ھەرقانداق ئادەملەرنى ئەزىزلەش ۋە ھۆرمەتلەش كېرەك
19
‏1 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
‏2 «سەن بەنى ئىسرائىلنىڭ پۈتۈن جامائىتىگە مۇنداق دېگىن: ‹مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار مۇقەددەس بولغاچقا، سىلەرمۇ پاك-مۇقەددەس بولۇڭلار. ‏3 سىلەردىن ھەربىرىڭلار ئاناڭلار ۋە ئاتاڭلارنى ھۆرمەتلەڭلار. مېنىڭ شابات كۈنلىرىمگە رىئايە قىلىڭلار. مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. ‏4 سىلەر ئەرزىمەس بۇتلارغا چوقۇنۇپ، قۇيما بۇتلارنى ياسىماڭلار. مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. ‏5 سىلەر پەرۋەردىگارغا بىر ئامانلىق قۇربانلىقى كەلتۈرۈشنى خالىساڭلار، قوبۇل قىلىنغۇدەك تەرىقىدە ئۇنى سۇنۇڭلار. ‏6 سىلەر ئۇنى سۇنغان كۈنى ۋە ئەتىسى ئۇ يېيىلسۇن، لېكىن ئۈچىنچى كۈنگىچە قالغىنى ئوتتا كۆيدۈرۈلسۇن. ‏7 ئەگەر مۇنداق نەرسە ئۈچىنچى كۈنى يېيىلسە، يىرگىنچلىك ھېسابلىنىپ قوبۇل قىلىنمايدۇ. ‏8 كىمكى ئۇنىڭدىن يېسە، شۇ قىلغان يامانلىقىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ. ئۇ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلىنغان نەرسىنى ناپاك قىلغىنى ئۈچۈن ئۆز خەلقىدىن يۇلۇپ تاشلىنىدۇ.
‏9 سىلەر زېمىنىڭلاردىكى ھوسۇلنى ئورۇپ يىغساڭلار، ئېتىزىڭلارنىڭ تامام چېتىگىچە ئورۇۋەتمەڭلار، ھوسۇلۇڭنى يىغىپ بولغاندىن كېيىن چۈشۈپ قالغان باشاقلارنى تېرىۋالماڭلار. ‏10 ئۈزۈمزارلىقىڭدا ھوسۇل ئالغاندىن كېيىن ئېشىپ قالغان ئۈزۈملەرنى ئۈزۈپ يىغمىغىن، يەرگە چۈشكەن ئۈزۈملەرنىمۇ تېرىمىغىن، بەلكى بۇلارنى كەمبەغەل ۋە مۇساپىرغا قالدۇرغىن. مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. ‏11 سىلەر ئوغرىلىق قىلماڭلار، يالغان سۆزلىمەڭلار، بىر-بىرىڭلارنىمۇ ئالدىماڭلار. ‏12 مېنىڭ نامىم بىلەن يالغان قەسەم ئىچماڭلار، چۈنكى مۇنداق قىلساڭ، خۇدايىڭنىڭ نامىنى بۇلغايسەن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. ‏13 ئۆز قوشناڭغا زۇلۇم قىلمىغىن ۋە ئۇنىڭ مال-مۈلكىنى بۇلىمىغىن. مەدىكارنىڭ ئىش ھەققىنى كېچىدىن سەھەرگە قالدۇرمىغىن. ‏14 گاس كىشىنى تىللىمىغىن، كور كىشىنىڭ ئالدىغا پۇتلاشتۇرىدىغان نەرسە ھەم قويمىغىن، بەلكى ئۆز خۇدايىڭدىن قورققىن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. ‏15 ھۆكۈم قىلغىنىڭلاردا ناھەقچىلىق قىلماڭلار. كەمبەغەلگە يان باسمىغىن، بايغىمۇ يۈز-خاتىرە قىلمىغىن، بەلكى ئادىللىق بىلەن ئۆز قوشناڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارغىن. ‏16 ئۆز خەلقىڭنىڭ ئارىسىدا گەپ توشۇپ يۈرمىگىن. قوشناڭنىڭ قېنىنى تۆكۈشنىمۇ قەستلىمىگىن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
‏17 سەن كۆڭلۈڭدە ئۆز قېرىندىشىڭغا ئاداۋەت ساقلىمىغىن، قوشناڭغا ئەيىبىنى ئوچۇقچە كۆرسەتكىن. ئۇنىڭ سەۋەبىدىن بېشىڭغا گۇناھ كەلمىسۇن. ‏18 سەن ئىنتىقام ئالمىغىن، ئۆز خەلقىڭنىڭ نەسلىگە ئاداۋەتمۇ تۇتمىغىن، بەلكى قوشناڭنى ئۆزۈڭدەك سۆيگىن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. ‏19 سىلەر مېنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمغا رىئايە قىلىڭلار. ئۆز چارۋا ماللىرىڭنى ئوخشىمايدىغان تۈرلەر بىلەن چېتىشتۇرمىغىن، ئۆز ئېتىزىڭغا ئىككى خىل ئۇرۇق سالمىغىن، ئىككى خىل يىپتىن توقۇلغان كىيىمنىمۇ كىيمىگىن.
‏20 ئەگەر بىر كىشى باشقا بىر كىشىگە ۋەدە قىلىنغان دېدەك بىلەن بىللە بولسا، ۋە بۇ دېدەكنى ئازادلىققا چىقىرىش ئۈچۈن تېخى بەدەل تۆلەپ بېرىلمىگەن بولسا، ياكى ئۇ تېخى ئازاد قىلىنمىغان بولسا، جازا بېرىلسۇن. لېكىن ئايال ئازاد بولمىغاچقا، ئىككىلىسى ئۆلتۈرۈلمىسۇن. ‏21 ئۇ ئەر كىشى ئۆز ئەيىب قۇربانلىقى ئۈچۈن ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا ئەيىب قۇربانلىقى بولسۇن دەپ بىر قوچقار كەلتۈرسۇن. ‏22 كاھىن ئۇنىڭ ئەيىب قۇربانلىقى ئۈچۈن كەلتۈرگەن قوچقارنى ئېلىپ، ئۇنىڭ قىلغان گۇناھى ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كەفارەت كەلتۈرسە، ئۇنىڭ قىلغان گۇناھى ئۇنىڭدىن كەچۈرۈلىدۇ.
‏23 سىلەر ئۇ زېمىنغا كىرىپ ھەر خىل مېۋىلىك دەرەخ تىكسەڭلار، مېۋىلىرىنى ‹خەتنىسىز› دەپ قاراڭلار. ئۈچ يىلغىچە بۇلارنى ‹خەتنىسىز› ھېسابلاپ، ئۇلاردىن يېمەڭلار. ‏24 لېكىن تۆتىنچى يىلى، ئۇلارنىڭ ھەممە مېۋىلىرى پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى ئۈچۈن مۇقەددەس قىلىنسۇن. ‏25 ئاندىن كېيىن بەشىنچى يىلدىن تارتىپ ئۇلارنىڭ مېۋىلىرىدىن يېيىشنى باشلاڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، سىلەرگە زىيادە بېرىلىدۇ. مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن.
‏26 سىلەر قېنى ئىچىدە توختاپ قالغان نەرسىنى يېمەڭلار. پالچىلىق ياكى جادۇگەرلىك قىلماڭلار. ‏27 سىلەر بېشىڭلارنىڭ چۆرىسىنى چۈشۈرۈپ، چاچنى يۇمىلاق قىلماڭلار، ساقالنىڭ ئۇچىنىمۇ بۇزماڭلار. ‏28 سىلەر ئۆلۈكلەر ئۈچۈن ئۆز بەدىنىڭلارنى تىلىپ زەخىملەندۈرمەڭلار. بەدىنىڭلارغا ھەرقانداق رەسىم ياكى بەلگە چەكتۈرمەڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. ‏29 سەن قىزىڭنى پاھىشىلىككە سېلىپ ناپاك قىلمىغىن. بولمىسا زېمىندا پاھىشىلىق يېيىلىدۇ ۋە پۈتۈن زېمىن بۇزۇقچىلىق بىلەن تولىدۇ. ‏30 سىلەر مېنىڭ شابات كۈنلىرىمگە رىئايە قىلىڭلار. مۇقەددەس جايىمغا ھۈرمەت-ئىززەت قىلىڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. ‏31 سىلەر جىن-ئەرۋاھلارنى چاقىرغۇچىلار ۋە جادۇگەرلەرنىڭ كەينىدىن يۈرۈپ، ئۆزۈڭلارنى ناپاك قىلماڭلار. مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن.
‏32 ئاق چاچلىق كىشىنىڭ ئالدىدا ئورنۇڭدىن تۇرغىن، قېرى كىشىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلغىن. خۇدايىڭدىن قورققىن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. ‏33 بىر مۇساپىر ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان بولسا، ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلماڭلار، ‏34 بەلكى ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان مۇساپىر سىلەرگە يەرلىك كىشىگە ئوخشاش بولسۇن، ئۇنى ئۆزۈڭلارنى سۆيگەندەك سۆيۈڭلار. چۈنكى سىلەرمۇ مىسىر زېمىنىدا مۇساپىر بولۇپ تۇردۇڭلار. مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. ‏35 سىلەر ھۆكۈم چىقىرىشتا ۋە ئۇزۇنلۇق ئۆلچەشتە، ئېغىرلىق ۋە ھەجىم ئۆلچەشتە ناھەقچىلىق قىلماڭلار. ‏36 سىلەردە ئادىل تارازا ۋە ئادىل تارازا تاشلىرى، ئادىل ئېفا كەمچىنى ۋە ئادىل ھىن كەمچىنى بولسۇن. مەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن.
‏37 شۇنىڭ ئۈچۈن مېنىڭ ھەممە قانۇن-بەلگىلىمىلىرىم ۋە بارچە ئەھكاملىرىمغا رىئايە قىلىپ، بۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن›».