ۋەدە قىلغاننىڭ ئورنىغا پۇل بېرىشى
27
‏1 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
‏2 «سەن بەنى ئىسرائىلغا مۇنداق دېگىن: ‹ئەگەر بىر كىشى پەرۋەردىگارغا ئاتاش توغرىسىدا قىلغان ۋەدىسىنى ئادا قىلماقچى بولسا، ئاتىغان كىشى توغرىسىدا ئۇ سەن توختاتقان جېنىنىڭ باھاسى بويىچە ئىش قىلىشى كېرەك.
‏3 يېشى يىگىرمە ياشتىن ئاتمىش ياشقىچە بولغان ئەر كىشىنىڭ باھاسىنى، سەن مۇقەددەس جاينىڭ شېكەلىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئەللىك شېكەل كۈمۈشكە توختاتقىن. ‏4 ئايال كىشىنىڭ باھاسىنى ئوتتۇز شېكەلگە توختاتقىن.
‏5 ئەگەر يېشى بەش ياشتىن يىگىرمە ياشقىچە بولسا، سەن ئەركەك كىشىنىڭ باھاسىنى يىگىرمە شېكەلگە، ئايال كىشىنىڭ باھاسىنى ئون شېكەلگە توختاتقىن.
‏6 ئەگەر يېشى بىر ئايدىن بەش ياشقىچە بولسا، سەن ئوغۇل بالىنىڭ باھاسىنى بەش شېكەل كۈمۈشكە، قىز بالىنىڭ باھاسىنى ئۈچ شېكەل كۈمۈشكە توختاتقىن.
‏7 ئەگەر يېشى ئاتمىش ياكى ئۇنىڭدىن چوڭراق بولسا، سەن ئەر كىشىنىڭ باھاسىنى ئون بەش شېكەلگە، ئايال كىشىنىڭ باھاسىنى ئون شېكەلگە توختاتقىن.
‏8 ئەگەر بىر كىشى سەن توختاتقان باھانى بېرىشكە ئاجىز كەلسە، ئۇ كاھىننىڭ ئالدىدا تۇرغۇزۇلسۇن ۋە كاھىن ئۇنىڭ باھاسىنى بېكىتسۇن. كاھىن ۋەدە قىلغان كىشىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، ئۇنىڭ باھاسىنى بېكىتىپ بەرسۇن.
 
‏9 ئەگەر ئۇ كىشىنىڭ پەرۋەردىگار ئۈچۈن كەلتۈرىدىغىنى ھايۋان بولسا، بۇنداق پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ھايۋانلار، مۇقەددەس ھېسابلىنىدۇ. ‏10 ئۇ ھەرگىز ھايۋاننى باشقا بىرىگە ئالماشتۇرمىسۇن، ناچار بولسا ئۇنى ياخشى بىرىگە ياكى ياخشى بولسا ئۇنى ناچار بىرىگە ئالماشتۇرمىسۇن. مۇبادا بىر ھايۋاننى يەنە بىر ھايۋان بىلەن ئالماشتۇرماقچى بولسا، ئاۋۋالقىسى ۋە ئورنىغا ئالماشتۇرۇلغان ھەر ئىككىلىسى مۇقەددەس ھېسابلانسۇن.
‏11 ئەگەر ھايۋان پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سۇنۇشقا بولمايدىغان بىر ناپاك ھايۋان بولسا، بۇ ھايۋان كاھىننىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىنسۇن. ‏12 ئاندىن كاھىن ئۇنىڭ ياخشى-يامانلىقىغا قاراپ باھاسىنى توختاتسۇن. كاھىن ئۇنىڭ باھاسىنى قانچىگە توختاتقان بولسا، شۇنچە بولسۇن.
‏13 ئەگەر ئىگىسى پۇل تۆلەپ، ھايۋاننى قايتۇرۇۋېلىشنى خالىسا، ئۇ سەن توختاتقان باھاغا يەنە ئۇنىڭ بەشتىن بىرىنى قوشۇپ بەرسۇن.
 
‏14 ئەگەر بىر كىشى ئۆيۈم پەرۋەردىگارغا ئاتىلىپ مۇقەددەس بولسۇن دەپ ئۆيىنى ئۇنىڭغا ئاتىغان بولسا، كاھىن ئۆينىڭ ياخشى-يامانلىقىغا قاراپ، باھاسىنى توختاتسۇن. كاھىن باھاسىنى قانچىگە توختاتقان بولسا، شۇنچە بولسۇن. ‏15 ئەگەر ئۆيىنى پەرۋەردىگارغا ئاتىغان كىشى ئۇنى قايتۇرۇۋېلىشنى خالىسا، ئۇ سەن توختاتقان باھاغا ئۇنىڭ بەشتىن بىرىنى قوشۇپ بەرسۇن، ئاندىن ئۆيى يەنە ئۆزىنىڭ بولىدۇ.
 
‏16 ئەگەر بىر كىشى ئۆز مىراسى بولغان ئېتىزلىقىنىڭ بىر قىسمىنى پەرۋەردىگارغا ئاتىسا، سەن ئۇنىڭغا تېرىلىدىغان ئۇرۇق مىقدارىغا قاراپ باھاسىنى بېكىتكىن. شۇنداقكى، بىر خومەر ئارپا ئۇرۇقى كېتىدىغان يەر بولسا، ئۇنىڭ باھاسى ئەللىك شېكەل كۈمۈشكە توختىتىلسۇن.    ‏17 ئەگەر بىر كىشى شادلىق يىلىدىن تارتىپ ئۆز ئېتىزلىقىنى پەرۋەردىگارغا ئاتىغان بولسا، سەن ئۇنىڭ باھاسىنى قانچىگە توختاتقان بولساڭ، شۇنچە بولسۇن. ‏18 ئەگەر بىر كىشى شادلىق يىلىدىن كېيىن ئۆز ئېتىزلىقىنى پەرۋەردىگارغا ئاتىغان بولسا، كاھىن كېلىدىغان شادلىق يىلىغىچە قانچىلىك قالغانلىقىنى ھېساب قىلىپ، باھاسىنى توختاتسۇن. ئۆتۈپ كەتكەن يىللارغا قاراپ بېكىتىلگەن تولۇق باھاسىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىنسۇن. ‏19 ئەگەر بىر كىشى ئۆز ئېتىزلىقىنى پەرۋەردىگارغا ئاتىغاندىن كېيىن، پۇل تۆلەپ ئۇنى قايتۇرۇۋالاي دېسە، سەن توختاتقان باھاسىغا يەنە ئۇنىڭ بەشتىن بىرىنى قوشۇپ بەرسۇن. ئاندىن ئېتىزلىق يەنە ئۆزىنىڭ بولىدۇ.
‏20 ئەگەر ئۇ ئېتىزلىقنى پۇل تۆلەپ قايتۇرۇۋالماي، باشقا كىشىگە سېتىپ بەرسە، كېيىن ئۇ ئېتىزلىقنى قايتۇرۇۋېلىشقا بولمايدۇ، ‏21 بەلكى شادلىق يىلىدا ئېتىزلىقنى قايتۇرۇش پەيتى كەلگەندە، بۇ ئېتىزلىق خۇددى تولۇق بېغىشلانغان يەرگە ئوخشاش پەرۋەردىگارغا ئاتاپ مۇقەددەس دەپ سانىلىپ، كاھىنلارغا تېگىپ، ئۇلارنىڭ مىراس يېرى بولۇپ قالىدۇ.
‏22 ئەگەر بىر كىشى سېتىۋالغان، لېكىن ئۆز مىراسى بولمىغان بىر ئېتىزلىقنى پەرۋەردىگارغا ئاتىغان بولسا، ‏23 كاھىن شادلىق يىلىغىچە قالغان يىللارنى ھېسابلاپ، ئېتىزلىقنىڭ باھاسىنى توختاتسۇن. ئۇ كۈنى بۇ كىشى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلغان نەرسىنىڭ سەن توختاتقان باھاسى بويىچە پۇل تۆلەپ بەرسۇن. ‏24 لېكىن شادلىق يىلى كەلگەندە ئېتىزلىق كىمدىن ئېلىنغان بولسا، يەنى يەرنىڭ ئىگىسى بولغان كىشىگە قايتۇرۇپ بېرىلسۇن. ‏25 سەن توختىتىدىغان باھالار ھەمىشە مۇقەددەس جاينىڭ شېكەلىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ھېسابلىنىپ، بىر شېكەل يىگىرمە گېراھقا باراۋەر بولسۇن.
 
‏26 لېكىن چارۋا مالنىڭ تۇنجى بالىسى بولسا تۇنجىلىقى سەۋەبىدىن پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ بولغاچقا، مەيلى كالا بولسۇن، مەيلى ئۆچكە ياكى قوي بولسۇن، ئۇنى ھېچكىم پەرۋەردىگارغا ئاتىمىسۇن، چۈنكى ئۇ ئەسلىدە پەرۋەردىگارنىڭدۇر. ‏27 لېكىن بۇ ناپاك بىر ھايۋاننىڭ تۇنجى بالىسى بولسا، ئىگىسى سەن توختاتقان باھاسىغا يەنە ئۇنىڭ بەشتىن بىرىنى قوشۇپ بېرىپ، قايتۇرۇۋالسۇن. لېكىن بەدەل تۆلەپ ئۇنى قايتۇرۇۋېلىشنى خالىمىسا، بۇ ھايۋان سەن توختاتقان باھاغا سېتىلسۇن.
‏28 ئەگەر بىر كىشى پەرۋەردىگارغا ئۆز مېلىدىن بىر نەرسىنى تولۇق بېغىشلىغان بولسا، مەيلى ئۇ ئادەم بولسۇن، مەيلى ھايۋان بولسۇن ياكى مىراس يېرى بولسۇن، ئۇنداق نەرسە ھەرگىز سېتىلمىسۇن ياكى پۇلغا قايتۇرۇلۇپ ئېلىنمىسۇن. پەرۋەردىگارغا تولۇق بېغىشلانغان ھەر نەرسە ئەڭ مۇقەددەس بولۇپ، پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ بولىدۇ. ‏29 ئەگەر بىر ئادەم ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنغان بولسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەرگىز بەدەل تۆلىنىپ قايتۇرۇۋېلىنمىسۇن، بەلكى چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن.
‏30 مەيلى يەرنىڭ ئاشلىقى بولسۇن ياكى دەرەخلەرنىڭ مېۋىسى بولسۇن، يەردىن چىققان ھەممە ھوسۇلنىڭ ئوندىن بىرى پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ بولۇپ، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلىنسۇن. ‏31 ئەگەر بىر كىشى ئۇنىڭ تاپقان مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئوندىن بىر قىسمى ئۈچۈن پۇل تۆلەپ، ئۇنى قايتۇرۇۋېلىشنى خالىسا، ئۇنىڭغا يەنە ئۇنىڭ باھاسىنىڭ بەشتىن بىرىنى قوشۇپ بېرىپ قايتۇرۇۋالسۇن. ‏32 پادىدىكى ھەممە كالا ۋە ئۇششاق مالنىڭ تەقدىم قىلىنىدىغان ئوندىن بىر قىسمى بولسا: پادىچىنىڭ تايىقىنىڭ تېگىدىن ئۆتكەن ھەر ئونىنچى ھايۋان پەرۋەردىگارغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلىنسۇن. ‏33 ھېچكىم ئۇنىڭ ياخشى-يامانلىقىغا قاراپ باقمىسۇن ۋە ئۇنى تېگىشىۋالمىسۇن. ئەگەر ئۇنى تېگىشكەن بولسا، ئاۋۋالقىسى بىلەن ئورنى تېگىشتۈرۈلگەن ھەر ئىككىلىسى مۇقەددەس ھېسابلانسۇن. ئۇ ھەرگىز قايتۇرۇۋېلىنمىسۇن›».
‏34 مانا بۇلار پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا مۇسا ئارقىلىق بەنى ئىسرائىلغا بەرگەن ئەمرلەردۇر.