تۇغۇتتىن كېيىنكى پاكلىنىش
12
1 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: 2 «بەنى ئىسرائىلغا مۇنداق دېگىن: ‹ئەگەر بىر ھامىلىدار ئايال ئوغۇل تۇغسا، ئۇ ئادەت كۆرگەن كۈنلىرىدىكىدەك يەتتە كۈنگىچە ناپاك ھېسابلانسۇن. 3 سەككىزىنچى كۈنى ئوغۇل خەتنە قىلىنسۇن. 4 ئاندىن كېيىن ئايال قاندىن پاكلانغۇچە ئوتتۇز ئۈچ كۈن ئايرىم تۇرسۇن، پاكلىنىش كۈنلىرى تامام بولمىغۇچە ھېچبىر مۇقەددەس نەرسىگە تەگمىسۇن، مۇقەددەس جايغىمۇ كىرمىسۇن. 5 ئۇ قىز تۇغسا، ئادەت كۆرگەن كۈنلىرىدىكىدەك ئىككى ھەپتىگىچە ناپاك بولىدۇ، ئاندىن قاندىن پاكلانغىچە ئاتمىش ئالتە كۈن ئايرىم تۇرسۇن. 6 ئۇنىڭ ئوغۇل ياكى قىز تۇغقىنى ئۈچۈن ئۆتكۈزىدىغان پاكلىنىش كۈنلىرى تامام بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئايال كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر ياشلىق ئەركەك قوزىنى ۋە گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر كەپتەر باچكىسى ۋە پاختەكنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا ئېلىپ كېلىپ، كاھىنغا بەرسۇن. 7 كاھىن ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سۇنۇپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن كەفارەت كەلتۈرسە، ئۇ ناپاك قېنىدىن پاكلىنىدۇ. ئوغۇل ياكى قىز تۇغقان ئايال توغرىسىدىكى قانۇن بۇدۇر. 8 ئەگەر ئۇ قوزا كەلتۈرەلمىسە، ئىككى پاختەك ياكى ئىككى كەپتەر باچكىسىنى ئېلىپ، بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن، يەنە بىرىنى گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن كەلتۈرسۇن. بۇ تەرىقىدە كاھىن ئۇنىڭ ئۈچۈن كەفارەت كەلتۈرسە، ئۇ ئايال پاكلانغان بولىدۇ›».