22
‏1 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
‏2 «سەن ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا ئېيتقىنكى، ئۇلار مېنىڭ نامىمنى بۇلغىماسلىقى ئۈچۈن بەنى ئىسرائىلنىڭ ماڭا ئاتىغان مۇقەددەس نەرسىلىرى بىلەن ئېھتىياتچان بولسۇن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. ‏3 ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ‹سىلەرنىڭ نەسلىڭلاردىن بولغان ئەۋلادلىرىڭلارنىڭ ئىچىدە بىرى بەنى ئىسرائىل پەرۋەردىگارغا ئاتىغان مۇقەددەس نەرسىلەرگە ناپاك ھالىتىدە يېقىنلاشسا، ئۇنداق كىشى ئالدىمدىن قوغلىنىپ يوقىتىلىدۇ. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. ‏4 ئەگەر ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ بىرى ماخاۋ كېسىلىگە ياكى ئاقمىغا گىرىپتار بولغان بولسا، پاك بولمىغۇچە مۇقەددەس نەرسىلەردىن يېمىسۇن. بىر كىشى ئۆلۈكنىڭ سەۋەبىدىن ناپاك بولغان بىرىگە ياكى مەنىيسى چۈشۈپ كەتكەن كىشىگە تېگىپ كەتسە، ‏5 ياكى ناپاك قىلىدىغان ئۆمىلىگۈچى جانىۋارغا تەگسە، ياكى ھەرقانداق يۇقۇپ قالىدىغان ناپاكلىقى بار بىر ئادەمگە تېگىپ كەتسە، ‏6 مۇنداق نەرسىلەرگە تەگكەن كىشى ئاخشامغىچە ناپاك بولىدۇ. ئۇ ئۆزى سۇدا يۇيۇنمىغۇچە مۇقەددەس نەرسىلەردىن يېمىسۇن. ‏7 لېكىن كۈن ئولتۇرغاندا پاك ھېسابلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئوزۇقى بولغان مۇقەددەس نەرسىلەردىن يېسە بولىدۇ. ‏8 ئۇ ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ياكى يىرتقۇچ ھايۋان پارچىلىۋەتكەن بىر ھايۋاننى يېيىش بىلەن ئۆزىنى ناپاك قىلمىسۇن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. ‏9 ئۇلار مېنىڭ بۇيرۇغانلىرىمغا رىئايە قىلسۇن. بولمىسا ئۇلار مۇقەددەس نەرسىلەرنى بۇلغىسا، ئۆز گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتىپ ئۆلىدۇ. مەن ئۇلارنى پاك-مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگاردۇرمەن.
‏10 ھېچبىر مۇساپىر مۇقەددەس نەرسىلەردىن يېمىسۇن. كاھىننىڭ مېھمىنى ياكى مەدىكارىمۇ مۇقەددەس نەرسىلەردىن يېمىسۇن. ‏11 لېكىن كاھىننىڭ ئۆز پۇلىغا سېتىۋالغان قۇلى ۋە ئۇنىڭ ئۆيىدە تۇغۇلغان كىشى ئۇنىڭدىن يېسە بولىدۇ. ‏12 ئەگەر كاھىننىڭ قىزى يات كىشىگە تەگكەن بولسا، ئۇمۇ ھەدىيە بولۇپ سۇنۇلغان مۇقەددەس نەرسىلەردىن يېمىسۇن. ‏13 لېكىن كاھىننىڭ قىزى تۇل بولۇپ قېلىپ ياكى قويۇۋېتىلىپ، بالىسىز بولۇپ ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن، ۋە ئۇ يەردە ياش ۋاقتىدىكىدەك ئولتۇرغان بولسا، ئاتىسىنىڭ ئوزۇقىدىن يېسە بولىدۇ. ئەمما بىر يات كىشى ئۇنىڭدىن يېمىسۇن. ‏14 ئەگەر بىر كىشى بىلمەستىن مۇقەددەس نەرسىلەردىن يەپ قالسا، ئۇنىڭغا بەشتىن بىرىنى ئۆز تەرىپىدىن قوشۇپ، ئۇ مۇقەددەس نەرسە بىلەن بىللە كاھىنغا قايتۇرۇپ بەرسۇن. ‏15 كاھىنلار بەنى ئىسرائىلنىڭ پەرۋەردىگارغا ئاتىغان مۇقەددەس نەرسىلىرىنى ناپاك قىلمىسۇن. ‏16 بولمىسا خەلق مۇقەددەس ھەدىيەلەردىن يېيىشى بىلەن، كاھىنلار ئۇلارغا گۇناھ يۈكلەپ قويغان بولىدۇ. چۈنكى مەن ئۇلارنى پاك-مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگاردۇرمەن›».
 
ئىختىيارىي قۇربانلىقلار
‏17 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
‏18 «سەن ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە بەنى ئىسرائىلنىڭ ھەممىسىگە مۇنداق دېگىن: ‹ئەگەر ئىسرائىل جەمەتىدىن بىرى ياكى ئىسرائىل زېمىنىدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارنىڭ بىرى قىلغان ۋەدىگە ئەمەل قىلىش ئۈچۈن ياكى ئۆز ئىختىيارى بىلەن بىر قۇربانلىق كەلتۈرۈپ، پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنماقچى بولسا، ‏19 قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن كالا، قوي ياكى ئۆچكىلەردىن ئەيىبسىز بىر ئەركەكنى كەلتۈرۈڭلار. ‏20 ئەيىبى بار بىر ھايۋاننى قۇربانلىق قىلماڭلار، چۈنكى بۇ سىلەر ئۈچۈن قوبۇل بولمايدۇ.
‏21 ئەگەر بىر كىشى قىلغان ۋەدىگە ئەمەل قىلىش ئۈچۈن ياكى ئۆز ئىختىيارى بىلەن ھەدىيە كەلتۈرەي دەپ، پەرۋەردىگارغا ئامانلىق قۇربانلىقى سۇنماقچى بولسا، قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن كالا ياكى قويلاردىن تاللانغان ھايۋان كامىل بولۇشى كېرەك، ئۇنىڭدا ھېچقانداق ئەيىب تېپىلمىسۇن. ‏22 كور، سۇنۇق، مېيىپ ياكى يىرىڭلىق يارىسى بار، قىچىشقاق باسقان ياكى تېرە كېسىلى بار ھايۋاننى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرسەڭلار بولمايدۇ ۋە ھەم مۇنداقلارنى قۇربانلىق سۈپىتىدە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇپىسىدا ئوتتا كۆيدۈرسەڭلار بولمايدۇ.
‏23 بىر بۇقا ياكى بىر قوينىڭ ئەزالىرى زىيادە ياكى كەم بولغان بولسا، مۇنداقلارنى ئىختىيارىي قۇربانلىق ئۈچۈن سۇنساڭ بولىدۇ، لېكىن ۋەدىگە ئەمەل قىلىش قۇربانلىقى ئۈچۈن قوبۇل قىلىنمايدۇ.
‏24 سىلەر ئۇرۇقدانى زەخىملەنگەن، ئېزىلگەن، سۇنغان ياكى كېسىلگەن بىر ھايۋاننى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرمەڭلار. ئۆز زېمىنىڭلاردا بۇنىڭغا ھەرگىز يول قويماڭلار. ‏25 يات كىشىنىڭ قولىدىن مۇنداق ھايۋانلارنى قوبۇل قىلىپ، خۇدايىڭلارنىڭ ئوزۇقى سۈپىتىدە ئۇنىڭ ئالدىغا كەلتۈرمەڭلار، چۈنكى ئۇلار زەخىملەنگەن ۋە ئۇلارنىڭ ئەيىبى بولغاچقا، قوبۇل بولمايدۇ›».
‏26 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
‏27 «يېڭى تۇغۇلغان موزاي، قوزا ياكى ئوغلاق يەتتە كۈنگىچە ئانىسىنى ئەمسۇن. لېكىن سەككىزىنچى كۈندىن تارتىپ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا كۆيدۈرۈلىدىغان قۇربانلىق بولۇشقا يارايدۇ. ‏28 كالا ياكى ئۇششاق ماللاردىن بولغان بىر ھايۋاننى، ئۇنىڭ بالىسى بىلەن قوشۇپ بىر كۈندە بوغۇزلىماڭلار. ‏29 سىلەر پەرۋەردىگارغا بىر شۈكۈر قۇربانلىقى سۇنۇشنى خالىساڭلار، ئۇنى قوبۇل قىلىنىشقا لايىق تەرىقىدە سۇنۇڭلار. ‏30 ئۇ سۇنۇلغان كۈنىدە يېيىلسۇن، ئۇنىڭدىن ھېچنېمە ئەتىسى سەھەرگىچە قالدۇرۇلمىسۇن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
‏31 سىلەر مېنىڭ ئەمرلىرىمنى تۇتۇپ، ئۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
‏32 بەنى ئىسرائىلنىڭ ئارىسىدا مۇقەددەسلىكىم ئېتىراپ قىلىنىشى ئۈچۈن، مېنىڭ مۇقەددەس نامىمنى بۇلغىماڭلار. مەن سىلەرنى پاك-مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگار بولۇپ، ‏33 سىلەرنى خۇدايىڭلار بولۇش ئۈچۈن مىسىردىن ئېلىپ چىقتىم. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن».