بەرىكەت ۋە لەنەت
26
1 سىلەر ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ھېچقانداق بۇت ياسىماڭلار. ئويما بۇت ياكى ھەيكەل-تۈۋرۈك تۇرغۇزماڭلار، چوقۇنۇش ئۈچۈن ئويۇلغان رەسىملىك تاشلارنىمۇ زېمىنىڭلاردا زىنھار تىكلىمەڭلار. چۈنكى مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. 2 مېنىڭ شابات كۈنلىرىمگە رىئايە قىلىڭلار ۋە مۇقەددەس جايىمغا ھۆرمەت قىلىڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
3 ئەگەر سىلەر مېنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرىم بويىچە مېڭىپ، ئەمرلىرىمنى تۇتۇپ، ئۇلارغا ئەمەل قىلساڭلار، 4 يەر ھوسۇلىنى بەرسۇن ۋە زېمىندىكى دەرەخلەر مېۋىسىنى بەرسۇن دەپ، مەن ۋاقتىدا يامغۇر ئەۋەتىمەن. 5 شۇنداقكى، ئۈزۈم يىغىش ۋاقتىغىچە خامان تېپىلىدۇ، يېڭى تېرىلغۇ مەزگىلىگىچە ئۈزۈم يىغىلىدۇ. ۋە سىلەر نېنىڭلارنى تويغۇچە يەپ، زېمىندا تىنچ-ئامان تۇرىسىلەر. 6 مەن بۇ زېمىنغا تىنچ-ئامانلىق ئاتا قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن سىلەر ھېچكىمدىن قورقماي، ئارام ئېلىپ يېتىپ ئۇخلايسىلەر. يىرتقۇچ ھايۋانلارنى زېمىنىڭلاردىن يوقىتىۋېتىمەن ۋە شۇنداقلا قىلىچ زېمىنىڭلاردىن ئۆتمەيدۇ. 7 سىلەر ئۆز دۈشمەنلىرىڭلارنى قوغلىغىنىڭلاردا ئۇلار ئالدىڭلاردا قىلىچلىنىپ يىقىلىدۇ. 8 سىلەردىن بەش كىشى يۈز كىشىنى قوغلاپ، يۈز كىشى ئون مىڭنى قاچۇرىدۇ. دۈشمەنلىرىڭلار ئالدىڭلاردا قىلىچ زەربىسىدە يىقىلىدۇ. 9 مەن يۈزۈمنى سىلەرگە قارىتىپ، سىلەرگە كۆپ پەرزەنت ئاتا قىلىپ، نەسلىڭلارنى كۆپەيتىمەن ۋە سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدەمدە چىڭ تۇرىمەن. 10 سىلەر يىغىپ ساقلىغان كونا ئاشلىقنى يەۋاتقىنىڭلاردا، يېڭى ئاشلىق چىققاندا، يەپ تۈگىتەلمىگەن كونىسىنى چىقىرىشقا مەجبۇر بولىسىلەر. 11 مەن ئاراڭلاردا ماكانىمنى تۇرغۇزىمەن ۋە سىلەردىن بىزار بولۇپ سىلەرنى تاشلىۋەتمەيمەن. 12 مەن ئاراڭلاردا مېڭىپ، خۇدايىڭلار بولىمەن ۋە سىلەر مېنىڭ خەلقىم بولىسىلەر. 13 ئۇ يەردە قۇل بولۇپ تۇرماسلىقىڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، بويۇنتۇرۇقۇڭلارنى سۇندۇرۇپ، سىلەرنى تىك تۇرغۇزۇپ ماڭغۇزغان خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار مەندۇرمەن.
14 لېكىن سىلەر ماڭا قۇلاق سالماي، بۇ ئەمرلەرنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلماي، 15 مېنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمنى تاشلىساڭلار ۋە جانلىرىڭلار ھۆكۈملىرىمدىن بىزار بولسا ۋە پۈتۈن بۇيرۇقلىرىمغا ئەمەل قىلماي، ئەھدەمنى بۇزساڭلار، 16 مەنمۇ سىلەرگە شۇنداق قىلىپ، سىلەرگە قورقۇنچ سېلىپ، كۆزۈڭلارنى تورلاشتۇرىدىغان، جېنىڭلارنى زەئىپلەشتۈرىدىغان كېزىك-ۋابالارنى ئۈستۈڭلارغا ئەۋەتىمەن. سىلەرگە تېرىپ تىككىنىڭلارنىڭ پايدىسى بولمايدۇ، چۈنكى دۈشمەنلىرىڭلار ئۇنى يەپ كېتىدۇ. 17 مەن سىلەرگە قارشى چىققىنىمدا، سىلەر دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ ئالدىدا مەغلۇپ بولىسىلەر. سىلەرنى ئۆچ كۆرگەن كىشىلەر ئۈستۈڭلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ھېچكىم سىلەرنى قوغلىمىسىمۇ، سىلەر قېچىپ كېتىسىلەر. 18 بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن ئىبرەت ئالماي، يەنىلا ماڭا قۇلاق سالمىساڭلار، مەن سىلەرگە گۇناھىڭلار ئۈچۈن يەتتە ھەسسە ئارتۇق جازا بېرىپ، 19 ئۆز كۈچۈڭلارنىڭ ھاكاۋۇرلۇقىنى سۇندۇرىمەن ۋە ئاسمىنىڭلارنى تۆمۈردەك، يېرىڭلارنى مىستەك قىلىۋېتىمەن. 20 تارتقان جاپايىڭلار بىكار بولىدۇ، يېرىڭلار ھوسۇل بەرمەيدۇ ۋە زېمىندىكى دەرەخلەرمۇ مېۋە بەرمەيدۇ.
21 ماڭا قارشى چىقىپ، ماڭا قۇلاق سالمىساڭلار، مەن گۇناھلىرىڭلارغا لايىق تەرىقىدە سىلەرنى يەتتە ھەسسە ئارتۇق ئۇرۇپ، 22 ئاراڭلاردا بالىلىرىڭلارنى ئۆلتۈرۈپ، چارۋا ماللىرىڭلارنى يوقىتىدىغان، يوللىرىڭلار چۆلدەرەپ قالغۇدەك دەرىجىدە سىلەرنى ئازايتىدىغان يىرتقۇچ ھايۋانلارنى ئەۋەتىمەن.
23 ئەگەر بۇنىڭدىنمۇ ئىبرەت-تەربىيە ئالماي، ماڭا قارشى تۇرساڭلار، 24 مەنمۇ سىلەرگە قارشى چىقىپ، سىلەرنى گۇناھىڭلار ئۈچۈن يەنە يەتتە ھەسسە زىيادە ئۇرۇپ، 25 ئەھدە بۇزغاننىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۈستۈڭلارغا قىلىچ ئەۋەتىمەن. سىلەر شەھەرلەرگە يىغىلغىنىڭلاردا ئاراڭلارغا ۋابا ئەۋەتىمەن. سىلەر دۈشمەنلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالىسىلەر. 26 مەن رىزقىڭلارنى كەسكىنىمدە، ئون ئايال بىرلىشىپ بىر تونۇردا نان يېقىپ، نانلىرىڭلارنى سىلەرگە تارازىدا تارتىپ بېرىدۇ، ئەمما بۇنى يېگىنىڭلار بىلەن تويمايسىلەر. 27 ئەگەر سىلەر پۈتۈن بۇلاردىن ئىبرەت ئالماي، يەنىلا ماڭا قۇلاق سالماي، ماڭا قارشى تۇرساڭلار، 28 مەنمۇ غەزەپ بىلەن سىلەرگە قارشى چىقىپ، گۇناھلىرىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى يەنە يەتتە ھەسسە زىيادە ئۇرىمەن. 29 شۇنداقكى، سىلەر ئوغۇللىرىڭلارنىڭ گۆشىنى ۋە قىزلىرىڭلارنىڭ گۆشىنى يەيسىلەر. 30 شۇنداقلا مەن تۆپىلىكلەردىكى سەجدىگاھلىرىڭلارنى ۋەيران قىلىپ، كۈن تۈۋرۈكلىرىڭلارنى چېقىۋېتىپ، ئۆلۈكلىرىڭلارنى سۇنۇق نىجىس بۇتلىرىڭلارنىڭ ئۈستىگە تاشلىۋېتىمەن. ئۇ چاغدا مېنىڭ روھىم سىلەردىن بىزار بولىدۇ. 31 مەن شەھەرلىرىڭلارنى ۋەيران قىلىپ، مۇقەددەس جايلىرىڭلارنى بۇزۇۋېتىمەن. خۇشبۇي ئىسرىقىڭلارنى يەنە پۇرىماقچى بولمايمەن. 32 مەن زېمىننى ئۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان دۈشمەنلىرىڭلار ھەيران قالغۇدەك تەرىقىدە ۋەيران قىلىۋېتىمەن.
33 مەن سىلەرنى يات ئەللەرگە تەرقىتىۋېتىمەن ۋە كەينىڭلاردىن قىلىچنى سۇغۇرۇپ قوغلايمەن. بۇ تەرىقىدە زېمىنىڭلار ۋەيران بولۇپ، شەھەرلىرىڭلار خارابىلىككە ئايلىنىدۇ. 34 ئۇ ۋاقىتتا، سىلەر دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ زېمىنىدا تۇرۇۋاتقىنىڭلاردا، زېمىن بىكار تۇرۇپ، ئۆز شابات كۈنلىرىدىن سۆيۈنىدۇ. شۇ چاغدىلا زېمىن ئارام ئېلىپ، ئۆز شاباتلىرىدىن سۆيۈنۈپ، 35 قۇرۇق تۇرغان ھەممە كۈنلىرىدە ئارام ئالىدۇ، چۈنكى سىلەر ئۇ يەردە تۇرغان ۋاقىتتا شابات يىللىرىدا زېمىن ئارام تاپمىغانىدى.
36 قۇتۇلۇپ قالغانلىرىڭلار دۈشمەنلەرنىڭ زېمىنىدا تۇرغىنىدا، مەن ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىگە قورقۇنچاقلىق ئەۋەتىمەن. شۇنداقكى، ئۇلار چۈشكەن يوپۇرماقنىڭ شەپىسىنى ئاڭلىسا، قىلىچتىن قاچقاندەك قاچىدۇ. ھېچكىم ئۇلارنى قوغلىمىسىمۇ، يىقىلىپ چۈشىدۇ. 37 ھېچكىم ئۇلارنى قوغلىمىسىمۇ، قىلىچتىن يىقىتىلغاندەك بىر-بىرىنىڭ ئۈستىگە يىقىلىشىپ چۈشىدۇ. سىلەر دۈشمەنلىرىڭلارغا قارشى تۇرۇشقا كۈچ تاپالماي، 38 يات ئەللەر ئارىسىدا ھالاك بولىسىلەر. دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ زېمىنى سىلەرنى يەپ كېتىدۇ.
39 قۇتۇلۇپ قالغانلىرىڭلار بولسا ئۆز يامانلىقى تۈپەيلى دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ زېمىنىدا زەئىپلىشىپ، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يامانلىقىدا يۈرۈپ، خۇددى شۇلار ئاجىزلىشىپ كەتكەندەك ئۇلارمۇ ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ.
40 ھالبۇكى، ئۇلار ئۆزى قىلغان يامانلىقىنى ۋە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ماڭا قارشى چىقىپ ئاسىي بولۇپ تۇرغىنىنى ئىقرار قىلىپ، 41 ئۇلارنىڭ ئۆز ئاسىيلىقى مېنىڭ ئۇلارغا قارشى چىقىپ ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرغىنىمنىڭ سەۋەبى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلسا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلار خەتنىسىز كۆڭۈللىرىنى تۆۋەن تۇتۇپ، ئۆز يامانلىقىنىڭ جازاسىنى قوبۇل قىلسا، 42 ئۇنداقتا مەن ياقۇب بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى ئېسىمگە كەلتۈرۈمەن، شۇنداقلا ئىسئھاق بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى ۋە ئىبراھىم بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنىمۇ ئېسىمگە كەلتۈرىمەن، زېمىننىمۇ ياد ئېتىمەن.
43 زېمىن ئۇلاردىن تاشلىنىپ قېلىپ، ئۇلار يوق بولغىنىدا بىكار تۇرۇپ، ئۆز شاباتلىرىدىن سۆيۈنىدۇ. ئۇلار بولسا يامانلىقىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ، چۈنكى ئۇلار مېنىڭ ئەھكاملىرىمنى تاشلىغانىدى ۋە جانلىرى قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمدىن بىزار بولغانىدى.
44 ھالبۇكى، شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلار ئۆز دۈشمەنلىرىنىڭ زېمىنىدا تۇرغان ۋاقتىدا، مەن ئۇلارنى يوقىتىپ، ئۇلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى بۇزغۇدەك تەرىقىدە ئۇلاردىن بىزار بولۇپ ئۇلارنى تاشلىۋەتمەيمەن. چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگاردۇرمەن. 45 لېكىن مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولۇش ئۈچۈن، ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا مىسىردىن ئېلىپ چىققان ئاتا-بوۋىلىرى بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى ئۇلارنىڭ ياخشىلىقى ئۈچۈن ئېسىمدە تۇتىمەن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن›».
46 مانا بۇلار پەرۋەردىگار مۇسانى ۋاسىتە قىلىپ، سىناي تېغىدا ئۆزى بىلەن بەنى ئىسرائىلنىڭ ئارىسىدا بېكىتكەن ھۆكۈم ۋە قانۇنلاردۇر.