چىراغدان ۋە تەقدىم نان توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر
24
‏1 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
‏2 «بەنى ئىسرائىلغا: ‹چىراغلارنىڭ ھەمىشە يېنىق تۇرۇشى ئۈچۈن، ساپ زەيتۇن يېغىنى ماڭا ئېلىپ كېلىڭلار› دەپ بۇيرۇغىن. ‏3 ھارۇن ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئىچىدە، شاھادەت ساندۇقىنىڭ ئالدىدىكى ئايرىما پەردىنىڭ سىرتىدىكى چىراغلار ئاخشامدىن سەھەرگىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا يېنىپ تۇرسۇن دەپ ئۇلاردىن خەۋەر ئېلىپ تۇرسۇن. بۇ سىلەر ئۈچۈن نەسىلدىن نەسىلگە مەڭگۈلۈك قانۇن-بەلگىلىمە بولىدۇ. ‏4 ھارۇن ھەمىشە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرغان پاك ئالتۇن چىراغداندىكى چىراغلاردىن خەۋەر ئېلىپ تۇرسۇن. ‏5 سەن ئېسىل ئۇندىن ئون ئىككى توقاچ پىشۇرغىن. ھەربىر توقاچ بىر ئېفانىڭ ئوندىن ئىككىسىگە باراۋەر بولسۇن. ‏6 ئاندىن سەن بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىكى ئالتۇن شىرەنىڭ ئۈستىدە ئالتىدىن ئىككى قاتار قىلىپ تىزغىن. ‏7 يادلىنىش ھەسسىسى بولۇش ئۈچۈن، ھەربىر قاتارنىڭ ئۈستىگە ساپ مەستىكى قويۇپ قويغىن. بۇ مەستىكى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئوتتا كۆيدۈرۈلىدىغان ھەدىيە بولىدۇ. ‏8 بۇلار مەڭگۈلۈك ئەھدە بويىچە بەنى ئىسرائىل نامىدىن ھەربىر شەبەت كۈنى ھەمىشە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا قويۇلسۇن.    ‏9 نانلار ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تېگىپ، مۇقەددەس يەردە يېيىلسۇن. چۈنكى بۇ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئوتتا كۆيدۈرۈلىدىغان ھەدىيە-قۇربانلىقلار ئىچىدىن ئۇنىڭغا تېگىشلىك ئەڭ مۇقەددەس نەرسە بولىدۇ. بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىدۇر».
 
خۇدانىڭ نامىغا كۇپۇرلۇق قىلىش گۇناھىنىڭ جازاسى
‏10 ئانىسى ئىسرائىل خەلقىدىن بولۇپ، ئاتىسى مىسىرلىق بولغان بىر ئادەم بەنى ئىسرائىلنىڭ ئارىسىغا باردى. بۇ ئىسرائىل ئايالنىڭ ئوغلى بارگاھتا بىر ئىسرائىل ئادەم بىلەن ئۇرۇشۇپ قالدى. ‏11 ئۇلار ئۇرۇشقاندا، ئىسرائىل ئايالنىڭ ئوغلى پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ھاقارەت كەلتۈرۈپ قارغىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى مۇسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. ئۇ كىشىنىڭ ئانىسى بولسا دان قەبىلىسىدىن بولغان دىبرىنىڭ قىزى بولۇپ، ئىسمى شېلومىت ئىدى.
‏12 ئۇلار ئۇ كىشىنى پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى چىققۇچە سولاپ قويدى. ‏13 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
‏14 «قارغىغۇچىنى بارگاھنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىڭلار ۋە ئۇنىڭ ئېيتقىنىنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۆز قوللىرىنى ئۇنىڭ بېشىغا قويسۇن. ئاندىن جامائەت بىر بولۇپ ئۇنى چالما-كېسەك قىلسۇن. ‏15 سەن بەنى ئىسرائىلغا مۇنداق دېگىن: ‹كىمكى ئۆز خۇداسىغا كۇپۇرلۇق قىلسا، ئۆز گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ. ‏16 ئەگەر بىر كىشى پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا كۇپۇرلۇق قىلسا، چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن. جامائەت بىر بولۇپ ئۇنى چالما-كېسەك قىلسۇن. مەيلى مۇساپىر بولسۇن، مەيلى يەرلىك ئادەم بولسۇن، پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا كۇپۇرلۇق قىلغان كىشى ئۆلتۈرۈلسۇن.
 
‏17 كىمكى بىر ئادەمنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرسە، چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن. ‏18 كىمكى بىر مال ھايۋاننى ئۆلتۈرسە، ئورنىغا ھايۋان تۆلەپ، جانغا جان بەرسۇن.
‏19 ئەگەر بىر كىشى ئۆز قوشنىسىنى مېيىپ قىلغان بولسا، ئۆزى قىلغاندەك ئۇنىڭ ئۆزىگىمۇ شۇنداق قىلىنسۇن، ‏20 سۇندۇرۇلغان ئەزانىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ ئۆز ئەزاسى سۇندۇرۇلسۇن، كۆزگە كۆز، چىشقا چىش بېرىلسۇن. ئۇ باشقا كىشىنى قانداق زەخىملەندۈرگەن بولسا، ئۇنىڭغىمۇ شۇنداق قىلىنسۇن.
‏21 كىمكى بىر مال ھايۋاننى ئۆلتۈرسە، ھايۋان تۆلەپ بەرسۇن. لېكىن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرگەن كىشى ئۆلتۈرۈلسۇن.
‏22 سىلەردە بىرلا قانۇن بولسۇن، مۇساپىر ۋە يەرلىك ئادەمگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنسۇن، چۈنكى مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن›».
 
‏23 مۇسا بەنى ئىسرائىلغا بۇلارنى ئۇقتۇرغاندىن كېيىن، ئۇلار قارغىغۇچىنى بارگاھنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ، چالما-كېسەك قىلدى. شۇنداق قىلىپ، بەنى ئىسرائىل پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىنى ئورۇنلىدى.