يىرگىنچلىك ئىشلار توغرىسىدىكى قانۇنلار
20
‏1 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
‏2 «سەن بەنى ئىسرائىلغا مۇنداق دېگىن: ‹ئەگەر بەنى ئىسرائىلدىن بىرى ياكى ئىسرائىلنىڭ زېمىنىدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلاردىن بىرى مولەك دېگەن بۇتقا ئەۋلادلىرىنىڭ بىرىنى بەرسە، ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلسۇن. مەملىكەتتىكى خەلق ئۇنى چالما-كېسەك قىلسۇن. ‏3 مەن بۇ كىشىگە قارشى چىقىمەن. ئۇ ئۆز ئەۋلادلىرىنىڭ بىرىنى مولەك بۇتىغا بېرىپ، مۇقەددەس جايىمنى ناپاك قىلىپ، مېنىڭ نامىمنى بۇلغىغىنى ئۈچۈن ئۇنى ئۆز خەلقى ئارىسىدىن يۇلۇپ تاشلايمەن. ‏4 ئەگەر زېمىندىكى خەلق بۇ كىشىگە يۈز-خاتىرە قىلىپ، ئۇ ئۆز ئەۋلادلىرىنىڭ بىرىنى مولەك بۇتىغا بەرگىنىدە ئۇنى ئۆلتۈرمىسە، ‏5 مەن ئۆزۈم بۇ كىشى ۋە ئۇنىڭ نەسلىگە قارشى چىقىپ، ئۇنى ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، زىناخورلاردەك ۋاپاسىزلىق قىلغانلارنى، يەنى مولەك بۇتىغا چوقۇنۇپ، روھىي بۇزۇقچىلىق قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز خەلقى ئارىسىدىن يۇلۇپ تاشلايمەن.
‏6 ئەگەر بىر كىشى زىناخوردەك ۋاپاسىزلىق قىلىپ، جىن-ئەرۋاھلارنى چاقىرغۇچىلارغا ۋە جادۇگەرلەرگە مۇراجىئەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ كەينىدىن كەتسە، مەن ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ، ئۇنى ئۆز خەلقى ئارىسىدىن يۇلۇپ تاشلايمەن.
 
‏7 مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار بولغاچقا، سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارنى پاك تۇتۇپ مۇقەددەس بولۇڭلار. ‏8 قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمگە رىئايە قىلىپ، ئۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار. مەن سىلەرنى پاك-مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگاردۇرمەن.
 
‏9 ئەگەر بىر كىشى ئۆز ئاتا ياكى ئانىسىنى قارغىسا، چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن. ئۇ ئۆز ئاتا-ئانىسىنى قارغىغىنى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆز قېنى ئۆز ئۈستىدە بولىدۇ. ‏10 ئەگەر بىر كىشى باشقا ئادەمنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلسا، شۇنداقلا ئۆز قوشنىسىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلسا، زىنا قىلغان ئەر ۋە ئايال ھەر ئىككىلىسى چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن. ‏11 ئەگەر بىر كىشى ئاتىسىنىڭ ئايالى بىلەن بىللە بولسا، ئۆز ئاتىسىنىڭ ئەۋرىتىنى ئاچقىنى ئۈچۈن ئىككىلىسى چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن. ئۇلارنىڭ ئۆز قېنى ئۆز ئۈستىدە بولىدۇ. ‏12 ئەگەر بىر كىشى ئۆز كېلىنى بىلەن بىللە بولسا، ئىككىلىسى يىرگىنچلىك ئىش قىلغىنى ئۈچۈن چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن. ئۇلارنىڭ ئۆز قېنى ئۆز ئۈستىدە بولىدۇ. ‏13 ئەگەر بىر ئەر كىشى بىر ئايال بىلەن ياتقاندەك بىر ئەر كىشى بىلەن ياتسا، ئىككىلىسى يامان ئىش قىلغىنى ئۈچۈن چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن. ئۇلارنىڭ ئۆز قېنى ئۆز ئۈستىدە بولىدۇ. ‏14 ئەگەر بىر كىشى بىر قىز بىلەن ئانىسىنىمۇ قوشۇپ خوتۇنلۇققا ئالسا، يىرگىنچلىك ئىش قىلغىنى ئۈچۈن ئەر ۋە ئىككىلا ئايال ئوتتا كۆيدۈرۈلسۇن. بۇ خىل يىرگىنچلىك ئىشلارنىڭ ئاراڭلاردا قايتا يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن، شۇنداق قىلىڭلار. ‏15 ئەگەر بىر كىشى بىر ھايۋان بىلەن بىللە بولسا، چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن، ھايۋاننىمۇ ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار. ‏16 ئەگەر بىر ئايال بىر ھايۋاننىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولسا، ئايال ۋە ھايۋان، ھەر ئىككىلىسى چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن. ئۇلارنىڭ ئۆز قېنى ئۆز ئۈستىدە بولىدۇ. ‏17 ئەگەر بىر كىشى ئاتىسىدىن ياكى ئانىسىدىن بولغان ئاچا ياكى سىڭلىسىنى ئېلىپ، ئەۋرىتىنى كۆرسە، بۇ قىزمۇ ئۇنىڭ ئەۋرىتىنى كۆرسە، بۇ ئۇياتلىق بولغىنى ئۈچۈن، ئىككىلىسى ئۆز خەلقىنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆلتۈرۈلسۇن، چۈنكى ئۇ ئاچا ياكى سىڭلىسىنىڭ ئەۋرىتىنى ئاچقاچقا، شۇ قىلغان يامانلىقىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ. ‏18 ئەگەر بىر ئەر كىشى بىر ئادەت كۆرۈپ قالغان ئايال بىلەن بىللە بولۇپ، ئەۋرىتىنى يالىڭاچ قىلىپ ئۇنىڭ قۇدۇقىنى ئاچسا، ئايالمۇ قان قۇدۇقىنى ئېچىپ بەرسە، ئىككىلىسى ئۆز خەلقى ئارىسىدىن يۇلۇپ تاشلىنىدۇ. ‏19 سەن ئۆز ئاناڭنىڭ ئاچا-سىڭلىسى ياكى ئاتاڭنىڭ ئاچا-سىڭلىسىنىڭ ئەۋرىتىنى ئاچمىغىن، چۈنكى شۇنداق قىلغان كىشى يېقىن تۇغقاننىڭ ئەۋرىتىنى ئاچقىنى ئۈچۈن شۇ قىلغان يامانلىقىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ. ‏20 ئەگەر بىر كىشى تاغىسىنىڭ ئايالى بىلەن بىللە بولسا، ئۆز تاغىسىنىڭ ئەۋرىتىنى ئاچقىنى ئۈچۈن ئۇلار ئۆز گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتىپ، پەرزەنتسىز ئۆلىدۇ. ‏21 ئەگەر بىر كىشى ئۆز قېرىندىشىنىڭ ئايالىنى خوتۇنلۇققا ئالسا، يىرگىنچلىك بىر ئىش بولىدۇ. ئۇ ئۆز قېرىندىشىنىڭ ئەۋرىتىنى ئاچقىنى ئۈچۈن، ئۇلار پەرزەنتسىز بولۇپ قالىدۇ.
 
‏22 بۇ تەرىقىدە سىلەر مېنىڭ ھەممە قانۇن-بەلگىلىمىلىرىم ۋە بارچە ئەھكاملىرىمغا رىئايە قىلىپ، بۇنىڭغا ئەمەل قىلىڭلار. بولمىسا مەن سىلەرنى ئېلىپ بېرىپ تۇرغۇزىدىغان زېمىن سىلەرنى قۇسۇپ چىقىرىۋېتىدۇ. ‏23 سىلەر مەن ئالدىڭلاردىن قوغلاپ چىقىرىدىغان خەلقلەرنىڭ قائىدە-يۇسۇنلىرى بويىچە ياشىماڭلار. چۈنكى ئۇلار پۈتۈن بۇ ئىشلارنى قىلغىنى ئۈچۈن مەن ئۇلاردىن بىزار بولدۇم. ‏24 شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىلەرگە: ‹سىلەر ئۇلارنىڭ زېمىنىغا ئىگە بولىسىلەر، مەن سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان ئۇ زېمىنىنى سىلەرگە مۈلك قىلىپ بېرىمەن› دەپ ئېيتمىدىممۇ؟ مەن سىلەرنى باشقا خەلقلەردىن ئايرىغان خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. ‏25 ئەمدى سىلەر پاك-ناپاك ھايۋانلارنى پەرق ئېتىپ، پاك-ناپاك ئۇچار قاناتلارنى تونۇڭلار. مەن سىلەرگە ھارام دەپ بېكىتكەن ناپاك ھايۋان، ئۇچار قانات ياكى يەردە ئۆمىلىگۈچى جانىۋارلارنىڭ ھېچبىرى بىلەن ئۆزۈڭلارنى ناپاك قىلماڭلار. ‏26 مەن پەرۋەردىگار ئۆزۈم مۇقەددەس بولغىنىم ئۈچۈن، سىلەر مېنىڭ ئالدىمدا پاك-مۇقەددەس بولۇڭلار. مەن سىلەرنى ماڭا خاس بولسۇن دەپ باشقا خەلقلەردىن ئايرىدىم ئەمەسمۇ؟ ‏27 ئەگەر بىر ئەر ياكى ئايال كىشى جىن-ئەرۋاھلارنى چاقىرغۇچى ياكى جادۇگەر بولسا، ئۆلۈمگە بۇيرۇلسۇن. خەلق ئۇنى چالما-كېسەك قىلسۇن. ئۇلارنىڭ ئۆز قېنى ئۆز ئۈستىدە بولىدۇ›».