چۆل-باياۋاندىكى سەپەر
ھەممە ئەر كىشىلەرنىڭ ساناقتىن ئۆتكۈزۈلۈشى
1
‏1 بەنى ئىسرائىل مىسىر زېمىنىدىن چىققاندىن كېيىن، ئىككىنچى يىلى ئىككىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى پەرۋەردىگار سىناي چۆلىدە، ئۇچرىشىش چېدىرىدا مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
‏2 «پۈتۈن بەنى ئىسرائىل جامائىتىنىڭ سانىنى ئېلىپ، ھەممە ئەر كىشىلەر بىر-بىرلەپ سانىلىپ، ئۆز ئائىلە-جەمەتلىرى بويىچە ئىسىملىرى بىلەن تىزىملانسۇن. ‏3 سەن ھارۇن بىلەن بىرگە ئىسرائىلنىڭ يىگىرمە ياشتىن ئېشىپ، جەڭگە چىقالايدىغان ھەممە ئەر كىشىلەرنى، ئۇلارنىڭ قوشۇن قىسىملىرى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈڭلار. ‏4 بۇنى قىلغىنىڭلاردا ھەر قەبىلىدىن بىردىن كىشى، يەنى ھەربىرى ئۆز ئاتا جەمەتىنىڭ باشلىقى بولغان كىشى، سىلەر بىلەن بىللە بولسۇن. ‏5 سىلەرگە ياردەم بېرىپ تۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرى مۇنۇلاردۇر:
رۇبەن قەبىلىسىدىن: شېدېئۇرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇر،
‏6 شىمون قەبىلىسىدىن زۇرىشاداينىڭ ئوغلى شېلۇمىئەل،
‏7 يەھۇدا قەبىلىسىدىن ئامىنادابنىڭ ئوغلى ناھشون،
‏8 ئىسساكار قەبىلىسىدىن زوئارنىڭ ئوغلى نەتانەل،
‏9 زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن خېلوننىڭ ئوغلى ئەلىئاب،
‏10 يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئەفرائىم قەبىلىسىدىن ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشاما، ماناسسە قەبىلىسىدىن پېداھسۇرنىڭ ئوغلى گاملىئەل،
‏11 بەنيامىن قەبىلىسىدىن گىدېئونىنىڭ ئوغلى ئابىدان،
‏12 دان قەبىلىسىدىن ئامىشاداينىڭ ئوغلى ئاخىئەزەر،
‏13 ئاشەر قەبىلىسىدىن ئوكراننىڭ ئوغلى پاگىئەل،
‏14 گاد قەبىلىسىدىن دەيۇئەلنىڭ ئوغلى ئەلياساف
‏15 ۋە نافتالى قەبىلىسىدىن ئېناننىڭ ئوغلى ئاخىرا».
‏16 بۇلار جامائەت ئىچىدىن تاللاندى. ئۇلار ئاتا جەمەتلىرىنىڭ باشلىقلىرى بولۇپ، بەنى ئىسرائىلنىڭ مىڭلىرىغا سەردار بولغان كىشىلەر ئىدى.
‏17 مۇسا ۋە ھارۇن ئىسمى ئاتالغان مەزكۇر كىشىلەرنى ئۆزلىرى بىلەن بىللە ئېلىپ، ‏18 ئىككىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى پۈتۈن جامائەتنى جەم قىلدى. ئۇلار خەلقنىڭ نەسەبنامىلىرىنى خەتلىۋېلىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقانلارنى بىر-بىرلەپ ساناپ، ئائىلە-جەمەتلىرى بويىچە ئىسىملىرى بىلەن تىزىملىدى.
 
‏19 پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك ئۇ ئۇلارنى سىناي چۆلىدە ساناقتىن ئۆتكۈزدى.
 
‏20 ئىسرائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبەننىڭ نەسلىدىن بولغان خەلقنىڭ ئىچىدىن يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە يارايدىغان ئەر كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ سانىلىپ، ئۆز ئائىلە-جەمەتلىرىنىڭ نەسەبى بويىچە ئىسىملىرى بىلەن تىزىملاندى. ‏21 رۇبەن قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەرنىڭ سانى قىرىق ئالتە مىڭ بەش يۈز كىشى ئىدى.
‏22 شىموننىڭ نەسلىدىن بولغان خەلقنىڭ ئىچىدىن يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە يارايدىغان ئەر كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ سانىلىپ، ئائىلە-جەمەتلىرىنىڭ نەسەبى بويىچە ئىسىملىرى بىلەن تىزىملاندى. ‏23 شىمون قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەرنىڭ سانى ئەللىك توققۇز مىڭ ئۈچ يۈز كىشى ئىدى.
‏24 گادنىڭ نەسلىدىن بولغان خەلقنىڭ ئىچىدىن يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە يارايدىغان ئەر كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز ئائىلە-جەمەتلىرىنىڭ نەسەبى بويىچە ئىسىملىرى بىلەن تىزىملاندى. ‏25 گاد قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەرنىڭ سانى قىرىق بەش مىڭ ئالتە يۈز ئەللىك كىشى ئىدى.
‏26 يەھۇدانىڭ نەسلىدىن بولغان خەلقنىڭ ئىچىدىن يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە يارايدىغان ئەر كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز ئائىلە-جەمەتلىرىنىڭ نەسەبى بويىچە ئىسىملىرى بىلەن تىزىملاندى. ‏27 يەھۇدا قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەرنىڭ سانى يەتمىش تۆت مىڭ ئالتە يۈز كىشى ئىدى.
‏28 ئىسساكارنىڭ نەسلىدىن بولغان خەلقنىڭ ئىچىدىن يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە يارايدىغان ئەر كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز ئائىلە-جەمەتلىرىنىڭ نەسەبى بويىچە ئىسىملىرى بىلەن تىزىملاندى. ‏29 ئىسساكار قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەرنىڭ سانى ئەللىك تۆت مىڭ تۆت يۈز كىشى ئىدى.
‏30 زەبۇلۇننىڭ نەسلىدىن بولغان خەلقنىڭ ئىچىدىن يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە يارايدىغان ئەر كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز ئائىلە-جەمەتلىرىنىڭ نەسەبى بويىچە ئىسىملىرى بىلەن تىزىملاندى. ‏31 زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەرنىڭ سانى ئەللىك يەتتە مىڭ تۆت يۈز كىشى ئىدى.
‏32 يۈسۈپنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ بىرى بولغان ئەفرائىمنىڭ نەسلىدىن بولغان خەلقنىڭ ئىچىدىن يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە يارايدىغان ئەر كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز ئائىلە-جەمەتلىرىنىڭ نەسەبى بويىچە ئىسىملىرى بىلەن تىزىملاندى. ‏33 ئەفرائىم قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەرنىڭ سانى قىرىق مىڭ بەش يۈز كىشى ئىدى. ‏34 ئۇنىڭ يەنە بىر ئوغلى ماناسسەنىڭ نەسلىدىن بولغان خەلقنىڭ ئىچىدىن يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە يارايدىغان ئەر كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز ئائىلە-جەمەتلىرىنىڭ نەسەبى بويىچە ئىسىملىرى بىلەن تىزىملاندى. ‏35 ماناسسە قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەرنىڭ سانى ئوتتۇز ئىككى مىڭ ئىككى يۈز كىشى ئىدى.
‏36 بەنيامىننىڭ نەسلىدىن بولغان خەلقنىڭ ئىچىدىن يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە يارايدىغان ئەر كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز ئائىلە-جەمەتلىرىنىڭ نەسەبى بويىچە ئىسىملىرى بىلەن تىزىملاندى. ‏37 بەنيامىن قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەرنىڭ سانى ئوتتۇز بەش مىڭ تۆت يۈز كىشى ئىدى.
‏38 داننىڭ نەسلىدىن بولغان خەلقنىڭ ئىچىدىن يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە يارايدىغان ئەر كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز ئائىلە-جەمەتلىرىنىڭ نەسەبى بويىچە ئىسىملىرى بىلەن تىزىملاندى. ‏39 دان قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەرنىڭ سانى ئاتمىش ئىككى مىڭ يەتتە يۈز كىشى ئىدى.
‏40 ئاشەرنىڭ نەسلىدىن بولغان خەلقنىڭ ئىچىدىن يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە يارايدىغان ئەر كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز ئائىلە-جەمەتلىرىنىڭ نەسەبى بويىچە ئىسىملىرى بىلەن تىزىملاندى. ‏41 ئاشەر قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەرنىڭ سانى قىرىق بىر مىڭ بەش يۈز كىشى ئىدى.
‏42 نافتالىنىڭ نەسلىدىن بولغان خەلقنىڭ ئىچىدىن يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە يارايدىغان ئەر كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز ئائىلە-جەمەتلىرىنىڭ نەسەبى بويىچە ئىسىملىرى بىلەن تىزىملاندى. ‏43 نافتالى قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەرنىڭ سانى ئەللىك ئۈچ مىڭ تۆت يۈز كىشى ئىدى.
‏44 مەزكۇر كىشىلەر بولسا مۇسا ھارۇن ۋە ھەربىرى ئۆز ئاتا جەمەتىگە باشلىق بولغان بەنى ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى رەھبىرى بىلەن بىللە ساناقتىن ئۆتكۈزۈپ سانىغان كىشىلەر ئىدى. ‏45 بەنى ئىسرائىلنىڭ ئىچىدىن يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە يارايدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئاتا جەمەتلىرى بويىچە تىزىملاندى. ‏46 ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئالتە يۈز ئۈچ مىڭ بەش يۈز ئەللىك كىشى ئىدى.
‏47 لېكىن لاۋىيلار ئاتا جەمەتى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلمىدى. ‏48 چۈنكى پەرۋەردىگار مۇساغا ئىلگىرى سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەنىدى: ‏49 «سەن پەقەت لاۋىي قەبىلىسىنىلا ساناقتىن ئۆتكۈزمىگىن، ئۇلارنىڭ سانىنى قالغان بەنى ئىسرائىلغىمۇ قوشمىغىن، ‏50 بەلكى لاۋىيلارنى شاھادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭ بارچە ئەسۋاب-ئەشيالىرىنى بېقىشقا تەيىنلەپ، ئۇنىڭ ھەممە نەرسىلىرىگە مەسئۇل قىلىپ قويغىن. ئۇلار ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭ ئەسۋاب-جابدۇقلىرىنى كۆتۈرۈپ خىزمەت قىلسۇن ۋە ئىبادەت چېدىرىنىڭ چۆرىسىدە چېدىرلىرىنى تىكسۇن.    ‏51 ئىبادەت چېدىرىنى ئېلىپ ماڭىدىغان ۋاقىتتا لاۋىيلار ئۇنى سۆكۈپ يىغسۇن ۋە ئىبادەت چېدىرىنى تىكىدىغان ۋاقىت كەلسە، لاۋىيلار ئۇنى تىكسۇن. ئەگەر بىر يات كىشى ئىبادەت چېدىرىغا يېقىن كەلسە، ئۆلتۈرۈلسۇن. ‏52 قالغان بەنى ئىسرائىل بولسا ئۆز قوشۇن قىسىملىرى بويىچە ھەربىرى ئۆز جايىدا ئۆز تۇغىنىڭ ئاستىدا چېدىرلىرىنى تىكسۇن. ‏53 لېكىن لاۋىيلار، بەنى ئىسرائىل جامائىتىنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ قەھر-غەزىپىگە ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن، شاھادەت چېدىرىنىڭ چۆرىسىدە چېدىرلىرىنى تىكسۇن. ئۇلار شاھادەت چېدىرىنىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل بولسۇن».
‏54 بەنى ئىسرائىل ھەر ئىشتا پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلدى.