپىۋالغان كىشى مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ» دېدى. ‏15 لېكىن پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: «ياق، بەلكى كىمكى قايىننى ئۆلتۈرسە، ئۇنىڭدىن يەتتە ھەسسە ئىنتىقام ئېلىنىدۇ» دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار، قايىنغا ئۇچراشقان كىشىنىڭ ھېچبىرى ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمىسۇن دەپ ئۇنىڭغا بىر بەلگە قويۇپ قويدى.
 
قايىننىڭ ئەۋلادلىرى
‏16 قايىن پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقىپ كېتىپ، ئېدەن بېغىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى نود دېگەن يەردە ئولتۇراقلاشتى. ‏17 قايىن ئۆز ئايالى بىلەن بىللە بولدى. ئۇ ھامىلىدار بولۇپ، خانوكنى تۇغدى. قايىن بىر شەھەر بىنا قىلىپ، ئوغلىنىڭ ئىسمى بىلەن شەھەرنىڭ نامىنى خانوك قويدى. ‏18 خانوكتىن ئىراد تۆرەلدى، ئىرادتىن مەخۇيائەل تۆرەلدى، مەخۇيائەلدىن مەتۇشائەل تۆرەلدى، مەتۇشائەلدىن لامەك تۆرەلدى. ‏19 لامەك ئىككى خوتۇن ئالدى. بىرىنىڭ ئىسمى ئادا، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى زىللا ئىدى. ‏20 ئادا يابالنى تۇغدى. ئۇ چېدىردا ئولتۇرغۇچىلار ۋە مال باققۇچىلارنىڭ بوۋىسى بولدى. ‏21 ئۇنىڭ ئىنىسىنىڭ ئىسمى يۇبال ئىدى. ئۇ لىرا ۋە نەي چالغۇچىلارنىڭ بوۋىسى بولدى.    ‏22 زىللا بولسا تۇبال-قايىن ئىسىملىك بىر ئوغۇل تۇغدى. ئۇ مىس-تۆمۈردىن كېسىدىغان ھەر خىل ئەسۋابلارنى سوققۇچى بولدى. تۇبال-قايىننىڭ نائاما دەپ بىر سىڭلىسى بار ئىدى.
‏23 لامەك ئاياللىرىغا مۇنداق دېدى: «ئەي ئادا ۋە زىللا، سۆزۈمنى ئاڭلاڭلار! ئەي لامەكنىڭ ئاياللىرى، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار! مېنى يارىلاندۇرغىنى ئۈچۈن بىر ئادەمنى ئۆلتۈردۈم، مېنى زەھىملەندۈرگىنى ئۈچۈن بىر يىگىتنى ئۆلتۈردۈم. ‏24 ئەگەر قايىن ئۈچۈن يەتتە ھەسسە ئىنتىقام ئېلىنسا، لامەك ئۈچۈن يەتمىش يەتتە ھەسسە ئىنتىقام ئېلىنىدۇ».
 
شېتنىڭ تۇغۇلۇشى
‏25 ئادەمئاتا يەنە ئۆز ئايالى بىلەن بىللە بولدى. ئايالى بىر ئوغۇل تۇغدى، ئۇنىڭغا شېت دەپ ئات قويۇپ: «قايىن ئۆلتۈرگەن ھابىلنىڭ ئورنىغا خۇدا ماڭا باشقا بىر بالىنى بەردى» دېدى.    ‏26 شېتكىمۇ بىر ئوغۇل تۇغۇلدى. ئۇ ئۇنىڭغا ئېنوش دەپ ئات قويدى. ئۇ ۋاقىتتىن تارتىپ، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى چاقىرىپ ئىبادەت قىلىشقا باشلىدى.