23
‏1 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
‏2 «سەن بەنى ئىسرائىلغا مۇنداق دېگىن: ‹پەرۋەردىگارنىڭ ھېيتلىرى، يەنى، سىلەر «مۇقەددەس يىغىلىش بولسۇن» دەپ ئېلان قىلىدىغان مېنىڭ ھېيتلىرىم مۇنۇلاردۇر: ‏3 ئالتە كۈن ئىش قىلىنسۇن. لېكىن يەتتىنچى كۈنى ئارام ئالىدىغان شابات كۈنى ۋە مۇقەددەس يىغىلىش كۈنى بولغاچقا، ئۇ كۈندە ھېچ ئىش قىلماڭلار. تۇرىدىغان ھەممە جايىڭلاردا ئۇ كۈن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان شابات كۈنى بولىدۇ.
 
‏4 سىلەر بېكىتىلگەن ۋاقىتلاردا ئېلان قىلىدىغان پەرۋەردىگارنىڭ ھېيتلىرى بولغان مۇقەددەس يىغىلىش كۈنلەر مۇنۇلاردۇر:
‏5 بىرىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى ئاخشام ۋاقتىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى بولىدۇ.    ‏6 شۇ ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ پېتىر نان ھېيتى بولىدۇ. سىلەر يەتتە كۈن پېتىر نان يەڭلار. ‏7 بىرىنچى كۈنى سىلەر بىر مۇقەددەس يىغىلىش ئۈچۈن جەم بولۇڭلار. ئۇ كۈندە ھېچبىر ئىش قىلماڭلار. ‏8 سىلەر يەتتە كۈن پەرۋەردىگار ئۈچۈن ئوتتا كۆيدۈرۈلىدىغان قۇربانلىق سۇنۇڭلار. يەتتىنچى كۈنى بىر مۇقەددەس يىغىلىش بولىدۇ. ئۇ كۈندە ھېچبىر ئىش قىلماڭلار›».
 
‏9 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
‏10 «سەن بەنى ئىسرائىلغا مۇنداق دېگىن: ‹سىلەر مەن ئۆزۈڭلارغا بېرىدىغان زېمىنغا كىرىپ، ئۇنىڭ ھوسۇلىنى يىغقىنىڭلاردا تۇنجى پىشقان زىرائەتلىرىڭلارنىڭ باغلىمىنى كاھىنغا ئېلىپ بېرىڭلار. ‏11 قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتسۇن. كاھىن ئۇنى شابات كۈنىنىڭ ئەتىسى پۇلاڭلاتسۇن. ‏12 سىلەر ئۇنى پۇلاڭلاتقان كۈندە، بىر ياشلىق ئەيىبسىز بىر ئەركەك قوزىنى پەرۋەردىگار ئۈچۈن كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنۇڭلار. ‏13 ئۇنىڭغا قوشۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن، ياغ ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇندىن بىر ئېفانىڭ ئوندىن بىرىنى ئوتتا كۆيدۈرۈلىدىغان ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا خۇش پۇراق كەلتۈرىدىغان ھەدىيە سۈپىتىدە سۇنۇڭلار، بۇنىڭغا قوشۇلىدىغان ئىچىملىك ھەدىيەسى ئۈچۈن شارابتىن تۆتتىن بىر ھىن سۇنۇڭلار. ‏14 سىلەر خۇدايىڭلار ئۈچۈن بۇ ھەدىيەنى كەلتۈرگەن كۈنگىچە يېڭى ھوسۇلدىن مەيلى نان بولسۇن، مەيلى قوماچ ياكى كۆك باش بولسۇن ھېچنېمىنى يېمەڭلار. بۇ سىلەر ئۈچۈن، تۇرىدىغان ھەممە جايىڭلاردا نەسىلدىن نەسىلگە مەڭگۈلۈك قانۇن-بەلگىلىمە بولىدۇ.
 
‏15 ئاندىن كېيىن سىلەر بۇ شاباتنىڭ ئەتىسىدىن تارتىپ، يەنى سىلەر باغلامنى پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە سۇنغان كۈندىن تارتىپ، تولۇق يەتتە ھەپتە ساناڭلار.    ‏16 يەتتىنچى شاباتنىڭ ئەتىسىگىچە ئەللىك كۈن ساناپ، ئاندىن يېڭى ھوسۇلدىن پەرۋەردىگار ئۈچۈن بىر ھەدىيە كەلتۈرۈڭلار. ‏17 سىلەر تۇرىدىغان جايىڭلاردىن بىر ئېفانىڭ ئوندىن ئىككىسىچىلىك مىقداردا ئېسىل ئۇندىن قىلىنغان، بولدۇرۇلغان خېمىردىن پىشۇرۇلغان ئىككى ناننى ئېلىپ كېلىپ، پەرۋەردىگار ئۈچۈن دەسلەپكى ھوسۇل ھەدىيەسى سۈپىتىدە كەلتۈرۈڭلار. ‏18 سىلەر ناندىن باشقا يەنە بىر ياشلىق يەتتە ئەيىبسىز ئەركەك قوزا، بىر تورپاق ۋە ئىككى قوچقارنى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە، ئۇنىڭغا قوشۇلىدىغان ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرى بىلەن بىللە ئېلىپ كېلىڭلار. بۇ ئوتتا كۆيدۈرۈلىدىغان، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا خۇش پۇراق كەلتۈرىدىغان قۇربانلىقتۇر. ‏19 بۇنىڭدىن باشقا، سىلەر گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكىنى ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر ياشلىق ئىككى ئەركەك قوزىنى كەلتۈرۈڭلار. ‏20 كاھىن بۇلارنى، بۇ ئىككى ئەركەك قوزا بىلەن بىللە كەلتۈرۈلگەن دەسلەپكى ھوسۇلنىڭ نانلىرىغا قوشۇپ، پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتسۇن. بۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلىنىپ، كاھىنغا تەگسۇن. ‏21 ئۇ كۈنى سىلەر: «بۇگۇن بىز مۇقەددەس بىر يىغىلىش ئۈچۈن جەم بولىمىز» دەپ ئېلان قىلىڭلار. ئۇ كۈندە ھېچبىر ئىش قىلماڭلار. بۇ سىلەر ئۈچۈن تۇرىدىغان ھەممە جايىڭلاردا مەڭگۈلۈك قانۇن-بەلگىلىمە بولىدۇ.
‏22 زېمىنىڭلارنىڭ ھوسۇلىنى يىغقان ۋاقتىڭلاردا، سەن ئېتىزىڭنىڭ تامام چېتىگىچە ئورۇۋەتمىگىن، ھوسۇلۇڭنى يىغىپ بولغاندىن كېيىن، چۈشۈپ قالغان باشاقلارنى تېرىۋالمىغىن، بەلكى بۇلارنى كەمبەغەل ۋە مۇساپىرغا قالدۇرۇپ قويغىن. مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن›».
 
‏23 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
‏24 «سەن بەنى ئىسرائىلغا مۇنداق دېگىن: ‹يەتتىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى سىلەرگە ئارام ئالىدىغان شابات كۈنى بولىدۇ. ئۇ كۈنى بۇرغا چېلىنىشى بىلەن خاتىرە ھېيتى ئۆتكۈزۈپ، مۇقەددەس يىغىلىشقا جەم بولۇڭلار.    ‏25 ئۇ كۈندە ھېچبىر ئىش قىلماي، پەرۋەردىگار ئۈچۈن ئوتتا كۆيدۈرۈلىدىغان بىر قۇربانلىق سۇنۇڭلار›».
‏26 پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
‏27 «يەتتىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنى كەفارەت كۈنى بولىدۇ. ئۇ كۈندە سىلەر مۇقەددەس يىغىلىشقا جەم بولۇپ، نەپسىڭلارنى يىغىپ، پەرۋەردىگار ئۈچۈن ئوتتا كۆيدۈرۈلىدىغان بىر قۇربانلىق سۇنۇڭلار. ‏28 ئۇ كۈندە ھېچ ئىش قىلماڭلار. چۈنكى ئۇ كەفارەت كۈنىدۇر، ئۇ كۈندە سىلەر ئۈچۈن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كەفارەت كەلتۈرۈلىدۇ. ‏29 ئۇ كۈنى نەپسىنى يىغىپ ئۆزىنى تۆۋەن تۇتمىغان ھەر كىشى ئۆز خەلقىدىن يۇلۇپ تاشلىنىدۇ. ‏30 كىمكى ئۇ كۈننىڭ ئۆزىدە بىر ئىش قىلسا، مەن ئۇنى ئۆز خەلقى ئارىسىدىن يۇلۇپ تاشلايمەن. ‏31 ئۇ كۈندە ھېچ ئىش قىلماڭلار. بۇ سىلەر ئۈچۈن، تۇرىدىغان ھەممە جايىڭلاردا نەسىلدىن نەسىلگە مەڭگۈلۈك قانۇن-بەلگىلىمە بولىدۇ. ‏32 ئۇ كۈن سىلەر ئۈچۈن ئارام ئالىدىغان شابات كۈنى بولىدۇ. ئۇ كۈنى نەپسىڭلارنى يىغىڭلار. ئاينىڭ توققۇزىنچى كۈنىنىڭ ئاخشىمىدىن تارتىپ ئەتىسى ئاخشامغىچە بۇ شابات ئارامىغا رىئايە قىلىڭلار».
 
‏33 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
‏34 «سەن بەنى ئىسرائىلغا مۇنداق دېگىن: ‹يەتتىنچى ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنىدىن باشلاپ يەتتە كۈنگىچە پەرۋەردىگارنىڭ كەپە تىكىش ھېيتى بولىدۇ. ‏35 بىرىنچى كۈنى بىر مۇقەددەس يىغىلىش بولىدۇ، ئۇ كۈندە ھېچبىر ئىش قىلماڭلار. ‏36 سىلەر يەتتە كۈن پەرۋەردىگارغا ئوتتا كۆيدۈرۈلىدىغان قۇربانلىق سۇنۇڭلار. سەككىزىنچى كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۈچۈن جەم بولۇپ، پەرۋەردىگار ئۈچۈن ئوتتا كۆيدۈرۈلىدىغان قۇربانلىق سۇنۇڭلار. بۇ ھېيت يىغىلىشى بولغاچقا، ئۇ كۈندە ھېچبىر ئىش قىلماڭلار.
 
‏37 مانا بۇلار سىلەر: «مۇقەددەس يىغىلىش بولىدۇ» دەپ ئېلان قىلىدىغان پەرۋەردىگارنىڭ ھېيتلىرىدۇر. بۇ كۈنلەردە ھەر كۈنى ئۇ كۈنگە بېكىتىلگىنى بويىچە، پەرۋەردىگارغا ئوتتا كۆيدۈرۈلىدىغان ھەدىيە-قۇربانلىقلارنى، يەنى كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، ئاشلىق ھەدىيەلىرى، سويۇم قۇربانلىقلار ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇنۇڭلار. ‏38 بۇ قۇربانلىقلارنى، پەرۋەردىگارنىڭ شابات كۈنلىرىگە بېكىتىلگەن قۇربانلىقلار، باشقا ھەدىيەلىرىڭلار ۋە بارلىق ۋەدە بويىچە ياكى ئۆز ئىختىيارىڭلار بىلەن كەلتۈرگەن قۇربانلىقلىرىڭلاردىن سىرت سۇنۇشۇڭلار كېرەك. ‏39 سىلەر يەرنىڭ ھوسۇلىنى يىغىپ بولۇپ، يەتتىنچى ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈندىن باشلاپ يەتتە كۈنگىچە پەرۋەردىگارنىڭ ھېيتىنى ئۆتكۈزۈڭلار. بىرىنچى كۈندە شابات ئارامى بولىدۇ، سەككىزىنچى كۈنىدىمۇ شابات ئارامى بولىدۇ. ‏40 بىرىنچى كۈنى سىلەر ئېسىل دەرەخلەردىن شاخ-پۇتاقلار ئېلىپ، يەنى خورما دەرىخى ۋە قويۇق يوپۇرماقلىق دەرەخلەرنىڭ شاخلىرىنى ۋە جىلغا سۆگىتى چىۋىقلىرىنى كېسىۋېلىپ، خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا يەتتە كۈن شادلىنىپ يايرايىسىلەر. ‏41 ھەر يىلى پەرۋەردىگار ئۈچۈن يەتتە كۈن بۇ ھېيتنى ئۆتكۈزۈڭلار. بۇ سىلەر ئۈچۈن نەسىلدىن نەسىلگە مەڭگۈلۈك قانۇن-بەلگىلىمە بولىدۇ. بۇ ھېيتنى يەتتىنچى ئايدا ئۆتكۈزۈڭلار. ‏42 سىلەر يەتتە كۈن كەپىلەردە ئولتۇرۇڭلار. ئىسرائىلنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغانلارنىڭ ھەممىسى كەپىلەردە ئولتۇرسۇن. ‏43 بۇنىڭ بىلەن، مەن بەنى ئىسرائىلنى مىسىر زېمىنىدىن چىقارغىنىمدا، ئۇلارنى كەپىلەردە تۇرغۇزغىنىمنى ئەۋلادلىرىڭلار بىلسۇن. مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن›». ‏44 شۇنداق قىلىپ مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ بېكىتكەن ھېيتلىرىنى بەنى ئىسرائىلغا جاكارلىدى.