قۇربانلىق قىلىشقا بولىدىغان بىردىنبىر جاي
17
‏1 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
‏2 «ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە بەنى ئىسرائىلنىڭ ھەممىسىگە مۇنداق دېگىن: ‹پەرۋەردىگار سىلەرگە بۇيرۇغان ھۆكۈم شۇكى، ‏3 ئىسرائىل جەمەتىدىن بىر كىشى، مەيلى بارگاھنىڭ ئىچىدە ياكى بارگاھنىڭ سىرتىدا بولسۇن، كالا، قوي ياكى ئۆچكىنى بوغۇزلىسا، ‏4 يەنى بۇنى پەرۋەردىگار ئۈچۈن ھەدىيە بولسۇن دەپ ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا، پەرۋەردىگارنىڭ ماكانىنىڭ ئالدىغا كەلتۈرمىسە، ئاققان قان شۇ كىشىنىڭ بوينىغا ئارتىلىدۇ. بۇ ئادەم قان تۆكتى دەپ ھېسابلىنىپ، ئۆز خەلقى ئارىسىدىن يۇلۇپ تاشلىنىدۇ. ‏5 چۈنكى بەنى ئىسرائىل ئۆزلىرى ئىلگىرى دالادا بوغۇزلىغان ھايۋانلارنى ئەمدى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى كاھىنغا تاپشۇرۇپ، پەرۋەردىگار ئۈچۈن ئامانلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە ئۇ يەردە بوغۇزلىشى كېرەك. ‏6 كاھىن قاننى ئېلىپ، ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئالدىدىكى پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئۈستىگە چاچسۇن ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا خۇش پۇراق كەلتۈرۈش ئۈچۈن ياغنى كۆيدۈرسۇن. ‏7 ئۇلار ئەمدى قۇربانلىق قىلسا، زىناخورلاردەك ۋاپاسىزلىق قىلىپ، ئىلگىرى ئۆزلىرى ئارقىسىدىن ئەگەشكەن جىن-ئالۋاستىلارغا يەنە قۇربانلىقلىرىنى ئاتىمىسۇن. بۇ ئۇلار ئۈچۈن نەسىلدىن نەسىلگە مەڭگۈلۈك قانۇن-بەلگىلىمە بولىدۇ›. ‏8 سەن ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ‹ئەگەر ئىسرائىل جەمەتىدىن بىر كىشى ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرغان مۇساپىرلارنىڭ بىرىسى بىر كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى بىر سويۇم قۇربانلىق سۇنماقچى بولسا، ‏9 ئۇنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇناي دەپ، ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا كەلتۈرمىسە، ئۇ كىشى ئۆز خەلقىدىن يۇلۇپ تاشلىنىدۇ.
 
قان يېمەسلىك ھەققىدە
‏10 ئەگەر ئىسرائىل جەمەتىدىن بىر كىشى ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرغان مۇساپىرلارنىڭ بىرىسى قان يېسە، مەن قان يېگەن كىشىگە قارشى چىقىپ، ئۇنى ئۆز خەلقى ئارىسىدىن يۇلۇپ تاشلايمەن. ‏11 چۈنكى ھەر جانىۋارنىڭ جېنى قاندىدۇر. مەن ئۇنى جانلىرىڭلار ئۈچۈن قۇربانلىق سۇپىسى ئۈستىدە كەفارەت كەلتۈرۈشكە بەرگەنمەن. چۈنكى قان ئۇنىڭ ئىچىدىكى جاننىڭ ۋاسىتىسى بىلەن كەفارەت كەلتۈرىدۇ. ‏12 شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بەنى ئىسرائىلغا: «ھېچبىرىڭلار قان يېمەڭلار. ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرمۇ قان يېمىسۇن» دېدىم. ‏13 ئەگەر بەنى ئىسرائىلدىن بولغان بىر كىشى ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرغان مۇساپىرلارنىڭ بىرىسى يېيىشكە بولىدىغان بىر ھايۋان ياكى بىر قۇشنى ئوۋ قىلىپ تۇتسا، قېنىنى ئېقىتىپ، ئۇنى توپا بىلەن يېپىپ قويسۇن. ‏14 چۈنكى قان ھەر جانىۋارنىڭ جېنىدۇر. ئۇنىڭ جېنى قېنىدا بولغاچقا، بەنى ئىسرائىلغا ئېيتىمەنكى، سىلەر ھېچبىر گۆشنىڭ قېنىنى يېمەڭلار، چۈنكى قان ھەر جانىۋارنىڭ جېنىدۇر. كىمكى ئۇنى يېسە، يوقىتىلىدۇ. ‏15 مەيلى يەرلىك ئادەم ياكى مۇساپىر بولسۇن، ئۆلۈپ قالغان ياكى يىرتقۇچ ھايۋان پارچىلىۋەتكەن بىر ھايۋاننى يېگەن ھەر كىشى ئۆز كىيىملىرىنى يۇسۇن، ئۆزى سۇدا يۇيۇنسۇن ۋە ئۇ ئاخشامغىچە ناپاك بولۇپ، ئاندىن پاك ھېسابلانسۇن. ‏16 لېكىن ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، ئۆزى سۇدا يۇيۇنمىسا، شۇ قىلغان يامانلىقىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ›».