لاۋىيلار
قۇربانلىقلار
1
‏1 پەرۋەردىگار مۇسانى چاقىرىپ، ئىبادەت چېدىرىدىن ئۇنىڭغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
‏2 «سەن بەنى ئىسرائىلغا مۇنداق دېگىن:
 
‹ئەگەر سىلەردىن بىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا بىر قۇربانلىقنى كەلتۈرۈشنى خالىسا، ئۇنى چارۋا مالدىن، يەنى كالىلاردىن ياكى ئۇششاق ماللاردىن كەلتۈرۈشۈڭلار كېرەكتۇر.
 
كۆيدۈرمە قۇربانلىق
‏3 ئەگەر ئۇنىڭ كالىلاردىن ئېلىنغان قۇربانلىقى كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولسا، ئۇ ئەيىبسىز بىر ئەركەك ھايۋاننى كەلتۈرسۇن. پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا مەقبۇل بولۇش ئۈچۈن ئۇنى ئىبادەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزى ئالدىدا قۇربانلىق قىلسۇن. ‏4 مەقبۇل بولۇپ، ئۇنىڭغا كەفارەت كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولىدىغان ھايۋاننىڭ بېشىغا ئۆز قولىنى قويسۇن.    ‏5 ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا موزاينى بوغۇزلىسۇن. كاھىنلار بولغان ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى قاننى ئېلىپ كېلىپ، ئۇنى ئىبادەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزى ئالدىدىكى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ چۆرىسىگە چاچسۇن. ‏6 ئاندىن كېيىن قۇربانلىق قىلغۇچى كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولغان ھايۋاننىڭ تېرىسىنى سويۇپ، ئۇنى پارچىلىسۇن. ‏7 كاھىن ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى قۇربانلىق سۇپىسىدا ئوت قالاپ، ئوتنىڭ ئۈستىگە ئوتۇن تىزىپ قويسۇن. ‏8 ئاندىن كېيىن ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى بولغان كاھىنلار، گۆش پارچىلىرىنى كاللا ۋە يېغى بىلەن قوشۇپ، قۇربانلىق سۇپىسىدىكى ئوتنىڭ ئۈستىدىكى ئوتۇننىڭ ئۈستىگە تىزىپ قويسۇن. ‏9 لېكىن ئۈچەي-باغىرلىرى ۋە پاچاقلىرى سۇدا يۇيۇلغاندىن كېيىن، كاھىن ھەممىسىنى ئېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن. بۇ ئوتتا كۆيدۈرۈلىدىغان قۇربانلىق پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا خۇش پۇراق كەلتۈرىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولىدۇ.
‏10 ئەگەر ئۇنىڭ قۇربانلىقى پادىلىرىدىن ئېلىنغان قوي ياكى ئۆچكە بولسا ئۇ ئەيىبسىز بىر ئەركەك ھايۋان كەلتۈرسۇن. ‏11 ئۇ ئۇنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ شىمال تەرىپىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا بوغۇزلىسۇن. ئاندىن كېيىن، ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى، يەنى كاھىنلار قاننى ئېلىپ، ئۇنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ چۆرىسىگە چاچسۇن. ‏12 قۇربانلىق قىلغۇچى گۆشنى پارچىلاپ، كاللا بىلەن ياغنى كېسىپ ئايرىسۇن. ئاندىن كاھىن بۇ نەرسىلەرنى ئېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىدىكى ئوتنىڭ ئۈستىدىكى ئوتۇننىڭ ئۈستىگە تىزىپ قويسۇن. ‏13 لېكىن ئۈچەي-باغىرلىرى ۋە پاچاقلىرى سۇدا يۇيۇلغاندىن كېيىن، كاھىن ھەممىسىنى ئېلىپ كېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن. بۇ ئوتتا كۆيدۈرۈلىدىغان قۇربانلىق پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا خۇش پۇراق كەلتۈرىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولىدۇ.
 
‏14 ئەگەر ئۇ پەرۋەردىگار ئۈچۈن ئۇچار قاناتلاردىن كۆيدۈرمە قۇربانلىق كەلتۈرۈشنى خالىسا، پاختەكلەردىن ياكى كەپتەر باچكىلىرىدىن قۇربانلىق كەلتۈرسۇن. ‏15 كاھىن ئۇنى قۇربانلىق سۇپىسىغا ئېلىپ كېلىپ، بېشىنى تولغاپ ئۈزۈپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن. قېنى بولسا قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تېمىغا سىقىپ سېپىلسۇن. ‏16 تاشلىقىنى، ئىچىدىكى نەرسىلىرى بىلەن قوشۇپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى كۈللۈككە تاشلىۋەتسۇن. ‏17 قۇربانلىق قىلغۇچى، قۇربانلىقنى پارچىلىۋەتمەي، ئۇنىڭ ئىككىلا قانىتىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن يېرىپ قويسۇن. ئاندىن كېيىن كاھىن بۇنى ئېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىدىكى ئوتنىڭ ئۈستىدىكى ئوتۇننىڭ ئۈستىگە قويۇپ كۆيدۈرسۇن. بۇ ئوتتا كۆيدۈرۈلىدىغان قۇربانلىق پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا خۇش پۇراق كەلتۈرىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولىدۇ.