ماخاۋ كېسىلىدىن پاك بولۇش
14
1 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: 2 «ماخاۋ بولغان كىشى پاك قىلىنىدىغان كۈنىدە قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدىغان قانۇن شۇكى، ئۇ كاھىننىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلسۇن. 3 كاھىن بارگاھنىڭ سىرتىغا چىقىپ، ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىگە سەپسېلىپ قارىغىنىدا، ئۇ كىشىنىڭ ماخاۋ كېسىلىدىن ساقىيىپ قالغىنىنى كۆرسە، 4 كاھىن: ‹پاك قىلىنىدىغان كىشى ئۈچۈن ئىككى پاك تىرىك قۇش، كېدىر ياغىچى، توق قىزىل يىپ ۋە زۇپا ئۆسۈملۈكى كەلتۈرۈلسۇن› دەپ بۇيرۇسۇن. ■ 5 ئاندىن كېيىن كاھىن: ‹قۇشلارنىڭ بىرىنى ئېقىن سۇ قۇيۇلغان بىر كوزىنىڭ ئۈستىدە بوغۇزلاڭلار› دەپ بۇيرۇسۇن. 6 ئاندىن ئۇ تىرىك قۇش، كېدىر ياغىچى، توق قىزىل يىپ ۋە زۇپا ئۆسۈملۈكىنى ئېلىپ، بۇ نەرسىلەر تىرىك قۇش بىلەن بىللە ئېقىن سۇنىڭ ئۈستىدە بوغۇزلانغان قۇشنىڭ قېنىغا چىلاپ، 7 ماخاۋدىن پاك قىلىنىدىغان كىشىگە يەتتە قېتىم سېپىپ، ئۇنى پاكلىسۇن. ئاندىن تىرىك قۇشنى دالاغا قويۇپ بەرسۇن. 8 ماخاۋدىن پاك قىلىنىدىغان كىشى ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، ھەممە چېچىنى چۈشۈرۈپ، ئۆزىنى سۇدا يۇغاندىن كېيىن، پاك بولىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا بارگاھقا كىرىشكە ئىجازەت بولىدۇ، لېكىن يەتتە كۈنگىچە ئۆز چېدىرىنىڭ سىرتىدا تۇرۇشى كېرەك.
9 يەتتىنچى كۈنى مەيلى باشنىڭ چېچى بولسۇن، مەيلى ساقال ياكى قاش بولسۇن، ھەممە چاچلىرىنى ھەمدە بەدەننىڭ ھەممە تۈكلىرىنى چۈشۈرسۇن ۋە كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا ئۆز بەدىنىنى يۇسۇن. ئاندىن ئۇ پاكلانغان بولىدۇ.
10 سەككىزىنچى كۈنى ئۇ ئەيىبسىز ئىككى ئەركەك قوزىنى، بىر ياشلىق ئەيىبسىز بىر چىشى قوزىنى، ياغ ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇندىن بىر ئېفانىڭ ئوندىن ئۈچىنى ۋە بىر لوگ ياغ كەلتۈرسۇن. ■ 11 بۇ مۇراسىمنى ئۆتكۈزىدىغان كاھىن پاك قىلىنىدىغان كىشى ۋە مەزكۇر نەرسىلەرنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ يېنىدا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزۇپ قويسۇن. 12 ئاندىن كېيىن كاھىن ئەركەك قوزىلارنىڭ بىرىنى ئېلىپ، ئەيىب قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇنۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە مەزكۇر بىر لوگ ياغنىمۇ كەلتۈرۈپ، پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتسۇن. 13 قوزا بولسا مۇقەددەس جاينىڭ ئىچىدە گۇناھ قۇربانلىقى ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنغان ھايۋانلار بوغۇزلىنىدىغان جايدا بوغۇزلانسۇن. چۈنكى ئەيىب قۇربانلىقى گۇناھ قۇربانلىقىدەك كاھىنغا تېگىشلىك ۋە ئەڭ مۇقەددەس بولىدۇ. 14 كاھىن ئەيىب قۇربانلىقى قىلىنغان ھايۋاننىڭ قېنىدىن ئېلىپ، پاك قىلىنىدىغان كىشىنىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقى، ئوڭ قولىنىڭ باش بارمىقى ۋە ئوڭ پۇتىنىڭ باش بارمىقىغا سۈرۈپ قويسۇن. 15 ئاندىن كېيىن كاھىن مەزكۇر ياغدىن ئازغىنە ئېلىپ، ئۆزىنىڭ سول قولىنىڭ ئالىقىنىغا قۇيسۇن. 16 ئاندىن كاھىن ئوڭ بارمىقىنى سول قولىدىكى ياغقا چىلاپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا يەتتە قېتىم بارمىقى بىلەن ياغنى سەپسۇن. 17 ئاندىن كېيىن كاھىن قولىدىكى قالغان ياغدىن ئېلىپ، پاك قىلىنىدىغان كىشىنىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقى، ئوڭ قولى ۋە ئوڭ پۇتىنىڭ باش بارماقلىرىغا سۈرۈلگەن ئەيىب قۇربانلىقىنىڭ قېنىنىڭ ئۈستىگە سۈرۈپ قويسۇن. 18 ئاندىن كاھىن قولىدىكى ئېشىپ قالغان ياغنى پاك قىلىنىدىغان كىشىنىڭ بېشىغا قۇيسۇن. بۇ تەرىقىدە كاھىن ئۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كەفارەت كەلتۈرسۇن. 19 كاھىن پاك قىلىنىدىغان كىشىنى ناپاكلىقىدىن پاكلاشقا ئۇنىڭ ئۈچۈن كەفارەت كەلتۈرسۇن: ئۇ گۇناھ قۇربانلىقىنى تەييارلىسۇن. ئاندىن كېيىن ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولىدىغان ھايۋاننى بوغۇزلىسۇن. 20 كاھىن كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئاشلىق ھەدىيەسىنى قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. بۇ تەرىقىدە كاھىن ئۇنىڭ ئۈچۈن كەفارەت كەلتۈرسە، ئۇ كىشى پاكلانغان بولىدۇ.
21 لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كەلتۈرۈشكە قۇربى يەتمىگەن كەمبەغەل كىشى ئۆزىگە كەفارەت كەلتۈرۈش ئۈچۈن پۇلاڭلىتىشقا يالغۇز بىرلا ئەركەك قوزىنى ئەيىب قۇربانلىقى ئۈچۈن كەلتۈرسۇن. ئۇ يەنە ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن ياغ ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇندىن بىر ئېفانىڭ ئوندىن ئۈچىنى ۋە بىر لوگ ياغ كەلتۈرسۇن. 22 ئۇ ئۆز ئەھۋالىغا يارىشا ئىككى پاختەك ياكى ئىككى كەپتەر باچكىسىنىمۇ ئېلىپ كەلسۇن. بىرى گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن، يەنە بىرى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بولىدۇ. 23 ئۇ سەككىزىنچى كۈنى بۇ نەرسىلەرنى ئۆزىنىڭ پاك قىلىنىشى ئۈچۈن، ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا ئېلىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كاھىننىڭ يېنىغا ئېلىپ بارسۇن. 24 كاھىن بولسا ئەيىب قۇربانلىقى بولىدىغان ئەركەك قوزا ۋە مەزكۇر بىر لوگ ياغنى ئېلىپ، پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتسۇن. 25 ئەيىب قۇربانلىقى قىلىنغان ئەركەك قوزا بوغۇزلانغاندىن كېيىن، كاھىن ئەيىب قۇربانلىقى قىلىنغان ھايۋاننىڭ قېنىدىن ئېلىپ، پاك قىلىنىدىغان كىشىنىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقى، ئوڭ قولىنىڭ باش بارمىقى ۋە ئوڭ پۇتىنىڭ باش بارمىقىغا سۈرۈپ قويسۇن. 26 ئاندىن كېيىن كاھىن ياغدىن ئازغىنە ئېلىپ، سول قولىنىڭ ئالىقىنىغا قۇيسۇن. 27 ئوڭ بارمىقى بىلەن سول قولىدىكى ياغدىن كاھىن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا يەتتە قېتىم سەپسۇن. 28 ئاندىن كاھىن قولىدىكى ياغدىن ئېلىپ، پاك قىلىنىدىغان كىشىنىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقى، ئوڭ قولىنىڭ باش بارمىقى ۋە ئوڭ پۇتىنىڭ باش بارمىقىغا ئەيىب قۇربانلىقى بولغان ھايۋاننىڭ قېنىنىڭ ئۈستىگە سۈرسۇن. 29 كاھىن قولىدىكى ياغنىڭ قالغىنىنى، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ ئۈچۈن كەفارەت كەلتۈرۈشكە پاك قىلىنىدىغان كىشىنىڭ بېشىغا قۇيسۇن. 30 ئاندىن ئۇ كىشى قۇربى يەتكەن پاختەكتىن بىرنى ياكى كەپتەر باچكىلىرىدىن بىرنى سۇنسۇن، 31 ئۇنىڭ قۇربىغا يارىشا، بىرىنى گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە، يەنە بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە ئاشلىق ھەدىيەسى بىلەن بىللە سۇنسۇن. بۇ تەرىقىدە كاھىن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پاك قىلىنىدىغان كىشى ئۈچۈن كەفارەت كەلتۈرسۇن.
32 ئۆزىدە ماخاۋ بولغان، پاك قىلىنىشى ئۈچۈن كېرەك بولىدىغان نەرسىلەرنى كەلتۈرۈشكە قۇربى يەتمىگەن كىشى توغرىسىدىكى قانۇن بۇدۇر».
33 پەرۋەردىگار مۇسا ۋە ھارۇنغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
34 «سىلەر مەن ئۆزۈڭلارغا مىراس قىلىپ بېرىدىغان كەنئان زېمىنىغا كىرگەندىن كېيىن، مەن سىلەرگە مىراس قىلىپ بېرىدىغان زېمىندىكى بىر ئۆيگە ماخاۋ ۋاباسىنى ئەۋەتسەم، 35 ئۆينىڭ ئىگىسى كاھىننىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: ‹ئۆيۈمگە ۋابا يۇققاندەك تۇرىدۇ› دەپ خەۋەر قىلسۇن. 36 كاھىن بولسا: ‹ئۆيدىكى ھەممە نەرسىلەر ناپاك بولماسلىقى ئۈچۈن مەن بېرىپ، بۇ ۋابانى سەپسېلىپ كۆرۈشتىن بۇرۇن ئۆينى بىكار قىلىڭلار› دەپ بۇيرۇسۇن. ئاندىن كېيىن كاھىن كىرىپ، ئۆيگە سەپسېلىپ قارىسۇن. 37 بۇ ۋابا پەيدا بولغان جايغا سەپسېلىپ قارىغىنىدا، ئۆينىڭ تاملىرىغا يۇقۇپ قالغان داغلار كاۋاك بولۇپ، يېشىلراق ياكى قىزغۇچ كۆرۈنۈپ، تامنىڭ يۈزىدىن چوڭقۇر بولسا، 38 كاھىن ئۆيدىن چىقىپ ئۆينىڭ ئىشىكىنى يېپىپ، ئۆينى يەتتە كۈن تاقاپ قويسۇن. 39 ئەگەر كاھىن يەتتىنچى كۈنى يېنىپ كېلىپ، سەپسېلىپ قارىغىنىدا، ئۆينىڭ تاملىرىدىكى داغلارنىڭ كېڭىيىپ كەتكىنىنى كۆرسە، 40 كاھىن ۋابا يۇققان تاشلارنى چىقىرىپ، شەھەرنىڭ سىرتىدىكى ناپاك بىر جايغا تاشلىۋېتىشنى بۇيرۇسۇن. 41 ئاندىن ئۇ ئۆينىڭ ئىچىنى قىردۇرسۇن. قىرىلغان سۇۋاقمۇ شەھەرنىڭ سىرتىدىكى ناپاك بىر جايغا تاشلىۋېتىلسۇن. 42 ئاندىن ئىلگىرىكى تاشلارنىڭ ئورنىغا باشقا تاشلار قويۇلسۇن ۋە باشقا لاي ئېتىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆي قايتىدىن سۇۋالسۇن. 43 لېكىن تاشلار چىقىرىلىپ، ئۆي قىرىلىپ، قايتىدىن سۇۋالغاندىن كېيىن، ئۆيدە يەنە بىر داغ چىقىپ قالسا، 44 كاھىن كېلىپ، بۇنىڭغا سەپسېلىپ قارىسۇن. سەپسېلىپ قارىغىنىدا داغنىڭ ئۆيدە كېڭىيىپ كەتكىنىنى كۆرسە، بۇ ئۆيگە يۇققىنى يەپ كېتىدىغان ماخاۋ بولغاچ، ئۆي ناپاك ھېسابلانسۇن. 45 ئۇلار ئۆينىڭ تاش ۋە ياغىچىنى بارلىق سۇۋىقى بىلەن بىللە ئۆرۈپ چۈشۈرۈپ، ھەممىسى شەھەرنىڭ سىرتىدىكى بىر ناپاك جايغا تاشلىۋەتسۇن. 46 ئۆي تاقاقلىق تۇرغان كۈنلەردە بىر كىشى ئۇنىڭغا كىرگەن بولسا، ئۇ ئاخشامغىچە ناپاك ھېسابلانسۇن. 47 ئەگەر بىر كىشى ئۆينىڭ ئۆزىدە ياتقان بولسا، ئۆز كىيىملىرىنى يۇسۇن ۋە ئەگەر بىر كىشى ئۆيدە تاماق يېگەن بولسا، ئۇمۇ ھەم ئۆز كىيىملىرىنى يۇسۇن. 48 كاھىن يەنە كېلىپ ئۆيگە سەپسېلىپ قارىغىنىدا، داغنىڭ ئۆي سۇۋىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭدا كېڭىيىپ كەتمىگىنىنى كۆرسە، ۋابا كۆتۈرۈلۈپ كەتكەچكە، ئۆينىڭ پاك ئىكەنلىكىنى جاكارلىسۇن. 49 ئۆينىڭ پاك قىلىنىشى ئۈچۈن ئۇ ئىككى قۇش، كېدىر ياغىچى، توق قىزىل يىپ ۋە زۇپا ئۆسۈملۈكى ئالسۇن. 50 ئۇ قۇشلارنىڭ بىرىنى ئېقىن سۇ قۇيۇلغان بىر كوزىنىڭ ئۈستىدە بوغۇزلىسۇن. 51 ئاندىن ئۇ كېدىر ياغىچى، زۇپا ئۆسۈملۈكى ۋە توق قىزىل يىپنى ئېلىپ، تىرىك قۇشقا قوشۇپ، ھەممىسىنى بوغۇزلانغان قۇشنىڭ قېنى بىلەن ئېقىن سۇغا چىلاپ، ئۆيگە يەتتە قېتىم چاچسۇن. 52 بۇ تەرىقىدە ئۇ قۇشنىڭ قېنى بىلەن ۋە ئېقىن سۇ، تىرىك قۇش، كېدىر ياغىچى، زۇپا ئۆسۈملۈكى ۋە توق قىزىل يىپنى ئىشلىتىپ، ئۆينى پاكلانسۇن. 53 ئاندىن ئۇ تىرىك قۇشنى شەھەرنىڭ سىرتىدىكى دالادا قويۇپ بەرسۇن. ئۇ شۇنداق قىلىپ، ئۆي ئۈچۈن كەفارەت كەلتۈرسە، ئۆي پاكلانغان بولىدۇ.
54 بۇ قانۇن ھەر خىل ماخاۋ ۋابالىرى توغرىسىدا بولۇپ، قوتۇر ۋە 55 كىيىم ۋە ئۆيگە يۇققان ماخاۋ توغرىسىدا ۋە 56 تېرىدىكى ئىششىق، قاقاچ ۋە ئاق داغلار توغرىسىدىكى قانۇندۇر.
57 بۇ بىر نەرسىنىڭ قاچان پاك ۋە قاچان ناپاك بولىدىغانلىقى توغرىسىدا تەلىم بېرىدىغان قانۇندۇر. مانا، بۇ ماخاۋ توغرىسىدىكى قانۇندۇر».