شابات يىلى ۋە شادلىق يىلى
25
‏1 پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
‏2 «سەن بەنى ئىسرائىلغا مۇنداق دېگىن: ‹مەن سىلەرگە بېرىدىغان زېمىنغا كىرگىنىڭلاردا ئۇ زېمىنمۇ پەرۋەردىگارنىڭ شابات ئارامىنى تاپسۇن. ‏3 سىلەر ئالتە يىل زېمىنىڭلارنى تېرىپ تىكىپ، ئۈزۈمزارلىقىڭلارنىمۇ ئالتە يىل چاتاپ، ھوسۇللىرىنى يىغىسىلەر. ‏4 لېكىن يەتتىنچى يىلى زېمىن ئارام ئېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ شابات ئارامىنى تاپسۇن. شۇ يىلى سەن يېرىڭنى تېرىپ تىكمىگىن، ئۈزۈمزارلىقلىرىڭنىمۇ چاتىمىغىن. ‏5 ئۆزلۈكىدىن ئۈنۈپ قالغان ھوسۇلنى كەسمىگىن، چاتالمىغان ئۈزۈم تېلىڭنىڭ ئۈزۈملىرىنىمۇ يىغمىغىن، چۈنكى بۇ يىل يەرنىڭ ئارام ئالىدىغان يىلىدۇر. ‏6 لېكىن زېمىننىڭ شاباتىدا چىققان ھوسۇل سىلەرگە ئوزۇق بولىدۇ. سەن ئۆزۈڭ، خىزمەتكار ۋە دېدىكىڭ، مەدىكارىڭ ۋە سېنىڭكىدە تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارمۇ شۇنىڭدىن ئوزۇقلىنىسىلەر. ‏7 ماللىرىڭ ۋە زېمىنىڭدىكى ياۋايى ھايۋانلارمۇ ئۇنىڭ ھەممە ھوسۇلىدىن غىزا تاپىدۇ.
 
‏8 بۇنىڭدىن باشقا، سىلەر يەتتە شابات يىلىنىڭ دەۋرىنى ھېساب قىلىپ، يەتتە ھەسسە يەتتە يىل ساناڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، يەتتە شابات يىلىنىڭ دەۋرى قىرىق توققۇز يىل چىقىدۇ. ‏9 شۇنچىلىك ۋاقىت ئۆتۈپ، يەتتىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنى يۇقىرى ئاۋازدا بۇرغا چېلىڭلار. ئۇ كەفارەت كۈنىدە پۈتۈن زېمىنىڭلاردا بۇرغىنىڭ ساداسىنى ياڭرىتىسىلەر. ‏10 شۇ ئەللىكىنچى يىلىنى مۇقەددەس دەپ بىلىپ، پۈتۈن زېمىندا ياشاۋاتقانلارغا ئازادلىقنى جاكارلاڭلار. بۇ سىلەرگە شادلىق يىلى بولغاچقا ھەربىرىڭلار ئۆز يەر-مۈلۈكلىرىڭلارغا ۋە ھەربىرىڭلار ئۆز جەمەتىڭلارغا قايتىسىلەر. ‏11 بۇ ئەللىكىنچى يىلى سىلەرگە شادلىق يىلى بولسۇن. شۇ يىلى ھېچنېمە تېرىمەڭلار، ئۆزلۈكىدىن ئۈنۈپ قالغان ھوسۇلنىمۇ ئورماڭلار ۋە چاتالمىغان تاللىرىڭلارنىڭ ئۈزۈملىرىنىمۇ يىغماڭلار. ‏12 چۈنكى بۇ شادلىق يىلى بولغاچقا، سىلەرگە مۇقەددەس بولسۇن. ئۇنىڭ ھوسۇلىنى ئېتىزلاردىن تېپىپ يەيسىلەر.
‏13 شادلىق يىلىدا ھەربىر ئادەم ئۆز ئىگىدارچىلىقىدىكى جايىغا قايتسۇن. ‏14 ئەگەر سىلەر قوشناڭلارغا بىر نەرسە سېتىپ بەرسەڭلار ياكى قوشناڭلاردىن بىر نەرسىنى سېتىۋالساڭلار، بىر-بىرىڭلارغا ناھەقچىلىق قىلماي، ‏15 شادلىق يىلىدىن كېيىن نەچچە يىل ئۆتكەن بولسا، شۇ بويىچە ھېساب قىلىپ قوشناڭغا پۇل بېرىپ، ئۇنى سېتىۋالغىن. ئۇمۇ يىللارنىڭ سانىغا قاراپ ھوسۇللارنى ھېسابلاپ ساڭا ساتسۇن. ‏16 يىللار قانچە زىيادە بولغان بولسا، شۇنىڭ بويىچە باھاسىنى كۆتۈرگىن. يىللار قانچە كەم بولغان بولسا، باھاسىنى شۇنچە كېمەيتكىن. چۈنكى ئۇ يىللارنىڭ سانىغا قاراپ ئۇلارنىڭ ھوسۇلىنى ساڭا ساتىدۇ. ‏17 سىلەر بىر-بىرىڭلارغا ناھەقچىلىق قىلماڭلار، بەلكى خۇدايىڭلاردىن قورقۇڭلار، چۈنكى مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن.
 
‏18 سىلەر مېنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمغا رىئايە قىلىپ، ھۆكۈملىرىمنى ساقلاپ، ئۇلارغا ئەمەل قىلساڭلار، بۇ زېمىندا تىنچ-ئامان تۇرىسىلەر. ‏19 زېمىن سىلەرگە ھوسۇل بەرگەچكە، سىلەر تويغۇدەك يەپ، ئۇ يەردە تىنچ-ئامان تۇرىسىلەر. ‏20 ئەگەر سىلەر: «بىزگە تېرىپ، ھوسۇلىمىزنى يىغىشقا ئىجازەت بېرىلمىسە، يەتتىنچى يىلى نېمە يەيمىز؟» دەپ سورىساڭلار، ‏21 سىلەرگە مەلۇم بولسۇنكى، ئالتىنچى يىلىدا ئۈچ يىللىق ھوسۇل بەرسۇن دەپ مەن ئۈستۈڭلارغا بەرىكىتىمنى ئەۋەتىمەن. ‏22 شۇنداق بولىدۇكى، سىلەر سەككىزىنچى يىلىدا تېرىقچىلىق قىلىسىلەر، ۋە تاكى توققۇزىنچى يىلىنىڭ ھوسۇلىنى يىغقۇچە كونا ئاشلىقتىن يەيسىلەر.
 
‏23 يەر سېتىلسا، مەڭگۈلۈك سېتىلمىسۇن، چۈنكى يەر مېنىڭكىدۇر. سىلەر بولساڭلار مېنىڭ قېشىمدا مۇساپىر ۋە مېھمان بولۇپ تۇرىسىلەر. ‏24 سىلەرگە بېرىلىدىغان پۈتۈن زېمىندا سېتىلغان يەرنى، ئىگىلىرىنىڭ قايتۇرۇۋېلىشىغا رۇخسەت بېرىشىڭلار كېرەك. ‏25 ئەگەر قېرىندىشىڭدىن بىرى كەمبەغەل بولۇپ قېلىپ، ئۆز مىراس يېرىنى سېتىۋەتكەن بولسا، ئۇنىڭ يېقىن تۇغقىنى كېلىپ، قېرىندىشى ساتقان يەرنى قايتۇرۇۋالسۇن. ‏26 ئەگەر ئۇنىڭ يېقىن تۇغقىنى بولمىسا، لېكىن ئۇ كېيىن قايتۇرۇۋېلىشقا لازىم بولىدىغان پۇلنى ئۆزى تاپالىسا، ‏27 ساتقىنىغا نەچچە يىل بولغىنىنى ھېسابلاپ، شادلىق يىلىغىچە قالغان يىللار ئۈچۈن سېتىۋالغان كىشىگە پۇل بېرىپ، ئۆز يېرىنى قايتۇرۇۋالسۇن. ‏28 لېكىن قايتۇرۇۋېلىشقا لازىم بولىدىغان پۇلنى تاپالمىسا، ئۆزى سېتىپ بەرگەن يەر شادلىق يىلىغىچە ئالغۇچىنىڭ قولىدا تۇرسۇن. لېكىن شادلىق يىلى كەلگەندە يەر ئۇنىڭ قولىدىن چىقىپ، ساتقان كىشىنىڭ قولىغا قايتىپ كېلىدۇ.
 
‏29 ئەگەر بىر كىشى سېپىللىق شەھەرنىڭ ئىچىدىكى بىر ئولتۇراق ئۆينى ساتقان بولسا، ئۆينى ساتقاندىن كېيىن بىر يىلغىچە ئۇنى قايتۇرۇۋالالايدۇ. يىل تۈگەپ بولغۇچە ئۇنى قايتۇرۇۋېلىش ھوقۇقى باردۇر. ‏30 لېكىن پۈتۈن بىر يىل توشقۇچە قايتۇرۇۋېلىنمىسا، سېپىللىق شەھەرنىڭ ئىچىدە بولغان بۇ ئۆي نەسىلدىن نەسىلگە ئالغان كىشىنىڭ قولىدا قېلىپ، شادلىق يىلى كەلسىمۇ، قايتۇرۇلمايدۇ. ‏31 لېكىن سېپىلسىز كەنتلەرنىڭ ئۆيلىرى بولسا بۇ زېمىننىڭ يېرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنى قايتۇرۇۋېلىش ھوقۇقى باردۇر ۋە شادلىق يىلى كەلگەندە قايتۇرۇلىدۇ. ‏32 لېكىن لاۋىيلارنىڭ شەھەرلىرىدە، لاۋىيلارنىڭ خالىغان ۋاقىتتا ئۆز مىراسى بولغان شەھەرلىرىنىڭ ئۆيلىرىنى قايتۇرۇۋېلىش ھوقۇقى باردۇر. ‏33 ئەگەر لاۋىيلاردىن بولغان بىر كىشى ئۆز مىراسى بولغان شەھىرىدە باشقا بىر ئۆينى ئالسىمۇ، شادلىق يىلى كەلگەندە قايتۇرۇلىدۇ. چۈنكى لاۋىيلارنىڭ شەھەرلىرىنىڭ ئۆيلىرى لاۋىيلارنىڭ بەنى ئىسرائىلنىڭ ئارىسىدىكى مىراسى بولىدۇ. ‏34 ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىگە تەۋە چۆرىسىدىكى يايلاقلار ئۇلارنىڭ مەڭگۈلۈك مىراسى بولغاچقا، سېتىلمىسۇن.
 
‏35 ئەگەر قېرىندىشىڭ كەمبەغەل بولۇپ سەن بىلەن تۇرۇپ، مۇھتاج ئەھۋالدا بولسا، سەن ئۇنىڭدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرغىن. ئۇ سېنىڭكىدە بىر مۇساپىر ياكى بىر مېھماندەك تۇرسۇن. ‏36 ئۇنىڭدىن ئۆسۈم ياكى پايدا ئالمىغىن، بەلكى خۇدايىڭدىن قورققىن، قېرىندىشىڭنى ئاراڭلاردا ياشاپ تۇرسۇن. ‏37 ئۇنىڭغا ئۆسۈمگە قەرز بەرمىگىن، ئاشلىقىڭنىمۇ ئۇنىڭغا پايدا ئېلىش ئۈچۈن ئۆتنە بەرمىگىن. ‏38 مەن خۇدايىڭلار بولۇش ئۈچۈن، كەنئان زېمىنىنى سىلەرگە بېرىشكە سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن.
‏39 ئەگەر قېرىندىشىڭ سەن بىلەن تۇرۇپ، كەمبەغەل بولۇپ قېلىپ، ئۆزىنى ساڭا ساتسا، ئۇنى قۇللۇق ئىشىغا سالمىغىن. ‏40 بەلكى ئۇ بىر مەدىكار ياكى مۇساپىردەك قېشىڭدا تۇرۇپ، شادلىق يىلىغىچە ساڭا خىزمەت قىلىپ تۇرسۇن. ‏41 ئاندىن ئۇ ئازاد بولۇپ، بالىلىرى بىلەن بىللە سېنىڭ قېشىڭدىن چىقىپ، ئۆز جەمەتىگە، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى جايىغا قايتسۇن. ‏42 چۈنكى ئۇلار مەن ئۆزۈم مىسىردىن ئېلىپ چىققان خىزمەتكارلىرىم بولغاچقا، قۇلدەك سېتىلمىسۇن. ‏43 سەن ئۇلارنى قاتتىقلىق بىلەن باشقۇرمىغىن، بەلكى خۇدايىڭدىن قورققىن. ‏44 لېكىن سەن ئۆزۈڭگە بىر قۇل ياكى دېدەكنى ئالماقچى بولساڭ، مۇنداق قۇل ياكى دېدەكنى ئەتراپىڭدىكى ئەللەردىن پۇلغا سېتىۋالغىن. ‏45 بۇلاردىن باشقا ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارنىڭ بالىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ زېمىنىڭلاردا تۇغۇلغان ۋە ئاراڭلاردا ياشاۋاتقان تۇغقانلىرىدىن قۇللار سېتىۋالساڭلار بولىدۇ. ئۇلار سىلەرنىڭ مۈلكۈڭلار بولۇپ قالىدۇ. ‏46 سىلەر ئۇلارنى ئۆزۈڭلاردىن كېيىنكى بالىلىرىڭلارغا مىراس قىلىپ بېرىپ، ئۇلارنى داۋاملىق ھالدا قۇل قىلىپ ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ. لېكىن قېرىنداشلىرىڭلار بولغان بەنى ئىسرائىلنىڭ ئارىسىدىن ھېچكىمنى قاتتىقلىق بىلەن باشقۇرماڭلار.
‏47 ئەگەر سەن بىلەن تۇرغان بىر مۇساپىر ياكى ياقا يۇرتلۇق باي بولۇپ قالسا ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى قېرىندىشىڭ كەمبەغەل بولۇپ قېلىپ، ئۆز-ئۆزىنى ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرغا ياكى بۇ مۇساپىرنىڭ تۇغقانلىرىغا ساتسا، ‏48 ئۇ سېتىلىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ يەنە قايتۇرۇپ ئېلىنالايدۇ. ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ بىرى ئۇنى سېتىۋېلىپ قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرالايدۇ. ‏49 بولمىسا تاغىسى، تاغىسىنىڭ ئوغلى ياكى جەمەتىدىن بولغان يېقىن تۇغقىنى ئۇنى سېتىۋېلىپ قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرالىدۇ ياكى بولمىسا ئۆز كۈچى يەتسە، پۇلنى بېرىپ ئۆز-ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇپ ئازاد قىلالايدۇ. ‏50 ئۇ خوجىسى بىلەن سۆزلىشىپ، سېتىلغان يىلدىن تارتىپ شادلىق يىلىغىچە قانچىلىك قالغانلىقىنى ھېسابلىسۇن. سېتىۋېلىش باھاسى يىللارنىڭ سانىغا قاراپ، مادىكارنىڭ ئىشلىگەن كۈنلىرىنىڭ ھەققىگە ئاساسەن ھېسابلانسۇن. ‏51 شادلىق يىلىغا تېخى كۆپ يىل بار بولسا، شۇنى ھېساب قىلىپ، ئازاد بولۇش ئۈچۈن، سېتىلغان پۇلنىڭ ھېسابى بويىچە قالغان قىسمىنى ھېسابلاپ بەرسۇن. ‏52 ئەگەر شادلىق يىلىغا ئاز يىللار قالغان بولسا، ئۇنى ھەم ھېساب قىلىپ، قالغان يىللار بويىچە ئازاد قىلىش بەدىلىنى تۆلەپ بەرسۇن. ‏53 ئۇ خوجىسىنىڭ قېشىدا تۇرغان يىللاردا، بىر مەدىكاردەك تۇرسۇن. خوجىسى سېنىڭ كۆز ئالدىڭدا ئۇنىڭغا قاتتىقلىق بىلەن خوجىلىق قىلمىسۇن. ‏54 ئۇ مەزكۇر يوللاردا قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرۇلالمىسا، شادلىق يىلى كەلگەندە ئۇ قويۇپ بېرىلىپ، بالىلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ئازاد بولسۇن.
‏55 چۈنكى بەنى ئىسرائىل مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم بولىدۇ. ئۇلار مەن ئۆزۈم مىسىردىن ئېلىپ چىققان خىزمەتكارلىرىمدۇر. مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن.