ناداب ۋە ئابىھۇنىڭ ئۆلۈمى
10
1 ئەمما ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى ناداب ۋە ئابىھۇ ھەر ئىككىلىسى ئۆز ئوتدانىنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا ئوت قويۇپ ئۈستىگە خۇشبۇي ئىسرىق سېلىپ، پەرۋەردىگار ئۇلارغا بۇيرۇمىغان ئىش قىلىپ، يات ئوتنى ئۇنىڭ ئالدىغا كەلتۈرگىنىدە، 2 پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئوت چىقىپ، ئۇلارنى يۇتۇۋەتتى. ئۇلار شۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۆلدى. 3 بۇ ۋاقىتتا مۇسا ھارۇنغا: «پەرۋەردىگار سۆز قىلىپ: ‹مەن ماڭا يېقىن تۇرغانلارغا مۇقەددەس ئىكەنلىكىمنى نامايان قىلىمەن، بارچە خەلقنىڭ ئالدىدا ئۆزۈمنى ئۇلۇغلايمەن› دەپ ئېيتمىدىمۇ؟» دېدى. ھارۇن بۇنى ئاڭلاپ جىم بولۇپ قالدى. 4 ئاندىن مۇسا ھارۇننىڭ تاغىسى ئۇززىئەلنىڭ ئوغۇللىرى بولغان مىشائەل ۋە ئەلىزافاننى چاقىرىپ، ئۇلارغا: «سىلەر كېلىپ، ئۆز تۇغقانلىرىڭلارنى مۇقەددەس جاينىڭ ئالدىدىن كۆتۈرۈپ، بارگاھنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىڭلار» دېدى. 5 ئۇلار كېلىپ، ئۇلارنى كىيگەن كۆينىكى بىلەن كۆتۈرۈپ، مۇسانىڭ بۇيرۇغىنىدەك بارگاھنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقتى. 6 ئاندىن كېيىن مۇسا ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى بولغان ئەلىئازار ۋە ئىتامارغا سۆزلەپ: «سىلەر باشلىرىڭلارنى ئاچماڭلار، كىيىملىرىڭلارنىمۇ يىرتماڭلار. بولمىسا ئۆزۈڭلار ئۆلىسىلەر، ھەم پۈتۈن خەلقنىڭ ئۈستىگە غەزەپ كەلتۈرىسىلەر. لېكىن قېرىنداشلىرىڭلار بولغان پۈتۈن ئىسرائىل جەمەتى پەرۋەردىگار تۇتاشتۇرغان ئوت ئۈچۈن ماتەم تۇتسۇن. 7 ئەمما سىلەر ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ تاشقىرىغا چىقماڭلار، بولمىسا ئۆلىسىلەر. چۈنكى سىلەرگە پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھلەش يېغى سۈرۈلگەن» دېدى. ئۇلار مۇسانىڭ بۇيرۇغىنىدەك قىلدى. ھاراق-شارابنىڭ كاھىنلارغا چەكلىنىشى
8 پەرۋەردىگار ھارۇنغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
9 «سەن ئۆزۈڭ ۋە ئوغۇللىرىڭ ھەرگىز ھاراق-شاراب ئىچىپ، ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرمەڭلار. بولمىسا ئۆلۈپ كېتىسىلەر. بۇ سىلەر ئۈچۈن نەسىلدىن نەسىلگە مەڭگۈلۈك قانۇن-بەلگىلىمە بولىدۇ. 10 سىلەر مۇقەددەس بولغان-بولمىغاننى پەرق ئېتىپ، پاك بىلەن ناپاكنى ئاجرىتىپ، 11 پەرۋەردىگار مۇسا ئارقىلىق بۇيرۇغان ھەممە قانۇنلارنى بەنى ئىسرائىلغا ئۆگىتىڭلار».
ئەلىئازار ۋە ئىتامار
12 مۇسا ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ھايات قالغان ئوغۇللىرى ئەلىئازار ۋە ئىتامارغا مۇنداق دېدى: «سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئوتتا كۆيدۈرۈلىدىغان ھەدىيە-قۇربانلىقلاردىن ئېشىپ قالغان ئاشلىق ھەدىيەسىنى ئېلىپ، ئۇنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا خېمىرتۇرۇچ سالمىغان ھالدا يەڭلار، چۈنكى ئۇ ئەڭ مۇقەددەستۇر. 13 بۇ سەن ۋە ئوغۇللىرىڭنىڭ ھەسسىسى بولسۇن دەپ، پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئوتتا كۆيدۈرۈلىدىغان ھەدىيە-قۇربانلىقلاردىن ئېلىنغاچقا، ئۇنى مۇقەددەس يەردە يەڭلار، چۈنكى ماڭا شۇنداق بۇيرۇلغاندۇر. 14 پۇلاڭلاتما ھەدىيەنىڭ تۆشى ۋە كۆتۈرمە ھەدىيەنىڭ ئارقا پۇتىنىمۇ، سەن ئوغۇل-قىزلىرىڭ بىلەن بىللە بىر پاك يەردە يېگىن. چۈنكى بۇلار ئۆزۈڭ ۋە ئوغۇللىرىڭغا تەگسۇن دەپ، بەنى ئىسرائىلنىڭ ئامانلىق قۇربانلىقلىرىدىن بېرىلگەن بىر ھەسسەڭ بولىدۇ. 15 كۆتۈرمە ھەدىيەنىڭ ئارقا پۇتى ۋە پۇلاڭلاتما ھەدىيە بولغان تۆش، ئوتتا كۆيدۈرۈلىدىغان قۇربانلىق بولغان ياغ-چاۋىلارغا قوشۇپ كەلتۈرۈلىدۇ. ئۇلار پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلىتىلىدۇ. بۇ پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنىدەك ئەبەدكىچە سەن ۋە ئوغۇللىرىڭنىڭ ھەققى بولىدۇ».
16 ئاندىن كېيىن مۇسا گۇناھ قۇربانلىقى بولغان تېكىنى ئەستايىدىل ئىزدىدى، ئەمما، مانا، ئۇ كۆيدۈرۈلۈپ بولغانىدى. بۇ سەۋەبتىن ئۇ ھارۇننىڭ ھايات قالغان ئىككى ئوغلى ئەلىئازار ۋە ئىتامارغا ئاچچىقلىنىپ: 17 «نېمىشقا سىلەر گۇناھ قۇربانلىقى قىلىنىپ مۇقەددەس يەردە يېيىلىدىغان ھايۋاننىڭ گۆشىنى يېمىدىڭلار؟ بۇ ئەڭ مۇقەددەس ئەمەسمۇ؟ سىلەرنى جامائەتنىڭ گۇناھىنى كۆتۈرۈپ، ئۇلار ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كەفارەت كەلتۈرسۇن دەپ، پەرۋەردىگار شۇنى سىلەرگە بەرمىدىمۇ؟ 18 مانا، ئۇنىڭ قېنى مۇقەددەس جاينىڭ ئىچىگە كەلتۈرۈلمىدى. ئەسلىدە مەن بۇيرۇغاندەك، سىلەر ئۇنى مۇقەددەس يەردە يېيىشىڭلار كېرەك ئىدى» دېدى. 19 لېكىن ھارۇن مۇساغا: «مانا، ئۇلار بۈگۈن ئۆز گۇناھ قۇربانلىقى ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سۇندى. ئەمما ماڭا نېمە خاپىلىق يەتكىنىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئەگەر مەن بۈگۈن گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ گۆشىنى يېگەن بولسام، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە ئوبدان بولاتتىمۇ؟» دېدى. 20 مۇسا بۇنى ئاڭلاپ رازى بولدى.