كافارەت كۈنى
16
‏1 ھارۇننىڭ ئىككى ئوغلى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا يېقىن بېرىشى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلدى. ‏2 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: «سەن ئاكاڭ ھارۇنغا ئېيتقىنكى، ئۇ ئۆزى، ئۆلۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئايرىما پەردە ئىچىدىكى مۇقەددەس جايغا كىرىپ، ساندۇقنىڭ ئۈستىدىكى مەرھەمەت تەختىنىڭ ئالدىغا ھەر ۋاقىت يېقىنلاشمىسۇن. چۈنكى مەن ئۆزۈم بۇلۇتتا كېلىپ، مەرھەمەت تەختىنىڭ ئۈستىدە ئاشكارا بولىمەن. ‏3 ھارۇن مۇقەددەس جايغا كىرىدىغان بولسا، گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تورپاقنى ئېلىپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر قوچقارنى ئېلىپ كىرسۇن. ‏4 ئۇ كەندىردىن توقۇلغان مۇقەددەس ئىچ كۆينەكنى ۋە بەدىنىنى ياپىدىغان كەندىردىن توقۇلغان ئىشتاننى كىيىپ، بېلىگە كەندىردىن توقۇلغان بىر بەلۋاغنى باغلاپ، بېشىغا كەندىردىن توقۇلغان سەللىنى يۆگەپ كەلسۇن. بۇ مۇقەددەس كىيىم بولغاچقا، ئۇ بۇلارنى كىيمەستىن ئىلگىرى بەدىنىنى سۇدا يۇسۇن. ‏5 ئۇ بەنى ئىسرائىل جامائىتىدىن گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى تېكىنى، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر قوچقارنى تاپشۇرۇۋالسۇن. ‏6 ئاندىن ھارۇن ئۆزى ئۈچۈن گۇناھ قۇربانلىقى بولىدىغان تورپاقنى سۇنۇپ، ئۆزى ۋە ئۆز ئۆيىدىكىلەر ئۈچۈن كەفارەت كەلتۈرسۇن. ‏7 ئاندىن ئۇ ئىككى تېكىنى ئېلىپ، ئۇلارنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا كەلتۈرۈپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزسۇن. ‏8 ھارۇن بۇ ئىككى تېكە توغرىسىدا چەك تاشلىسۇن، بىر چەكنى پەرۋەردىگار ئۈچۈن، يەنە بىر چەكنى «ئازازەل» ئۈچۈن تاشلىسۇن.    ‏9 ھارۇن چىققان چەك بويىچە پەرۋەردىگارغا تېگىدىغان تېكىنى كەلتۈرۈپ، گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇنسۇن. ‏10 لېكىن «ئازازەل»گە چەك چىققان تېكە بولسا كەفارەت كەلتۈرۈشى ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تىرىك تۇرغۇزۇلۇپ، «ئازازەل» ئۈچۈن چۆلگە ھەيدەلسۇن. ‏11 ھارۇن ئۆزى ئۈچۈن گۇناھ قۇربانلىقى بولىدىغان تورپاقنى كەلتۈرۈپ، ئۆزى ۋە ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرگە كەفارەت كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىگە گۇناھ قۇربانلىقى بولغان بۇ تورپاقنى بوغۇزلىسۇن.
‏12 ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىكى قۇربانلىق سۇپىسىدىن ئېلىنغان چوغلار بىلەن تولغان بىر ئىسرىقداننى ئېلىپ، قوللىرىنى خۇشبۇي ئىسرىق بىلەن تولدۇرۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئايرىما پەردە ئىچىگە ئېلىپ بارسۇن. ‏13 ئۆزىنىڭ ئۆلمەسلىكى ئۈچۈن شاھادەت ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى مەرھەمەت تەختىنى قاپلايدىغان ئىسرىق بۇلۇتى پەيدا بولسۇن دەپ خۇشبۇي ئىسرىقنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىكى ئوتنىڭ ئۈستىگە قويسۇن. ‏14 ئاندىن تورپاقنىڭ قېنىدىن ئېلىپ، ئۆز بارمىقى بىلەن مەرھەمەت تەختىنىڭ شەرق تەرىپىگە چاچسۇن ۋە ئۆز بارمىقى بىلەن قېنىدىن مەرھەمەت تەختىنىڭ ئالدىغىمۇ يەتتە قېتىم چاچسۇن. ‏15 ئاندىن كېيىن ئۇ خەلقنىڭ گۇناھ قۇربانلىقى قىلىنغان تېكىسىنى بوغۇزلاپ، قېنىنى ئايرىما پەردە ئىچىگە كەلتۈرۈپ، تورپاقنىڭ قېنى بىلەن قىلغاندەك، ئۇنىڭ قېنىدىن ئېلىپ مەرھەمەت تەختىنىڭ ئۆزىگە ۋە مەرھەمەت تەختىنىڭ ئالدىغىمۇ چاچسۇن.
‏16 بۇ تەرىقىدە ئۇ مۇقەددەس جاي ئۈچۈن كەفارەت كەلتۈرۈپ، مۇقەددەس جاينى بەنى ئىسرائىلنىڭ ناپاقلىقلىرىدىن ۋە گۇناھ ئۆتكۈزۈشى بىلەن قىلغان بارلىق ئىتائەتسىزلىكلىرىدىن. ئۇ يەنە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا، ئۇلارنىڭ ناپاكلىقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان ئۇچرىشىش چېدىرى ئۈچۈنمۇ شۇنداق قىلسۇن.
‏17 ئەمما ئۇ كەفارەت كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇقەددەس جايغا كىرگەندىن تارتىپ چىققۇچە، ھېچبىر كىشى ئۇچرىشىش چېدىرىدا تۇرمىسۇن. بۇ تەرىقىدە ئۇ ئۆزى، ئۆز ئۆيى ۋە پۈتۈن ئىسرائىل جامائىتى ئۈچۈن كەفارەت كەلتۈرسۇن. ‏18 ئاندىن كېيىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىكى قۇربانلىق سۇپىسىغا چىقىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ كەفارەت كەلتۈرۈپ، تورپاقنىڭ قېنى ۋە تېكىنىڭ قېنىدىن ئېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ چۆرىسىدىكى مۈڭگۈزلەرگە سۈرسۈن. ‏19 ئۇ بارمىقى بىلەن قاندىن ئېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئۈستىگە يەتتە قېتىم سېپىپ، ئۇنى بەنى ئىسرائىلنىڭ ناپاكلىقىدىن پاكلاپ مۇقەددەس قىلسۇن. ‏20 ئۇ مۇقەددەس جاي، ئۇچرىشىش چېدىرى ۋە قۇربانلىق سۇپىسى ئۈچۈن كەفارەت كەلتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن تىرىك تېكىنى كەلتۈرسۇن. ‏21 ھارۇن تىرىك تېكىنىڭ بېشىغا ئىككى قولىنى قويۇپ تۇرۇپ، بەنى ئىسرائىلنىڭ بارلىق يامانلىقلىرى ۋە گۇناھ ئۆتكۈزۈشى بىلەن قىلغان بارلىق ئىتائەتسىزلىكلىرىنى ئىقرار قىلىپ، بۇلارنى تېكىنىڭ بېشىغا ئارتىپ، ئۇنى بىرىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن چۆلگە ئەۋەتىۋەتسۇن. ‏22 بۇ تەرىقىدە تېكە ئۇلارنىڭ ھەممە يامانلىقلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، چۆلگە كېتىدۇ. شۇڭا ئۇ تېكىنى چۆلگە قويۇپ بەرسۇن.
‏23 ئاندىن كېيىن ھارۇن ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرىپ، مۇقەددەس جايغا كىرىدىغان ۋاقىتتا كىيگەن كەندىردىن توقۇلغان كىيىملىرىنى سېلىپ، ئۇ يەرگە قويۇپ قويسۇن. ‏24 مۇقەددەس يەردە ئۆز بەدىنىنى سۇدا يۇيۇپ، ئۆز كىيىملىرىنى كىيسۇن. تاشقىرىغا چىقىپ، ئۆزىنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقى ۋە خەلقنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنى سۇنۇپ، ئۆزى ۋە خەلق ئۈچۈن كەفارەت كەلتۈرۈپ، ‏25 گۇناھ قۇربانلىقى بولغان ھايۋاننىڭ يېغىنى قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن.
‏26 ئازازەلگە بېكىتىلگەن تېكىنى ئېلىپ بېرىپ قويۇۋەتكەن كىشى كىيىملىرىنى يۇيۇپ، ئۆز بەدىنىنى سۇدا يۇيۇپ، ئاندىن بارگاھقا كىرسۇن.
‏27 كەفارەت كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇقەددەس جايغا كەلتۈرۈلۈپ، گۇناھ قۇربانلىقى قىلىنغان تورپاق ۋە گۇناھ قۇربانلىقى قىلىنغان تېكە بارگاھنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىلىپ، ئۇلارنىڭ تېرىسى، گۆشى ۋە تېزەكلىرى ئوتتا كۆيدۈرۈلسۇن. ‏28 ئۇلارنى كۆيدۈرگەن كىشى ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بەدىنىنى سۇدا يۇسۇن، ئاندىن بارگاھقا كىرسۇن.
‏29 يەتتىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنى سىلەر ئۆز نەپسىڭلارنى يىغىپ، مەيلى يەرلىك ئادەم، مەيلى ئاراڭلاردا تۇرغان مۇساپىر بولسۇن، ئۇ كۈندە ھېچبىرىڭلار ئىش قىلماڭلار. بۇ سىلەرگە مەڭگۈلۈك قانۇن-بەلگىلىمە بولىدۇ. ‏30 چۈنكى ئۇ كۈندە، سىلەرنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ھەممە گۇناھلىرىڭلاردىن پاك قىلىشقا سىلەر ئۈچۈن كەفارەت كەلتۈرۈلىدۇ. ‏31 بۇ سىلەرگە تولۇق ئارام ئالىدىغان شابات كۈنى بولىدۇ. سىلەر نەپسىڭلارنى يىغىشىڭلار كېرەكتۇر. بۇ مەڭگۈلۈك قانۇن-بەلگىلىمە بولىدۇ. ‏32 ئاتىسىنىڭ ئورنىدا كاھىن بولۇش ئۈچۈن مەسىھلىنىپ خىزمەتكە تەيىنلەنگەن كاھىن، كەندىردىن توقۇلغان مۇقەددەس كىيىمنى كىيىپ، كەفارەت كەلتۈرىدۇ. ‏33 ئۇ ئەڭ مۇقەددەس جاي ئۈچۈن، شۇنداقلا ئۇچرىشىش چېدىرى ۋە قۇربانلىق سۇپىسى ئۈچۈنمۇ كەفارەت كەلتۈرىدۇ، ھەم قالغان كاھىنلار بىلەن خەلقنىڭ بارچە جامائىتى ئۈچۈنمۇ كەفارەت كەلتۈرىدۇ. ‏34 بۇ بولسا سىلەرنىڭ بەنى ئىسرائىلغا، ئۇلارنىڭ بارچە گۇناھلىرى ئۈچۈن، يىلدا بىر قېتىم كەفارەت كەلتۈرۈشۈڭلار توغرىسىدا مەڭگۈلۈك قانۇن-بەلگىلىمە بولىدۇ». ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلدى.