ماخاۋ كېسىلىنى ئەنىقلاش
13
‏1 پەرۋەردىگار مۇسا ۋە ھارۇنغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:   
‏2 «ئەگەر بىرسىنىڭ بەدىنىنىڭ تېرىسىدە بىر ئىششىق ياكى تەمرەتكە ياكى ئاق بىر داغ بولۇپ قېلىپ، ئۇنىڭدىن تېرىسىدە ماخاۋ كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇشى مۇمكىن بولسا، ئۇ كىشى كاھىن ھارۇننىڭ ياكى ئۇنىڭ كاھىن بولغان ئوغۇللىرىنىڭ بىرىنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلسۇن. ‏3 ئەگەر كاھىن ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ كېسەل جايىغا قارىغىنىدا، كېسەل بولغان جاينىڭ تۈكى ئاقارغان ۋە بەدىنىنىڭ قالغان تېرىسىدىن چوڭقۇرراق بولغان بولسا، بۇ ماخاۋ كېسىلىدۇر. كاھىن ئۇنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ناپاك ئىكەنلىكىنى جاكارلىسۇن. ‏4 لېكىن ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ تېرىسىدىكى كۆرۈنگەن ئاق داغ، ئەتراپىدىكى تېرىسىدىن چوڭقۇر كۆرۈنمىسە، تۈكىمۇ ئاقارغان بولمىسا، كاھىن بۇ كېسەل كىشىنى يەتتە كۈن سولاپ قويسۇن. ‏5 يەتتىنچى كۈنى كاھىن ئۇنى كۆرگىنىدە كېسەل جايى ئوخشاش تۇرۇپ، تېرىسىدە كېڭىيىپ كەتمىگەن بولسا، كاھىن ئۇنى يەنە يەتتە كۈن سولاپ قويسۇن. ‏6 يەتتىنچى كۈنى كاھىن ئۇنى يەنە كۆرگىنىدە كېسەل جاينىڭ رەڭگى سۇسلاشقان بولسا ۋە تېرىسىدە كېڭىيىپ كەتمىگەن بولسا، بۇ پەقەت تەمرەتكە بولغىنى ئۈچۈن، كاھىن ئۇنىڭ پاك ئىكەنلىكىنى جاكارلىسۇن. ئۇ ئۆز كىيىملىرىنى يۇسۇن، ئاندىن ئۇ پاك ھېسابلانسۇن. ‏7 لېكىن كاھىن بۇنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ پاك ئىكەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن تەمرەتكە تېرىسىدە كېڭىيىپ كەتسە، ئىككىنچى قېتىم كاھىنغا كۆرسىتىلسۇن. ‏8 كاھىن ئۇنى كۆرۈپ تەمرەتكىنىڭ ئۇنىڭ تېرىسىدە كېڭىيىپ كەتكىنىنى كۆرسە، بۇنى ماخاۋ دەپ بىلىپ، ئۇنىڭ ناپاك ئىكەنلىكىنى جاكارلىسۇن.
 
‏9 ئەگەر بىر كىشىدە ماخاۋ كېسىلى پەيدا بولۇپ قالسا، ئۇ كاھىننىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلسۇن. ‏10 كاھىن ئۇنىڭغا سەپسېلىپ قارىسۇن. ئۇ تېرىسىدە ئاق بىر ئىششىقنى تېپىپ، تۈكىنىڭ ئاقارغىنىنى ۋە ئىششىق جاينىڭ گۆشىنىڭ ئۆلۈك ئەت بولۇپ قالغىنىنى كۆرسە، ‏11 بۇ ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ تېرىسىگە چۈشكەن سوزۇلما خاراكتېرلىك ماخاۋ بولغاچقا، كاھىن ئۇنىڭ ناپاك ئىكەنلىكىنى جاكارلاپ قويسۇن. ئۇنى سولاپ قويۇش ھاجىتى يوقتۇر، چۈنكى ئۇ ئېنىقلا ناپاكتۇر. ‏12 ئەگەر ماخاۋ تېرىسىگە يېيىلىپ كەتكەن بولسا ۋە ماخاۋ باشتىن ئاياغقىچە بېسىپ كېتىپ، كاھىن كۆرگەنلا جايلارنىڭ تېرىسىنىڭ ھەممىسىنى قاپلاپ كەتكەن بولسا، ‏13 كاھىن بۇنىڭغا سەپسېلىپ قاراپ، ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى ماخاۋ بېسىپ كەتكىنىنى كۆرگەندىن كېيىن، كېسەل كىشىنىڭ پاك ئىكەنلىكىنى جاكارلىسۇن، چۈنكى ئۇنىڭ ھەممە بەدىنى ئاقىرىپ قالغاچقا، ئۇ پاك ھېسابلانسۇن. ‏14 لېكىن ئۇنىڭ بەدىنىدە خام ئەت كۆرۈنگەن زامان ئۇ كىشى ناپاك ھېسابلانسۇن. ‏15 كاھىن مۇنداق خام ئەتنى كۆرسە، ئۇ كىشىنىڭ ناپاك ئىكەنلىكىنى جاكارلىسۇن، چۈنكى خام ئەت ناپاك بولىدۇ. بۇ ماخاۋ كېسىلىدۇر. ‏16 ئەگەر خام ئەت كېيىن ئاقىرىپ قالسا، ئۇ كىشى كاھىننىڭ ئالدىغا كەلسۇن. ‏17 كاھىن ئۇنىڭغا سەپسېلىپ قاراپ، كېسەل جاينىڭ ئاقىرىپ قالغىنىنى كۆرسە، كاھىن ئۇنىڭ پاك ئىكەنلىكىنى جاكارلىسۇن. ئۇ پاك ھېسابلىنىدۇ.
‏18 ئەگەر بىر كىشىنىڭ بەدىنىنىڭ تېرىسىگە چاقا چىقىپ، ساقىيىپ كەتكەندىن كېيىن، ‏19 چاقىنىڭ ئورنىدا ئاق ئىششىق ياكى قىزغۇچ ئاق داغ پەيدا بولغان بولسا، كاھىنغا كۆرسىتىلسۇن. ‏20 كاھىن ئۇنىڭغا سەپسېلىپ قاراپ، داغنىڭ ئورنى قالغان تېرىدىن چوڭقۇر بولۇپ، تۈكلىرىنىڭ ئاقىرىپ قالغىنىنى كۆرسە، كاھىن ئۇنىڭ ناپاك ئىكەنلىكىنى جاكارلىسۇن، چۈنكى بۇ چاقىدىن چىقىپ يېيىلغان ماخاۋدۇر. ‏21 لېكىن كاھىن سەپسېلىپ قارىغىنىدا داغنىڭ ئورنىدىكى تۈكلەر ئاقىرىپ قالمىغان بولسا، داغ ئۆزى ئەتراپىدىكى تېرىدىن چوڭقۇر بولمىسا ۋە رەڭگى سۇسراق بولغان بولسا، كاھىن ئۇنى يەتتە كۈن سولاپ قويسۇن. ‏22 لېكىن داغ تېرىسىگە يېيىلىپ كەتسە، كاھىن ئۇنىڭ ناپاك ئىكەنلىكىنى جاكارلىسۇن، چۈنكى بۇ ماخاۋ كېسىلىدۇر. ‏23 ئەمما ئەگەر داغ ئۆز جايىدا توختاپ يېيىلمىغان بولسا، بۇ چاقىنىڭ تاتۇقى بولۇپ، كاھىن ئۇنىڭ پاك ئىكەنلىكىنى جاكارلىسۇن.
‏24 ئەگەر بىر كىشىنىڭ بەدىنىنىڭ تېرىسىنىڭ بىر جايى كۆيۈپ قېلىپ، كۆيگەن جايىنىڭ ئورنى قىزغۇچ ئاق ياكى پۈتۈنلەي ئاق داغ بولۇپ قالسا، ‏25 كاھىن ئۇنىڭغا سەپسېلىپ قارىسۇن. ئەگەر ئۇ داغنىڭ ئورنىدىكى تۈكلەر ئاقىرىپ قالغان بولسا ۋە داغ ئەتراپىدىكى تېرىدىن چوڭقۇر بولۇپ قالغان بولسا، بۇ كۆيۈكتىن چىقىپ يېيىلغان ماخاۋ كېسىلىدۇر. كاھىن ئۇنىڭ ناپاك ئىكەنلىكىنى جاكارلىسۇن، چۈنكى بۇ ماخاۋ كېسىلىدۇر. ‏26 لېكىن كاھىن سەپسېلىپ قارىغاندا داغنىڭ ئورنىدىكى تۈكلەر ئاقىرىپ قالمىغان بولسا، داغ ئۆزى ئەتراپىدىكى تېرىدىن چوڭقۇر بولۇپ قالمىغان بولسا ۋە رەڭگى سۇسراق بولسا، كاھىن ئۇنى يەتتە كۈن سولاپ قويسۇن. ‏27 يەتتىنچى كۈنى كاھىن ئۇنى يەنە كۆرگىنىدە داغ تېرىسىدە كېڭىيىپ كەتكەن بولسا، كاھىن ئۇنىڭ ناپاك ئىكەنلىكىنى جاكارلىسۇن، چۈنكى بۇ ماخاۋ كېسىلىدۇر. ‏28 ئەمما داغ يېيىلماي ئۆز جايىدا توختاپ، رەڭگى سۇسراق بولۇپ قالغان بولسا، بۇ كۆيۈكتىن پەيدا بولغان بىر ئىششىقتۇر. كاھىن ئۇنىڭ پاك ئىكەنلىكىنى جاكارلىسۇن، چۈنكى بۇ پەقەت كۆيۈكتىن قالغان بىر تاتۇقتۇر.
‏29 ئەگەر بىر ئەر ياكى ئايال كىشىنىڭ بېشىدا ياكى ئېڭىكىدە بىر جاراھەت پەيدا بولسا، ‏30 كاھىن كېسەل جايىغا سەپسېلىپ قارىغاندا، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى تېرىسىدىن چوڭقۇر بولغىنىنى ۋە ئۈستىدە شالاڭ سېرىق تۈك بار ئىكەنلىكىنى كۆرسە، كاھىن ئۇنىڭ ناپاك ئىكەنلىكىنى جاكارلىسۇن، چۈنكى بۇ باش ياكى ئېڭەكنىڭ قوتۇرى بولۇپ، بىر خىل ماخاۋ كېسەللىكىدۇر. ‏31 لېكىن كاھىن قوتۇر جايغا سەپسېلىپ قارىغاندا، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى تېرىسىدىن چوڭقۇر بولۇپ قالمىغىنىنى، قارا تۈكمۇ بولمىغىنىنى كۆرسە، كاھىن بۇ كېسەل كىشىنى يەتتە كۈن سولاپ قويسۇن. ‏32 لېكىن يەتتىنچى كۈنى كاھىن قوتۇر جايغا سەپسېلىپ قاراپ، قوتۇرنىڭ كېڭىيىپ كەتمىگىنىنى، ئۈستىدىمۇ سېرىق تۈك بولمىغىنىنى ۋە قوتۇر بولغان جاينىڭ ئەتراپىدىكى تېرىسىدىن چوڭقۇر بولمىغىنىنى كۆرسە، ‏33 ئۇ كىشى قوتۇر جاينى قويۇپ باشقا جايلارنىڭ تۈكىنى چۈشۈرۈۋەتسۇن ۋە كاھىن قوتۇر كېسىلى بار كىشىنى يەنە يەتتە كۈن سولاپ قويسۇن. ‏34 لېكىن يەتتىنچى كۈنى كاھىن قوتۇر كېسىلى بار كىشىگە سەپسېلىپ قاراپ، قوتۇرنىڭ تېرىدە كېڭىيىپ كەتمىگىنىنى ۋە ئۇنىڭ تېرىسىنىڭ قالغان جايىدىن چوڭقۇر بولۇپ قالمىغىنىنى كۆرسە، كاھىن ئۇنىڭ پاك ئىكەنلىكىنى جاكارلىسۇن. ئاندىن كېيىن ئۇ ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، پاك ھېسابلىنىدۇ. ‏35 لېكىن ئۇنىڭ پاك ئىكەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن قوتۇر تېرىدە كېڭىيىپ كەتسە، ‏36 كاھىن ئۇنىڭغا سەپسېلىپ قاراپ، قوتۇرنىڭ تېرىدە كېڭىيىپ كەتكىنىنى كۆرسە، كاھىنغا سېرىق تۈكى بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوقتۇر، چۈنكى بۇ كىشى ناپاكتۇر. ‏37 لېكىن قوتۇر ئۆز جايىدا تۇرۇپ قېلىپ، ئۈستىدىن قارا تۈك ئۈنۈپ چىققان بولسا، قوتۇر ساقايغان بولۇپ، كىشى پاك بولغاچقا، كاھىن ئۇنىڭ پاك ئىكەنلىكىنى جاكارلىسۇن.
‏38 ئەگەر بىر ئەر ياكى ئايال كىشىنىڭ بەدىنىنىڭ تېرىسىدە داغ چىقىپ قېلىپ، بۇ داغ ئاق بولسا، ‏39 كاھىن سەپسېلىپ قارىسۇن. ئەگەر بەدەننىڭ تېرىسىدىكى داغ قارامتۇل ئاق بولسا، بۇ پەقەت تېرىدىن چىققان بىر خىل جاراھەت بولغاچقا، بۇ كىشى پاك ھېسابلانسۇن.
‏40 ئەگەر بىر كىشىنىڭ بېشىنىڭ تۈكى چۈشۈپ كەتكەن بولسا، ئۇ تاقىر باش بولغاچ، پاك ھېسابلانسۇن. ‏41 ئەگەر بىر كىشىنىڭ چاچلىرى پېشانە تەرىپىدىن چۈشۈپ كەتكەن بولسا، ئۇ پېشانە تەرىپىدە تاقىر باش بولغاچ، پاك ھېسابلانسۇن. ‏42 لېكىن ئۇنىڭ تاقىر بېشى ياكى ئۇنىڭ پېشانىسى تەرىپىدىكى تاقىر جايدا قىزغۇچ ئاق داغ كۆرۈنسە، بۇ تاقىر بېشىدىن ياكى پېشانىسى تەرىپىدىكى تاقىر جايدىن چىقىپ قالغان ماخاۋ كېسىلىدۇر. ‏43 كاھىن ئۇنىڭغا سەپسېلىپ قاراپ، ئۇنىڭ تاقىر بېشى ياكى پېشانىسى تەرىپىدىكى تاقىر جايدىكى داغنىڭ ماخاۋنىڭ دېغىدەك قىزغۇچ ئاق ئىكەنلىكىنى كۆرسە، ‏44 ماخاۋ ئۇنىڭ بېشىغا چۈشكەندۇر. ئۇ ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، ناپاك بولغاچقا، كاھىن ئۇنىڭ ناپاك ئىكەنلىكىنى جاكارلىسۇن.
 
‏45 ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشى يىرتىق كىيىملەر كىيىپ، بېشىنى ئوچۇق قويۇپ، بۇرۇتىنى يېپىپ: «ناپاك، ناپاك» دەپ ۋارقىراپ يۈرسۇن. ‏46 ئۇ بۇ ۋاباغا گىرىپتار بولغان كۈنلەرنىڭ ھەممىسىدە، ناپاك بولغىنى ئۈچۈن ناپاك ھېسابلىنىپ، ئايرىم تۇرسۇن، ئۇنىڭ تۇرىدىغان جايى بارگاھنىڭ سىرتىدا بولسۇن.
 
‏47 مەيلى يۇڭدىن ياكى كەندىر يىپتىن قىلىنغان بولسۇن، بىر كىيىمدە ماخاۋ دېغى پەيدا بولسا، ‏48 ياكى يۇڭ ياكى كەندىر يىپتىن توقۇلغان ياكى ئۆرۈلگەن بىر بۇيۇمدا ياكى تېرە ۋە ياكى تېرىدىن ياسالغان ھەرقانداق بىر بۇيۇمدا ماخاۋ دېغى پەيدا بولسا، ‏49 ۋە بۇ كىيىمگە، تېرىگە ۋە ياكى توقۇلغان ياكى ئۆرۈلگەن بۇيۇمغا چۈشۈپ قالغان داغ يېشىلراق ياكى قىزغۇچ بولسا، بۇ ماخاۋنىڭ دېغى بولغاچقا، كاھىنغا كۆرسىتىلسۇن. ‏50 كاھىن بۇنىڭغا سەپسېلىپ قاراپ، ۋابا چۈشۈپ قالغان نەرسىنى يەتتە كۈن ساقلاپ قويسۇن. ‏51 يەتتىنچى كۈنى ئۇ داغ بار جايغا قاراپ باقسا، ۋابا كىيىمدە ياكى توقۇلغان ياكى ئۆرۈلگەن بۇيۇمدا، ياكى تېرىدە ۋە ياكى تېرىدىن ياسالغان بۇيۇمدا كېڭىيىپ كەتكەن بولسا بۇ يەپ كېتىدىغان ماخاۋ بولغاچ، ناپاك ھېسابلانسۇن. ‏52 شۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق داغ چۈشۈپ قالغان كىيىمنى، يۇڭ ياكى كەندىر يىپتىن توقۇلغان ياكى ئۆرۈلگەن بۇيۇمنى ۋە ياكى تېرىدىن ياسالغان بۇيۇمنى كۆيدۈرۈۋەتسۇن، چۈنكى بۇ يەپ كېتىدىغان ماخاۋ بولغاچقا، مۇنداق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئوتتا كۆيدۈرۈش كېرەكتۇر. ‏53 لېكىن كاھىن بۇنىڭغا سەپسېلىپ قارىغاندا، بۇ داغنىڭ كىيىمدە، توقۇلغان ياكى ئۆرۈلگەن بۇيۇمدا ۋە ياكى تېرىدىن ياسالغان بۇيۇمدا كېڭەيمىگىنىنى كۆرسە، ‏54 كاھىن دېغى بار نەرسە يۇيۇلسۇن دەپ بۇيرۇپ، ئىككىنچى قېتىم ئۇنى يەتتە كۈن ساقلاپ قويسۇن. ‏55 بۇ داغ يۇيۇلغاندىن كېيىن كاھىن ئۇنىڭغا سەپسېلىپ قارىغىنىدا، ۋابا كېڭىيىپ كەتمىگەن بولسىمۇ، داغنىڭ رەڭگى ئۆزگەرمىگەن بولسا، ئۇ يەنىلا ناپاكتۇر. بۇ داغ مەيلى ئۇنىڭ ئىچ يۈزىدە بولسۇن ياكى تاش يۈزىدە بولسۇن، ئۇ يەپ كېتىدىغان ۋابا بولغاچ، ئۇ بۇيۇم ئوتتا كۆيدۈرۈلسۇن. ‏56 لېكىن يۇيۇلغاندىن كېيىن كاھىن سەپسېلىپ قارىغىنىدا، داغنىڭ رەڭگى سۇسلىشىپ كەتكەن بولسا، ئۇ بۇنى كىيىمدىن، تېرىدىن ۋە ياكى توقۇلغان ياكى ئۆرۈلگەن بۇيۇمدىن يىرتىۋېلىپ تاشلىۋەتسۇن. ‏57 ئەگەر بۇ داغ تېخى كىيىمدە، توقۇلغان ياكى ئۆرۈلگەن بۇيۇمدا ۋە ياكى تېرىدىن ياسالغان بۇيۇمدا كۆرۈنسە، بۇ يېيىلىدىغان ۋابا دېمەكتۇر، ۋابا چاپلاشقان بۇيۇم ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىلسۇن. ‏58 لېكىن داغ كىيىمدىن، توقۇلغان ياكى ئۆرۈلگەن بۇيۇمدىن ياكى تېرىدىن ياسالغان بۇيۇمدىن يۇيۇلۇش بىلەن كېتىپ قالسا، بۇ بۇيۇم ئىككىنچى قېتىم يۇيۇلسۇن، ئاندىن پاك ھېسابلانسۇن. ‏59 يۇڭ ياكى كەندىردىن توقۇلغان كىيىمگە، توقۇلغان ياكى ئۆرۈلگەن بۇيۇمغا ۋە ياكى تېرىدىن ياسالغان بىر بۇيۇمغا ماخاۋنىڭ دېغى چۈشكەن بولسا، ئۇنى پاك ياكى ناپاك بولغىنىنى جاكارلاش ئۈچۈن بېكىتىلگەن قانۇن بۇدۇر».