ئەر-خوتۇنلارنىڭ ھەر خىل ئاقمىسى ھەققىدە
15
‏1 پەرۋەردىگار مۇسا ۋە ھارۇنغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
‏2 «بەنى ئىسرائىلغا مۇنداق دەڭلار: ‹ئەگەر بىر ئەركەك كىشىنىڭ تېنىدىن ئاقما چىقسا، ئۇ كىشى ئاقما سەۋەبىدىن ناپاك ھېسابلانسۇن. ‏3 ئاقمىغا گىرىپتار بولغان كىشىنىڭ ناپاكلىقى توغرىسىدىكى ھۆكۈم شۇكى، ئاقما مەيلى بەدىنىدىن ئېقىپ تۇرسۇن، مەيلى بەدىنى ئىچىدە بولسۇن، ئۇ كىشى ناپاك ھېسابلانسۇن. ‏4 مۇنداق ئاقما بولغان كىشى ياتقان ھەممە ئورۇن ناپاك بولىدۇ ۋە ئۈستىدە ئولتۇرغان ھەرقانداق نەرسىمۇ ناپاك بولىدۇ. ‏5 ئۇنىڭ ياتقان ئورنىغا تەگكەن ھەر كىشى ئۆز كىيىملىرىنى يۇسۇن، ئۆزى ھەم سۇدا يۇيۇنسۇن ۋە ئۇ ئاخشامغىچە ناپاك ھېسابلانسۇن. ‏6 مۇنداق كېسەل ئولتۇرغان نەرسىدە ئولتۇرغان ھەر كىشى ئۆز كىيىملىرىنى يۇسۇن، ئۆزى ھەم سۇدا يۇيۇنسۇن ۋە ئۇ ئاخشامغىچە ناپاك ھېسابلانسۇن. ‏7 ئاقمىغا گىرىپتار بولغان كىشىنىڭ بەدىنىگە تەگكەن ھەربىر كىشى ئۆز كىيىملىرىنى يۇسۇن، ئۆزى ھەم سۇدا يۇيۇنسۇن ۋە ئۇ ئاخشامغىچە ناپاك ھېسابلانسۇن. ‏8 ئەگەر ئاقما كېسىلى بار كىشى پاك بولغان بىر كىشىگە تۈكۈرسە، ئۇ كىشى ئۆز كىيىملىرىنى يۇسۇن، سۇدا يۇيۇنسۇن ۋە ئۇ ئاخشامغىچە ناپاك ھېسابلانسۇن. ‏9 ئاقما كېسىلى بار كىشى مىنگەن ھەر ئېگەر-توقۇم ناپاك ھېسابلانسۇن. ‏10 ئۇنىڭ ئاستىغا قويۇلغان ھەربىر نەرسىگە تەگكەن ھەر كىشى ئاخشامغىچە ناپاك ھېسابلانسۇن ۋە ئۇنداق نەرسىنى كۆتۈرگەن كىشى ئۆز كىيىملىرىنى يۇسۇن، ئۆزى ھەم سۇدا يۇيۇنسۇن ۋە ئۇ ئاخشامغىچە ناپاك ھېسابلانسۇن. ‏11 ئاقما كېسىلى بار كىشى قولىنى يۇماستىن بىرىگە تەگكۈزسە، بۇ كىشى ئۆز كىيىملىرىنى يۇسۇن، ئۆزى ھەم سۇدا يۇيۇنسۇن ۋە ئۇ ئاخشامغىچە ناپاك ھېسابلانسۇن. ‏12 ئاقما كېسىلى بار كىشى تۇتقان ساپال قاچا چېقىۋېتىلسۇن، ياغاچ قاچا بولسا سۇدا يۇيۇلسۇن.
‏13 ئاقما بار كىشى ئاقما كېسىلىدىن ساقايغاندا، پاك بولۇش ئۈچۈن يەتتە كۈننى ھېسابلاپ ئۆتكۈزۈپ، ئاندىن كىيىملىرىنى يۇيۇپ، ئېقىن سۇغا چۆمۈلسۇن، ئاندىن ئۇ پاكلانغان بولىدۇ. ‏14 سەككىزىنچى كۈنى ئۇ ئىككى پاختەك ياكى ئىككى كەپتەر باچكىسىنى ئېلىپ، ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈپ، كاھىنغا تاپشۇرسۇن. ‏15 كاھىن بىرىنى گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن، يەنە بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن سۇنسۇن. بۇ تەرىقىدە كاھىن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ ئاقما كېسىلى ئۈچۈن كەفارەت كەلتۈرسۇن.
 
‏16 ئەگەر بىر ئەر كىشىنىڭ مەنىيسى چىقىپ كەتكەن بولسا، ئۇ پۈتۈن بەدىنىنى سۇدا يۇسۇن ۋە ئۇ ئاخشامغىچە ناپاك ھېسابلانسۇن. ‏17 مەنىي يۇقۇپ قالغان ھەربىر كىيىم ياكى تېرە سۇدا يۇيۇلسۇن ۋە ئاخشامغىچە ناپاك ھېسابلانسۇن. ‏18 ئەگەر بىر ئەر كىشى بىر ئايالغا يېقىنچىلىق قىلىپ، مەنىيسى چىقسا، ئىككىلىسى سۇدا يۇيۇنسۇن ۋە ئاخشامغىچە ناپاك ھېسابلانسۇن.
 
‏19 ئەگەر بىر ئايال ھەيز كۆرسە، يەنى ئۇنىڭدىن ئادەت مەزگىلىدىكى قان كەلسە، ئۇ يەتتە كۈنگىچە ناپاك بولۇپ ئايرىم تۇرسۇن. ئۇنىڭغا تەگكەن ھەربىر كىشى ئاخشامغىچە ناپاك ھېسابلانسۇن. ‏20 ئۇ ئادەت كۆرگەن كۈنلەردە ئۈستىدە ياتقان ھەربىر نەرسە ناپاك ھېسابلانسۇن، ئۈستىدە ئولتۇرغان ھەربىر نەرسىمۇ ناپاك ھېسابلانسۇن. ‏21 ئۇنىڭ ياتقان نەرسىسىگە تەگكەن كىشى ئۆز كىيىملىرىنى يۇسۇن، ئۆزى ھەم سۇدا يۇيۇنسۇن ۋە ئۇ ئاخشامغىچە ناپاك ھېسابلانسۇن. ‏22 ئۇنىڭ ئولتۇرغان نەرسىسىگە تەگكەن كىشىمۇ كىيىملىرىنى يۇسۇن، ئۆزى ھەم سۇدا يۇيۇنسۇن ۋە ئاخشامغىچە ناپاك ھېسابلانسۇن. ‏23 ئەگەر بىر كىشى ئۇنىڭ ياتقان ياكى ئولتۇرغان جايىغا قويۇلغان نەرسىگە تەگسە، ئاخشامغىچە ناپاك ھېسابلانسۇن. ‏24 ئەگەر بىر ئەر كىشى مۇنداق ئايال بىلەن بىللە بولۇپ، ئۇنىڭ ئادەت مەزگىلىدىكى قېنى ئۇنىڭغا يۇقۇپ قالسا، ئۇ يەتتە كۈنگىچە ناپاك بولىدۇ. ھەرنېمىنىڭ ئۈستىدە ياتسا، ئۇمۇ ناپاك بولىدۇ. ‏25 ئەگەر بىر ئايالنىڭ ئادەت مەزگىلىنىڭ سىرتىدا ئۇزۇنگىچە قېنى كېلىپ تۇرسا ياكى ئادەت مەزگىلى ئۆتكەندىن كېيىنمۇ توختىمىسا، بۇ ناپاك قان ئېقىپ تۇرغان كۈنلىرىنىڭ ھەممىسىدە، ئۇ ئادەت كۈنلىرىدە بولغاندەك ناپاك ھېسابلانسۇن. ‏26 قان ئاققان كۈنلەرنىڭ ئىچىدە ئۇ ئۈستىدە ياتقان ھەربىر نەرسە ئۇنىڭ ئادەت كۆرگەن كۈنلىرىدە ياتكان تۆشىكىدەك ناپاك بولۇپ ۋە ئۈستىگە ئولتۇرغان ھەربىر نەرسىمۇ ئادەت كۈنلىرىدە بولغاندەك ناپاك ھېسابلىنىدۇ. ‏27 بۇ نەرسىلەرگە تەگكەن ھەر كىشى ناپاك بولىدۇ، ئۇ كىشى كىيىملىرىنى يۇسۇن، ئۆزى سۇدا يۇيۇنسۇن ۋە ئۇ ئاخشامغىچە ناپاك ھېسابلانسۇن. ‏28 ئايال كىشى ھەيزدىن ساقىيىپ قالسا، يەتتە كۈننى ھېسابلاپ ئۆتكۈزۈپ بولغاندا، پاك ھېسابلىنىدۇ. ‏29 سەككىزىنچى كۈنى ئۇ ئىككى پاختەك ياكى ئىككى كەپتەر باچكىسىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا ئېلىپ كېلىپ، كاھىنغا بەرسۇن. ‏30 كاھىن بۇلارنىڭ بىرىنى گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن، يەنە بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن سۇنسۇن. بۇ تەرىقىدە كاھىن ئۇنىڭ ئاققان ناپاك قېنىدىن پاك بولۇشىغا، ئۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كەفارەت كەلتۈرسۇن.
‏31 سىلەر بۇ تەرىقىدە بەنى ئىسرائىلنى ناپاكلىقىدىن ئاجرىتىڭلار. بولمىسا ئۇلار ئارىسىدا تۇرغان مېنىڭ ماكانىمنى بۇلغاپ، ئۆز ناپاكلىقىدا ئۆلۈپ كېتىدۇ. ‏32 ئاقما كېسىلى بار كىشى ۋە مەنىيسى ئېقىپ كېتىپ ناپاك بولغان كىشى توغرىسىدا، ‏33 ئادەت كۆرۈپ قالغان ئايال، ئاقما كېسىلى بار ئەر ياكى ئايال ۋە ناپاك ئايال بىلەن بىللە بولغان ئەر توغرىسىدا كەلگەن قانۇن بۇدۇر›».