ئادەمئاتىنىڭ ئەۋلادلىرى
5
1 بۇ ئادەمئاتىنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ نەسەبنامىسىدۇر. خۇدا ئادەمنى ياراتقان كۈنى ئۇنى خۇداغا ئوخشايدىغان قىلىپ ياراتتى. 2 ئۇ ئۇلارنى ئەر ۋە ئايال قىلىپ يارىتىپ، ئۇلارغا بەرىكەت ئاتا قىلىپ، ئۇلارنى يارىتىلغان كۈنىدە «ئادەم» دەپ ئاتىدى. 3 ئادەمئاتا بىر يۈز ئوتتۇز يېشىدا ئۆزىگە ئوخشايدىغان، ئۆز سۈرەت-ئوبرازىدا بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆردى. ئۇ ئۇنىڭغا شېت دەپ ئات قويدى. 4 شېت تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئادەمئاتا يەنە سەككىز يۈز يىل ياشاپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەر كۆردى. 5 ئادەمئاتا جەمئىي توققۇز يۈز ئوتتۇز يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى.
6 شېت بىر يۈز بەش ياشقا كىرگەندە، ئۇنىڭدىن ئېنوش تۆرەلدى. 7 ئېنوش تۇغۇلغاندىن كېيىن، شېت يەنە سەككىز يۈز يەتتە يىل ياشاپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەر كۆردى. 8 شېت جەمئىي توققۇز يۈز ئون ئىككى يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى.
9 ئېنوش توقسان ياشقا كىرگەندە، ئۇنىڭدىن قېنان تۆرەلدى. 10 قېنان تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئېنوش يەنە سەككىز يۈز ئون بەش يىل ياشاپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەر كۆردى. 11 ئېنوش جەمئىي توققۇز يۈز بەش يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى.
12 قېنان يەتمىش ياشقا كىرگەندە، ئۇنىڭدىن ماھالالەل تۆرەلدى. 13 ماھالالەل تۇغۇلغاندىن كېيىن، قېنان يەنە سەككىز يۈز قىرىق يىل ياشاپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەر كۆردى. 14 قېنان جەمئىي توققۇز يۈز ئون يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى.
15 ماھالالەل ئاتمىش بەش ياشقا كىرگەندە، ئۇنىڭدىن يارەد تۆرەلدى. 16 يارەد تۇغۇلغاندىن كېيىن، ماھالالەل يەنە سەككىز يۈز ئوتتۇز يىل ياشاپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەر كۆردى. 17 ماھالالەل جەمئىي سەككىز يۈز توقسان بەش يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى.
18 يارەد بىر يۈز ئاتمىش ئىككى ياشقا كىرگەندە، ئۇنىڭدىن خانوك تۆرەلدى. 19 خانوك تۇغۇلغاندىن كېيىن، يارەد يەنە سەككىز يۈز يىل ياشاپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەر كۆردى. 20 يارەد جەمئىي توققۇز يۈز ئاتمىش ئىككى يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى.
21 خانوك ئاتمىش بەش ياشقا كىرگەندە، ئۇنىڭدىن مەتۇشەلاھ تۆرەلدى. 22 مەتۇشەلاھ تۇغالغاندىن كېيىن، خانوك ئۈچ يۈز يىلغىچە خۇداغا يېقىن ياشاپ، ئۇنىڭ يولىدا ماڭدى. ئۇ يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەر كۆردى. 23 خانوك جەمئىي ئۈچ يۈز ئاتمىش بەش يىل ئۆمۈر كۆردى. 24 خانوك خۇداغا يېقىن ياشاپ ئۇنىڭ يولىدا مېڭىپ، غايىب بولۇپ كەتتى. چۈنكى خۇدا ئۇنى ئېلىپ كەتكەنىدى.
25 مەتۇشەلاھ بىر يۈز سەكسەن يەتتە ياشقا كىرگەندە، ئۇنىڭدىن لامەك تۆرەلدى. 26 لامەك تۇغۇلغاندىن كېيىن، مەتۇشەلاھ يەنە يەتتە يۈز سەكسەن ئىككى يىل ياشاپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەر كۆردى. 27 مەتۇشەلاھ جەمئىي توققۇز يۈز ئاتمىش توققۇز يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى.
28 لامەك بىر يۈز سەكسەن ئىككى ياشقا كىرگەندە بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ، 29 ئۇنىڭ ئىسمىنى نۇھ دەپ قويۇپ: «بۇ بالا بىز خۇدانىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغان يەردە ئىشلىگىنىمىزدە، قوللىرىمىزنىڭ مۇشەققەتلىك مېھنىتىگە تەسەللى بولىدۇ» دېدى. ■ 30 نۇھ تۇغۇلغاندىن كېيىن، لامەك يەنە بەش يۈز توقسان بەش يىل ياشاپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەر كۆردى. 31 لامەك جەمئىي يەتتە يۈز يەتمىش يەتتە يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى.
32 نۇھ بەش يۈز ياشقا كىرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن شېم، خام ۋە يافەت تۆرەلدى.