مىسىردىن چىقىش
بەنى ئىسرائىلنىڭ مىسىردا قۇللۇقتا بولۇشى
1
‏1 ئۆز بالا-چاقىلىرىنى ئېلىپ، ياقۇب بىلەن بىللە مىسىرغا بارغان ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسىملىرى تۆۋەندىكىچە:
‏2 رۇبەن، شىمون، لاۋىي، يەھۇدا، ‏3 ئىسساكار، زەبۇلۇن، بەنيامىن، ‏4 دان، نافتالى، گاد ۋە ئاشەر. ‏5 ياقۇبنىڭ پۇشتىدىن بولغانلار ھەممىسى يەتمىش جان ئىدى. بۇ ۋاقىتتا يۈسۈپ مىسىردا ئىدى.    ‏6 كېيىن يۈسۈپ ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى، ھەمدە بارلىق زامانداشلىرى ئالەمدىن ئۆتتى. ‏7 لېكىن ئىسرائىلنىڭ ئەۋلادلىرى كۆپ پەرزەنت كۆرۈپ، تېز كۆپىيىپ، ئىنتايىن كۈچەيدى. زېمىن ئۇلار بىلەن تولۇپ كەتتى.
 
‏8 كېيىن يۈسۈپنى بىلمىگەن يېڭى بىر پادىشاھ مىسىردا تەختكە چىقتى. ‏9 ئۇ ئۆز خەلقىگە: «مانا، بەنى ئىسرائىلنىڭ خەلقى بىزدىن زىيادە كۆپىيىپ كۈچلىنىپ كەتتى. ‏10 ئەمدى بىز ئۇلار بىلەن ئاقىلانە ئىش تۇتايلى. بولمىسا ئۇلار تېخىمۇ كۆپىيىپ كەتكەندە، ئەگەر بىر جەڭ چىقىپ قالسا، ئۇلار دۈشمەنلىرىمىزگە قوشۇلۇپ بىزگە قارشى ئۇرۇش قىلىپ، زېمىندىن چىقىپ كېتىشى مۇمكىن» دېدى. ‏11 شۇنىڭ بىلەن مىسىرلىقلار ئۇلارنى ئېغىر ئىشلار بىلەن ئېزىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئەمگەك نازارەتچىلىرى قويدى. ئۇلار فىرئەۋن ئۈچۈن پىتوم بىلەن رامسەس دېگەن ئامبار شەھەرلىرىنى ياساپ بەردى. ‏12 لېكىن مىسىرلىقلار ئۇلارنى قانچە ئەزسىمۇ، ئۇلار تېخىمۇ كۆپىيىپ، زېمىندا ئاۋۇپ كەتتى. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار بەنى ئىسرائىلدىن ئەنسىرەشكە باشلىدى. ‏13 شۇنىڭ بىلەن مىسىرلىقلار بەنى ئىسرائىلغا تېخىمۇ زۇلۇم قىلىپ، ئۇلارنى تېخىمۇ ئېغىر ئىشلارغا سالدى. ‏14 مىسىرلىقلار لاي ئېتىش، خىش قۇيۇش ۋە ئېتىزلاردا ھەر خىل ئىشلار قىلىش قاتارلىق ئېغىر ئەمگەك بىلەن ئۇلارنىڭ ھاياتىنى ئاچچىق قىلاتتى. ئۇلار ھاشارغا تۇتۇلۇپ، زۇلۇم ئاستىدا قىينىلىپ، ھەممە ئېغىر ئىشلارنى قىلاتتى.
‏15 مىسىر پادىشاھى بىرى شىفرا ۋە يەنە بىرى پۇئا دەپ ئاتالغان ئىككى ئىبرانىي تۇغۇت ئانىسىغا: ‏16 «سىلەر ئىبرانىي ئاياللارنى تۇغدۇرغىنىڭلاردا، ياخشى قاراڭلار. ئەگەر ئوغۇل تۇغۇلسا ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار، قىز تۇغۇلسا ئۇنى تىرىك قالدۇرۇڭلار» دېدى. ‏17 لېكىن تۇغۇت ئانىلىرى خۇدادىن قورقۇپ، مىسىرنىڭ پادىشاھى ئۆزلىرىگە ئېيتقاندەك قىلماي، بەلكى بالىلارنى تىرىك قالدۇردى. ‏18 مىسىرنىڭ پادىشاھى تۇغۇت ئانىلىرىنى چاقىرتىپ، ئۇلاردىن: «نېمىشقا مۇنداق قىلىپ، بالىلارنى تىرىك قالدۇردۇڭلار؟» دەپ سورىدى. ‏19 تۇغۇت ئانىلىرى فىرئەۋنگە: «ئىبرانىي ئاياللار مىسىرلىق ئاياللارغا ئوخشىمايدۇ، ئۇلار تىمەن، كۈچلۈك بولغاچقا تۇغۇت ئانىسى يېتىپ كەلمەستە ئۆزلىرى تۇغۇۋالىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى. ‏20 شۇڭا خۇدا تۇغۇت ئانىلىرىغا مەرھەمەت قىلىپ بەرىكەت ئاتا قىلدى. خەلق بولسا كۆپىيىپ كېتىپ، ناھايىتى كۈچەيدى. ‏21 تۇغۇت ئانىلىرى خۇدادىن قورققىنى ئۈچۈن ئۇ ئۇلارنى ئۆي-ئوچاقلىق قىلىپ بەرىكەتلىدى.
‏22 ئاندىن كېيىن فىرئەۋن ئۆزىنىڭ پۈتۈن خەلقىگە: «ئۇلارنىڭ يېڭى تۇغۇلغان ئوغۇل بالىلىرىنىڭ ھەممىسىنى نىل دەرياسىغا تاشلىۋېتىڭلار، ھەممە قىز بالىلىرىنى تىرىك قالدۇرۇڭلار» دەپ ئەمر قىلدى.
مىسىر ئىمپېرىيەسى (مىس. 14-1)