مەنئى قىلىنغان جىنسىي مۇناسىۋەتلەر
18
‏1 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
‏2 «سەن بەنى ئىسرائىلغا مۇنداق دېگىن: ‹مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. ‏3 سىلەر ئىلگىرى تۇرغان مىسىر زېمىنىدا قىلىنغان ئىشلارنى قىلماڭلار ۋە مەن سىلەرنى ئېلىپ بارىدىغان كەنئان زېمىنىدا قىلىنغان ئىشلارنىمۇ قىلماڭلار، ئۇلارنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرى بويىچە ياشىماڭلار، ‏4 بەلكى مېنىڭ ھۆكۈملىرىمگە ئەمەل قىلىپ، قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمغا رىئايە قىلىپ، شۇلار بويىچە مېڭىڭلار. مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. ‏5 مېنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرىم ۋە ئەھكاملىرىمگە رىئايە قىلىڭلار، چۈنكى ئۇلارغا ئەمەل قىلىدىغان كىشى ئۇلارنىڭ سەۋەبى بىلەن ياشايدۇ. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
 
‏6 سىلەردىن ھېچكىم ئۆزىگە يېقىن تۇغقان بولغان ئايال بىلەن بىللە بولۇپ، ئەۋرىتىنى ئاچمىسۇن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
‏7 سەن ئاتاڭنىڭ ئەۋرىتى ھېسابلانغان ئاناڭنىڭ ئەۋرىتىنى ئاچمىغىن. ئۇ سېنىڭ ئاناڭ بولغاچقا، ئۇنىڭ ئەۋرىتىنى ئېچىشقا بولمايدۇ. ‏8 ئاتاڭنىڭ ئايالىنىڭ ئەۋرىتىنىمۇ ئاچمىغىن، چۈنكى ئۇنداق قىلساڭ، ئاتاڭنىڭ ئەۋرىتىنى ئاچقان بولىسەن. ‏9 سەن، مەيلى شۇ ئۆيدە تۇغۇلغان ياكى باشقا يەردە تۇغۇلغان بولسۇن، بىر ئاتىدىن ياكى بىر ئانىدىن بولغان ئاچا-سىڭلىڭنىڭ ئەۋرىتىنى ئاچمىغىن. ‏10 سەن ئۆز ئوغلۇڭنىڭ قىزى ياكى قىزىڭنىڭ قىزىنىڭ ئەۋرىتىنى ئاچمىغىن، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەۋرىتى ئۆزۈڭنىڭ ئەۋرىتىڭدۇر. ‏11 سەن ئاتاڭنىڭ ئايالىنىڭ قىزىنىڭ ئەۋرىتىنى ئاچمىغىن. چۈنكى ئۇ ئاتاڭنىڭ پەرزەنتى بولغاچقا، ئاچاڭ ياكى سىڭلىڭ بولىدۇ. ‏12 سەن ئاتاڭنىڭ ئاچا ياكى سىڭلىسىنىڭ ئەۋرىتىنىمۇ ئاچمىغىن، چۈنكى ئۇ ئاتاڭنىڭ قېرىندىشىدۇر. ‏13 سەن ئاناڭنىڭ ئاچا ياكى سىڭلىسىنىڭ ئەۋرىتىنى ئاچمىغىن، چۈنكى ئۇ ئاناڭنىڭ قېرىندىشىدۇر. ‏14 سەن ئاتاڭنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرىنىڭ ئايالى بىلەن بىللە بولۇپ ئەۋرىتىنى ئاچمىغىن، چۈنكى ئۇ ئايال سېنىڭ ھامماڭدۇر. ‏15 سەن كېلىنىڭنىڭ ئەۋرىتىنى ئاچمىغىن، چۈنكى ئۇ سېنىڭ ئوغلۇڭنىڭ ئايالى بولغاچقا، ئۇنىڭ ئەۋرىتىنى ئېچىشقا بولمايدۇ. ‏16 سەن ئۆز ئاكا ياكى ئۇكاڭنىڭ ئايالىنىڭ ئەۋرىتىنى ئاچمىغىن، چۈنكى مۇنداق قىلىشىڭ، ئۆز ئاكا ياكى ئۇكاڭنىڭ ئەۋرىتىنى ئاچقىنىڭ بولىدۇ. ‏17 سەن ئەۋرىتىنى ئاچقان ئايالنىڭ قىزىنىڭ ئەۋرىتىنى ئاچمىغىن، ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ قىزى ياكى قىزىنىڭ قىزىنىمۇ خوتۇنلۇققا ئېلىپ ئەۋرىتىنى ئاچمىغىن. ئۇلار بىر-بىرىگە يېقىن تۇغقان بولغاچقا، مۇنداق ئىش يىرگىنچلىكتۇر. ‏18 سەن بىر ئايالنىڭ ھاياتلىقىدا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ئاچا ياكى سىڭلىسىنىمۇ خوتۇنلۇققا ئېلىپ ئەۋرىتىنى ئاچمىغىن. ئۇنداق قىلساڭ ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا دۈشمەنلىك پەيدا قىلىسەن. ‏19 سەن بىر ئايالنىڭ ئادەت كۆرۈپ ناپاك بولۇپ تۇرغان ۋاقتىدا ئەۋرىتىنى ئاچمىغىن. ‏20 سەن ئۆز قوشناڭنىڭ ئايالى بىلەن بىللە بولۇپ، ئۆزۈڭنى بۇلغىمىغىن. ‏21 سەن ئۆز ئەۋلادلىرىڭدىن ھېچبىرىنى مولەك دېگەن بۇتقا ئاتاپ قۇربانلىق قىلمىغىن. ئۇنداق قىلساڭ، ئۆز خۇدايىڭنىڭ نامىنى بۇلغايسەن. مەن ئۆزۈم پەرۋەردىگاردۇرمەن. ‏22 سەن بىر ئايال بىلەن بىللە بولغاندەك، ئەر كىشى بىلەن يېتىپ بىللە بولمىغىن. بۇ ئىش يىرگىنچلىكتۇر. ‏23 سەن بىر ھايۋان بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىپ ئۆزۈڭنى بۇلغىمىغىن. ئايال كىشىمۇ شۇنداق قىلىش ئۈچۈن بىر ھايۋاننىڭ قېشىغا بارمىسۇن. بۇ ئىش يىرگىنچلىكتۇر. ‏24 سىلەر بۇ ئىشلارنى قىلىپ، ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماڭلار، چۈنكى مەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردىن قوغلاپ چىقىرىدىغان خەلقلەر شۇنداق ئىشلارنى قىلىپ، ئۆزلىرىنى بۇلغىدى. ‏25 ۋە ئۇلارنىڭ زېمىنىمۇ بۇلغاندى. بۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇ يەرنىڭ گۇناھىنىڭ جازاسىنى بېرىمەن. شۇنداقكى، ئۇ يەر ئۆز ئاھالىسىنى قۇسۇپ چىقىرىۋېتىدۇ. ‏26 لېكىن سىلەر مېنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرىم ۋە ھۆكۈملىرىمنى تۇتۇڭلار. مەيلى يەرلىك ئادەم بولسۇن، مەيلى ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان مۇساپىر بولسۇن، سىلەردىن ھېچكىم بۇ يىرگىنچلىك ئىشلاردىن ھېچبىرىنى قىلمىسۇن. ‏27 چۈنكى بۇ زېمىندا سىلەردىن ئىلگىرى تۇرغان خەلق پۈتۈن بۇ يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلغاچقا، زېمىن بۇلغىنىپ كەتتى. ‏28 ئۇ زېمىن سىلەردىن ئىلگىرى ئۆزىدە تۇرغان خەلقلەرنى قۇسۇپ چىقارغاندەك، سىلەرنىمۇ قۇسۇپ چىقارماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنى بۇلغىماڭلار. ‏29 چۈنكى پۈتۈن بۇ يىرگىنچلىك ئىشلارنىڭ بىرىنى قىلغان كىشى، دەرۋەقە مۇنداق ئىش قىلغان ھەرقانداق كىشى ئۆز خەلقى ئارىسىدىن يۇلۇپ تاشلىنىدۇ. ‏30 بۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىلەرگە بۇيرۇغىنىمغا بويسۇنۇڭلار. سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەر رىئايە قىلغان يىرگىنچلىك قائىدە-يوسۇنلارغا رىئايە قىلىشىڭلار بىلەن ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماڭلار. مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن›».