ئىنسانلارنىڭ يامانلىقى
6
1 ئادەملەر يەر يۈزىدە كۆپىيىشكە باشلاپ، ئۇلارنىڭ قىزلىرىمۇ پەيدا بولغاندا، 2 خۇدانىڭ ئوغۇللىرى ئادەملەرنىڭ قىزلىرىنىڭ چىرايلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇلاردىن خالىغىنىچە ئۆزلىرىگە خوتۇنلار ئالدى. ■ 3 شۇڭا پەرۋەردىگار: «ئىنسانلار گۇناھقا مايىل ئەت بولغاچقا، مېنىڭ نەپىسىم ھەمىشە ئۇلاردا قالمايدۇ. ئەمدى ئۇلارنىڭ كۈنلىرى بىر يۈز يىگىرمە يىللا بولىدۇ» دېدى. ■ 4 خۇدانىڭ ئوغۇللىرى ئادەملەرنىڭ قىزلىرى بىلەن بىللە بولۇپ، ئۇلاردىن بالىلار تاپقان كۈنلەردە ۋە كېيىنكى ۋاقىتلاردا يەر يۈزىدە نەفىلىملەر دەپ ئاتالغان دىۋىدەك ئادەملەر بار ئىدى. ئۇلار قەدىمكى زاماننىڭ پالۋانلىرى ۋە داڭلىق كىشىلىرى ئىدى. ■ 5 پەرۋەردىگار يەر يۈزىدە ئىنسان يامانلىقىنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ كۆڭلىدە ساقلانغان ئوي-خىياللىرىنىڭ كۈندىن-كۈنگە يامانلىشىۋاتقانلىقىنى كۆردى. 6 پەرۋەردىگار يەر يۈزىدە ئادەمنى ياراتقىنىغا پۇشايمان قىلىپ، كۆڭلىدە ئازابلاندى. 7 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار: «ئۆزۈم ياراتقان ئىنساننى، چارۋا مال، ئۆمىلىگۈچى جانىۋارلار ۋە ھاۋادىكى ئۇچار قاناتلارنىمۇ يەر يۈزىدىن يوقىتىمەن، چۈنكى ئۇلارنى ياراتقىنىمغا پۇشايمان قىلدىم» دېدى. 8 لېكىن نۇھ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئىلتىپاتقا ئېرىشكەنىدى.
نۇھ پەيغەمبەر ۋە توپان بالاسى
9 نۇھنىڭ نەسلىنىڭ بايانى مۇنداق: نۇھ ئۆز زامانىدا ھەققانىي ۋە ئەيىبسىز بىر كىشى بولۇپ، خۇداغا يېقىن ياشاپ ئۇنىڭ يولىدا ماڭدى. 10 نۇھتىن شېم، ھام ۋە يافەت دېگەن ئۈچ ئوغۇل تۆرەلدى. 11 لېكىن دۇنيا خۇدانىڭ كۆز ئالدىدا بۇزۇلغان، يەر يۈزى زۇلۇمغا تولۇپ كەتكەنىدى. 12 خۇدا يەر يۈزىگە نەزەر سېلىپ قارىسا، مانا، دۇنيا بۇزۇلۇپ كەتكەنىدى، چۈنكى بارلىق تىرىك جانلار يەر يۈزىدە ئۆز يولىنى بۇزۇپ تاشلىغانىدى. ■
13 خۇدا نۇھقا مۇنداق دېدى: «مانا، بارلىق تىرىك جانلارنى تۈگىتىشنى قارار قىلدىم، چۈنكى دۇنيا ئۇلارنىڭ زۇلۇمىغا تولۇپ كەتتى. مانا، مەن ئۇلارنى يەر بىلەن قوشۇپ ھالاك قىلىمەن. 14 ئەمدى سەن ئۆزۈڭگە گوفەر ياغىچىدىن بىر كېمە ياسىغىن. كېمىنىڭ ئىچىدە ھۇجرىلار بولسۇن. ئىچى-سىرتىغا قارىماي سۈركىگىن. ■ 15 سەن ئۇنى شۇنداق ياسىغىنكى، ئۇزۇنلۇقى ئۈچ يۈز گەز، كەڭلىكى ئەللىك گەز ۋە ئېگىزلىكى ئوتتۇز گەز بولسۇن. ■ 16 كېمىگە ھەم بىر لەمپە ياساپ، ئۇنى ئۆگزىدىن بىر گەز ئېگىز قىلغىن ۋە كېمىنىڭ يان تەرىپىگە ئىشىك قويغىن. تۆۋەن، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى بولۇپ، كېمىنى ئۈچ قەۋەت قىلىپ ياسىغىن. 17 چۈنكى مانا، مەن ئاسماننىڭ ئاستىدىكى ھاياتلىق نەپىسى بار ھەممىنى ھالاك قىلىدىغان توپاننى يەر يۈزىگە ئەۋەتىمەن. بۇنىڭ بىلەن يەر يۈزىدىكى ھەممىنىڭ نەپىسى توختايدۇ. 18 ئەمما ئەھدەمنى سەن بىلەن تۈزىمەن. سەن ئوغۇللىرىڭ، ئايالىڭ ۋە ئوغۇللىرىڭنىڭ ئاياللىرىنى ئېلىپ، كېمىگە كىرگىن. 19 ئۆزۈڭ بىلەن بىللە ھايات قېلىشى ئۈچۈن جان-جانىۋارلارنىڭ ھەممىسىدىن ئېلىپ، ھەر تۈرىدىن بىر جۈپ ئەركەك-چىشىنى كېمىگە كىرگۈزگىن. 20 ئۇچار قاناتلارنىڭ تۈرلىرى بولسۇن، چارۋا مالنىڭ تۈرلىرى بولسۇن ياكى يەردىكى ھەممە ئۆمىلىگۈچى جانىۋارلارنىڭ تۈرلىرى بولسۇن، ھايات قېلىش ئۈچۈن ھەربىر تۈرىدىن بىر جۈپ ئالدىڭغا كەلسۇن. 21 ئۆزۈڭ ۋە ئۇلار ئۈچۈن يەيدىغان ھەر خىل ئوزۇقتىن ئېلىپ، يېنىڭغا يىغىپ قويغىن». 22 نۇھ شۇنداق قىلدى، ئۇ خۇدا ئۇنىڭغا بۇيرۇغاننىڭ ھەممىسىنى ئورۇنلىدى.