ھالال ۋە ھارام جانىۋارلار
11
‏1 پەرۋەردىگار مۇسا ۋە ھارۇنغا سۆز قىلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
‏2 «بەنى ئىسرائىلغا مۇنداق دەڭلار: يەر يۈزىدىكى ھەممە ھايۋانلارنىڭ ئىچىدىن سىلەرگە يېيىشكە بولىدىغان ھايۋانلار شۇكى: ‏3 تۇياقلىرى پۈتۈنلەي ئاچىماق بولغان ھەممە كۆشىگۈچى ھايۋانلارنى يېيىشكە بولىدۇ.
‏4 لېكىن كۆشىگۈچى ھايۋانلار ياكى ئاچىماق تۇياقلىق ھايۋانلار ئىچىدىن سىلەرگە يېيىشكە بولمايدىغان ھايۋانلارنىڭ بىرى تۆگە بولىدۇ. چۈنكى ئۇ كۆشىسىمۇ ئۇنىڭ ئاچىماق تۇيىقى يوقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ سىلەرگە ھارام بولىدۇ. ‏5 تاغ توشقىنىمۇ كۆشىگىنى بىلەن ئاچىماق تۇيىقى بولمىغاچقا، سىلەرگە ھارام بولىدۇ. ‏6 ياۋا توشقان ھەم كۆشىگىنى بىلەن ئاچىماق تۇياقلىق بولمىغاچقا، سىلەرگە ھارام بولىدۇ. ‏7 توڭگۇز بولسا ئاچىماق تۇيىقى بولغىنى بىلەن، كۆشىمىگىنى ئۈچۈن سىلەرگە ھارام بولىدۇ. ‏8 مەزكۇر ھايۋانلارنىڭ گۆشىدىن يېمەڭلار، ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىگىمۇ تەگمەڭلار. ئۇلار سىلەرگە ھارامدۇر.
 
‏9 سۇدا ياشايدىغان جانىۋارلارنىڭ ئىچىدىن، سۇدىكى، يەنى دەريا ۋە ئېقىنلاردىكى جانىۋارلاردىن قانىتى ۋە تېرە ئورنىدا قاسىرىقى بار بولغانلارنى يېيىشكە بولىدۇ. ‏10 ئەمما سۇدا ئۈزۈپ سۇ ئىچىدە ياشايدىغان ھەممە جانىۋارلارنىڭ ئىچىدىن دېڭىز ۋە ئېقىنلاردىكى قانىتى ۋە قاسىرىقى يوق جانىۋارلار سىلەر ئۈچۈن يىرگىنچلىك بولسۇن. ‏11 مەزكۇر جانىۋارلاردىن يىرگىنىڭلار. سىلەر ئۇلارنىڭ گۆشىدىن يېمەڭلار، ئۇلارنىڭ ئۆلۈكلىرىنى يىرگىنچلىك دەپ ھېسابلاڭلار. ‏12 سۇدىكى جانىۋارلارنىڭ ئىچىدىن قانىتى ۋە قاسىرىقى بولمىغان جانىۋارلارنىڭ ھەممىسىنى يىرگىنچلىك ھېسابلاڭلار.
 
‏13 ئۇچار قاناتلاردىن تۆۋەندىكى قۇشلارنى يىرگىنچلىك ھېسابلاڭلار، ئۇلار يېيىلمىسۇن: بۈركۈت، بېلىقچىقۇش ۋە دېڭىز بۈركۈتى، ‏14 سار، شۇڭقار ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى، ‏15 قاغا-قوزغۇنلارنىڭ ھەممە تۈرلىرى، ‏16 تۆگىقۇش، كاككۇك، چايكا ۋە قارچىغا ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى، ‏17 مۈشۈكياپىلاق، قاشقالداق ۋە ھۇۋقۇش، ‏18 ئاققۇ، ساقىيقۇش ۋە قۇماي، ‏19 لەيلەك، تۇرنا ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى، ھۆپۈپ ۋە شەپەرەڭ قاتارلىقلار سىلەرگە ھارام بولىدۇ.
 
‏20 بۇنىڭدىن باشقا، قانىتى بار تۆت پۇتتا ئۆمىلەيدىغان ئۇششاق جانىۋارلارنىڭ ھەممىسى سىلەرگە ھارامدۇر.
‏21 ھالبۇكى، قانىتى بار تۆت پۇتتا ئۆمىلەيدىغان بۇ ئۇششاق جانىۋارلاردىن تۆۋەندىكىلەرنى يېيىشكە بولىدۇ: يەردە سەكرەپ يۈرۈش ئۈچۈن پۇتلىرىنىڭ پاچاقلىرى بولغان ئۇششاق جانىۋار تۈرلىرىنى يېسەڭلار بولىدۇ. ‏22 بۇلارنىڭ ئىچىدىن سىلەرگە يېيىشكە بولىدىغانلار: چېكەتكە ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى، چوڭ چېكەتكە ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى، تومۇزغا ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى، چاقچىقىز چېكەتكە ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى بولىدۇ. ‏23 لېكىن قانىتى ۋە تۆت پۇتى بار ھەممە باشقا ئۆمىلىگۈچى جانىۋارلار يىرگىنچلىك ھېسابلاڭلار.
 
‏24 بۇ جانىۋارلار سەۋەبىدىن ناپاك بولىسىلەر. ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىگە تەگكەن كىشى ئاخشامغىچە ناپاك بولىدۇ. ‏25 بۇلارنىڭ ئۆلۈكىنى كۆتۈرگەن ھەربىر كىشى ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇشى كېرەك، ئۇ كىشى ئاخشامغىچە ناپاك بولىدۇ. ‏26 تۇياقلىرى ئاچىماق بولمىغان، كۆشىمەيدىغان ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى سىلەرگە ھارام بولىدۇ. ئۇلارغا تەگكەن ھەربىر كىشى ناپاك بولىدۇ. ‏27 تۆت پۇتى بىلەن يۈرىدىغان ھايۋانلارنىڭ ئىچىدىن پەنجىسى بىلەن ماڭىدىغانلارنىڭ ھەممىسى سىلەرگە ھارام بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىگە تەگكەن ھەربىر كىشى ئاخشامغىچە ناپاك بولىدۇ. ‏28 ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىنى كۆتۈرگەن كىشى ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇشى كېرەك، ئۇ كىشى ئاخشامغىچە ناپاك بولىدۇ. بۇ ھايۋانلار سىلەرگە ھارامدۇر.
 
‏29 يەردە ئۆمىلەيدىغان ئۇششاق جانىۋارلارنىڭ ئىچىدىن سىلەرگە ھارام بولغان جانىۋارلار: ئاغمىخان، چاشقان، تاشپاقا ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى، ‏30 سالما، كىلە، پاتمىچۇق، سكىنك كەسلەنچۈكى ۋە خامېلېئونلاردۇر. ‏31 يەردە ئۆمىلەيدىغان ھەممە ئۇششاق جانىۋارلارنىڭ ئىچىدە بۇلار سىلەرگە ناپاك بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىگە تەگكەن ھەر كىشى ئاخشامغىچە ناپاك بولىدۇ. ‏32 مەيلى ياغاچ قاچا بولسۇن، مەيلى كىيىم بولسۇن، مەيلى تېرە بولسۇن، مەيلى تاغار بولسۇن ياكى ھەرقانداق ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاب بولسۇن، ھەرقانداق نېمىنىڭ ئۈستىگە بۇ جانىۋارلارنىڭ ئۆلۈكى چۈشۈپ قالسا، ئۇ نەرسە ناپاك بولۇپ چوقۇم سۇغا سېلىنىشى لازىمدۇر. ئۇ نەرسە ئاخشامغىچە ناپاك بولىدۇ، ئاندىن پاك ھېسابلانسۇن. ‏33 قايسى ساپال كوزىغا ئۇلارنىڭ بىرى چۈشۈپ قالسا، شۇ كوزا ئىچىدىكى ھەرقانداق نەرسە ناپاك ھېسابلانسۇن ۋە قوزا ئۆزى سۇندۇرۇلسۇن. ‏34 ئەگەر ئۇنىڭ ئىچىدە سۇيۇق بىر خىل تاماق بولسا، بۇ تاماق ناپاك ھېسابلانسۇن. شۇنىڭدەك مۇنداق بىر كوزا بىلەن ئىچىدىغان ھەرقانداق ئىچىملىكمۇ ناپاك ھېسابلانسۇن. ‏35 ھەرنېمىگە بۇ جانىۋارلارنىڭ بىر ئۆلۈكى چۈشۈپ قالسا، ناپاك ھېسابلانسۇن. ئەگەر بۇ بىر تونۇر ياكى بىر ئوچاق بولسا، ناپاك بولغىنى ئۈچۈن چېقىۋېتىلسۇن. ئۇ سىلەرگە ھارام بولىدۇ. ‏36 لېكىن بۇلاق ياكى سۇ يىغىلىپ تۇرغان كۆل بولسا، بۇ بۇلاق ياكى كۆل پاك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەمما بىر كىشى بۇلارنىڭ بىر ئۆلۈكىگە تەگسە، ناپاك بولىدۇ.
‏37 ئەگەر بۇلارنىڭ بىر ئۆلۈكى تېرىيدىغان ھەرقانداق دانلارغا چۈشۈپ قالسا، بۇ دانلار پاكلىقىدا قالىدۇ. ‏38 لېكىن دانلارنىڭ ئۈستىگە سۇ قۇيۇلغاندىن كېيىن، بۇلارنىڭ بىر ئۆلۈكى چۈشۈپ قالسا، بۇ دانلار سىلەرگە ناپاك ھېسابلانسۇن.
‏39 ئەگەر سىلەر ئۈچۈن يېيىشكە بولىدىغان ھايۋانلاردىن بىرى ئۆلۈپ قالسا، ئۇنىڭ ئۆلۈكىگە تەگكەن كىشى ئاخشامغىچە ناپاك بولىدۇ. ‏40 ئۇنداق ئۆلۈك ھايۋاننىڭ گۆشىدىن يېگەن كىشى ئۆز كىيىملىرىنى يۇسۇن، ۋە ئۇ ئاخشامغىچە ناپاك ھېسابلانسۇن. شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئۆلۈكىنى كۆتۈرگەن كىشى ھەم ئۆز كىيىملىرىنى يۇسۇن ۋە ئۇ ئاخشامغىچە ناپاك ھېسابلانسۇن.
‏41 يەردە ئۆمىلەيدىغان ھەممە ئۇششاق جانىۋارلار بولسا يىرگىنچلىك ھېسابلىنىپ، زىنھار يېيىلمىسۇن. ‏42 يەردە ئۆمىلىگۈچى جانىۋارلارنىڭ ئىچىدىن قورسىقى بىلەن ئۆمىلىگۈچى جانىۋار، ياكى تۆت پۇتى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ پۇتلىرى بىلەن ئۆمىلىگۈچى جانىۋارلارنىڭ ھەممىسى يىرگىنچلىك بولغىنى ئۈچۈن ئۇلارنى ھەرگىز يېمەڭلار. ‏43 سىلەر مۇنداق ئۆمىلىگۈچى جانىۋارلار بىلەن ئۆزۈڭلارنى بۇلغاپ يىرگىنچلىك قىلماڭلار. بولمىسا ئۇنىڭ سەۋەبىدىن ناپاك بولۇپ قالىسىلەر. ‏44 چۈنكى مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. مەن ئۆزۈم مۇقەددەس بولغاچقا، سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارنى پاك تۇتۇپ، مۇقەددەس بولۇپ، ھەرقانداق تەرىقىدە ئۆزۈڭلارنى يەردە ئۆمىلەيدىغان ئۇششاق جانىۋارلارنىڭ سەۋەبىدىن بۇلغىماڭلار. ‏45 مەن خۇدايىڭلار بولۇش ئۈچۈن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. مەن ئۆزۈم مۇقەددەس بولغاچقا، سىلەرمۇ پاك-مۇقەددەس بولۇڭلار.
‏46 چارۋا بىلەن ئۇچار قانات، سۇدا ئۈزىدىغان ھەممە جانىۋار ۋە يەردە ئۆمىلەيدىغان ھەممە ئۇششاق جانىۋارلار توغرىسىدىكى قانۇن بۇدۇر. ‏47 بۇنىڭ بىلەن پاك بىلەن ناپاكنى ئايرىپ، يېيىشكە بولىدىغان ھايۋان ۋە يېيىشكە بولمايدىغان ھايۋانلارنى پەرق ئېتەلەيسىلەر».