كاھىنلارنىڭ پاك بولۇشى توغرىسىدا
21
‏1 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: «سەن ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى، يەنى كاھىنلارغا مۇنداق دېگىن: ‹بىر كاھىن ئۆز خەلقىنىڭ ئىچىدىكى ئۆلگەنلەر سەۋەبىدىن ئۆزىنى ناپاك قىلمىسۇن. ‏2 پەقەت ئۆزىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى بولغان ئاتا-ئانىسى، ئوغۇل-قىزى ياكى ئاكا-ئۇكىسىنىڭ ئۆلۈمى سەۋەبىدىن ئۆزىنى ناپاك قىلسا بولىدۇ. ‏3 بۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر ئۇنىڭ ئەرگە تەگمىگەن پاك قىز بولغان ئاچىسى ياكى سىڭلىسى ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرسا، كاھىن ئۇنىڭ ئۆلۈمى سەۋەبىدىن ئۆزىنى ناپاك قىلسا بولىدۇ. ‏4 چۈنكى كاھىن ئۆز خەلقىنىڭ ئارىسىدا خوجا بولغاچقا، ئۆزىنى ناپاك قىلىپ بۇلغىمىسۇن.
‏5 كاھىنلار بېشىدىكى چېچىنىڭ بىر قىسمىنى چۈشۈرمىسۇن، ساقىلىنىڭ ئۇچىنىمۇ بۇزمىسۇن ۋە ئۆز بەدىنىنىمۇ تىلىپ زەخىملەندۈرمىسۇن،
‏6 بەلكى ئۆز خۇداسى ئۈچۈن پاك-مۇقەددەس بولسۇن ۋە خۇداسىنىڭ نامىنى بۇلغىمىسۇن. چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا كۆيدۈرۈلىدىغان ھەدىيە-قۇربانلىقلارنى، ئۆز خۇداسىنىڭ ئوزۇقىنى سۇنىدۇ. شۇڭا ئۇلار پاك-مۇقەددەس بولۇشى كېرەك.
‏7 ئۇلار پاھىشە ياكى بەدنام بىر ئايالنى خوتۇنلۇققا ئالمىسۇن، ئېرى قويۇۋەتكەن ئايالنىمۇ ئالمىسۇن. چۈنكى كاھىن ئۆز خۇداسىغا ئاتاپ پاك-مۇقەددەس قىلىنغان. ‏8 ئۇ خۇدايىڭنىڭ ئوزۇقىنى سۇنغىنى ئۈچۈن، ئۇنى مۇقەددەس دەپ سانىغىن. ئۇ ساڭا مۇقەددەس بولىدۇ، چۈنكى مەن سىلەرنى پاك-مۇقەددەس قىلغۇچى مۇقەددەس پەرۋەردىگاردۇرمەن. ‏9 ئەگەر بىر كاھىننىڭ قىزى نومۇسىنى سېتىپ ئۆزىنى بۇلغىغان بولسا، ئۆز ئاتىسىنى بۇلغىغىنى ئۈچۈن ئوتتا كۆيدۈرۈلسۇن.
‏10 بېشىغا مەسىھلەش يېغى تۆكۈلۈپ، مۇقەددەس كىيىمنى كىيىشكە تەيىنلەنگەن، ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ ئارىسىدا باش كاھىن بولغان كىشى يالاڭباش بولمىسۇن ۋە كىيىملىرىنىمۇ يىرتمىسۇن. ‏11 ئۇ بىر ئۆلۈككە يېقىنلاشمىسۇن. ئاتىسى ياكى ئانىسى بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىنىڭ سەۋەبىدىن ئۆزىنى ناپاك قىلمىسۇن. ‏12 خۇداسىنىڭ مۇقەددەس جايىنى ناپاك قىلماسلىقى ئۈچۈن، ئۇ مۇقەددەس جايدىن ھەرگىز چىقمىسۇن، چۈنكى ئۇنىڭ خۇداسىنىڭ مەسىھلەش يېغى ئۇنىڭ بېشىدا بولىدۇ. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. ‏13 ئۇ بىر پاك قىزنى خوتۇنلۇققا ئالسۇن. ‏14 ئۇ تۇل ئايال، ئېرى قويۇۋەتكەن ئايال، بەدنام ئايال ياكى بىر پاھىشە ئايالنى ئالمىسۇن، بەلكى ئۆز خەلقىدىن بولغان بىر پاك قىزنى خوتۇنلۇققا ئالسۇن. ‏15 بولمىسا ئۇ خەلقىنىڭ ئارىسىدا ئۆز ئۇرۇق-ئەۋلادىنى ناپاك قىلىدۇ. چۈنكى مەن ئۇنى پاك-مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگاردۇرمەن›».
 
‏16 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
‏17 «سەن ھارۇنغا مۇنداق دېگىن: ‹سېنىڭ نەسلىڭدىن بولغان ئەۋلادلىرىڭنىڭ ئىچىدە بىرى مېيىپ بولسا، ئۇ خۇدانىڭ ئوزۇقىنى سۇنۇش ئۈچۈن يېقىنلاشمىسۇن. ‏18 مېيىپ بولغان، يەنى كور، توكۇر، پاناق، ئەزاسى زىيادە بولۇپ قالغان، ‏19 پۇتى ياكى قولى سۇنۇق، ‏20 دوك، پاكىنەك، كۆزىگە ئاق چۈشكەن، قىچىشقاق باسقان، تېرە كېسىلى بار ياكى ئۇرۇقدانى ئېزىلگەن ھېچ كىشى يېقىنلاشمىسۇن. ‏21 كاھىن ھارۇننىڭ نەسلىدىن بولغان مېيىپ كىشىلەرنىڭ ھېچبىرى، پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئوتتا كۆيدۈرۈلىدىغان ھەدىيە-قۇربانلىقلارنى كەلتۈرۈش ئۈچۈن يېقىنلاشمىسۇن. ئۇنداق بىر كەمچىلىكى بار كىشى ئۆز خۇداسىنىڭ ئوزۇقىنى سۇنۇش ئۈچۈن يېقىنلاشمىسۇن. ‏22 لېكىن ئۇ ئۆز خۇداسىنىڭ ئوزۇقىدىن، يەنى ئەڭ مۇقەددەس ۋە مۇقەددەس ھېسابلانغان ئوزۇقتىن يېسە بولىدۇ. ‏23 ئەمما مېيىپ بولغىنى ئۈچۈن ئايرىما پەردە ئىچىگە كىرمىسۇن، قۇربانلىق سۇپىسىغىمۇ يېقىن كەلمىسۇن. بولمىسا ئۇ مېنىڭ مۇقەددەس جايلىرىمنى بۇلغايدۇ، چۈنكى مەن ئۇلارنى پاك-مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگاردۇرمەن›».
‏24 مۇسا بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە بەنى ئىسرائىلنىڭ ھەممىسىگە ئېيتتى.