قانۇننىڭ تەكرارى
مۇسانىڭ بولۇپ ئۆتكەن ۋەقىلەرنى ئەسلىتىپ ئېيتىشى
1
‏1 تۆۋەندىكىلەر مۇسانىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى پاران، توفەل، لابان، خازېروت ۋە دى-زاھابنىڭ ئوتتۇرىسىدا، سۇفنىڭ ئۇدۇلىدىكى تۈزلەڭلىكتە پۈتكۈل بەنى ئىسرائىلغا ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. ‏2 خورېب تېغىدىن قادەش-بارنېئاغىچە، سېئىر تاغلىقىنىڭ يولى ئارقىلىق، ئون بىر كۈنلۈك يولدۇر. ‏3 قىرىقىنچى يىلى ئون بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا بەنى ئىسرائىلغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق بۇيرۇغانلىرى ئۇلارغا بايان قىلدى. ‏4 مۇسا خەشبوندا ئولتۇرۇشلۇق ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىخوننى ۋە ئەدرەيدىكى ئاشتاروتتا ئولتۇرۇشلۇق باشان پادىشاھى ئوگنى ئۇرۇشۇپ مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن بۇ ۋەقە يۈز بەردى. ‏5 مۇسا ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى موئابنىڭ زېمىنىدا بۇ قانۇننى بايان قىلىشنى باشلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
 
‏6 «خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار خورېب تېغىدا بىزگە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ‹بۇ تاغنىڭ ئەتراپىدا يېتەرلىك ۋاقىت تۇردۇڭلار. ‏7 ئەمدى بۇرۇلۇپ يولغا چىقىڭلار. ئامورىيلارنىڭ تاغلىقلىرىغا، ۋە تۈزلەڭلىكتە، تاغلىقلاردا ۋە غەربىي ئويمانلىقتا ياشاۋاتقان، جەنۇبىي زېمىندا ۋە دېڭىز بويىدا ياشاۋاتقان قوشنا خەلقلارنىڭ زېمىنلىرىغا، يەنى ئۇلۇغ فىرات دەرياسىغىچە سوزۇلغان كەنئانلىقلارنىڭ زېمىنى ۋە لىۋان زېمىنىغا بېرىڭلار.    ‏8 مانا، مەن بۇ زېمىننى قولۇڭلارغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. بېرىڭلار، پەرۋەردىگار ئاتا-بوۋىلىرىڭلار ئىبراھىمغا، ئىسئھاق ۋە ياقۇبقا قەسەم قىلىپ: «سىلەر ۋە سىلەردىن كېيىن كېلىدىغان نەسىلگە ئۇنى بېرىمەن» دەپ ۋەدە قىلغان زېمىننى ئىگىلەڭلار›. ‏9 ئەينى ۋاقىتتا مەن سىلەرگە مۇنداق دېدىم: ‹يۈكۈڭلارنى مەن يالغۇز كۆتۈرەلمەيمەن. ‏10 خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار سىلەرنى ئاۋۇتقاچقا، مانا ئەمدى سىلەر ئاسماننىڭ يۇلتۇزلىرىدەك نۇرغۇن بولدۇڭلار. ‏11 ئۇ سىلەرگە ئېيتقىنىدەك ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار سىلەرنى يەنە مىڭ ھەسسە ئوشۇقراق ئاۋۇتۇپ، سىلەرگە بەرىكەت ئاتا قىلغاي. ‏12 لېكىن مەن يۈكۈڭلارنى قانداقمۇ يالغۇز كۆتۈرەلەيمەن، جاپالىرىڭلارنى تارتىپ، تالاش-تارتىشىڭلارغا قانداق چىدىيالايمەن؟ ‏13 شۇڭا سىلەر ئۆز قەبىلىلىرىڭلاردىن دانا، ئەقىل-پاراسەتلىك ۋە مۆتىۋەر كىشىلەرنى تاللاپ كۆرسىتىڭلار، مەن ئۇلارنى سىلەرگە باشلىق قىلىپ تەيىنلەيمەن›. ‏14 سىلەر ماڭا جاۋاب بېرىپ: ‹سېنىڭ ئېيتقىنىڭدەك قىلىنسا، ياخشى بولىدۇ› دېدىڭلار. ‏15 شۇنىڭ بىلەن مەن قەبىلىلىرىڭلارنىڭ ئىچىدىن دانا ۋە مۆتىۋەر كىشىلەرنى تاللاپ، ئۇلارنى مىڭبېشى، يۈزبېشى، ئەللىكبېشى ۋە ئونبېشى قىلىپ تەيىنلەپ، ئۈستۈڭلارغا باشلىق، قەبىلىلىرىڭلارغا سەردار قىلىپ قويدۇم. ‏16 ئەينى ۋاقىتتا مەن ھاكىملىرىڭلارغا مۇنداق بۇيرۇق بېرىپ: ‹سىلەر قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ دەۋاسىنى ئاڭلاپ، مەيلى بىر كىشىنىڭ ئۆز قېرىندىشى بىلەن دەۋاسى بولسۇن، مەيلى ئۇنىڭكىدە تۇرغان مۇساپىر بىلەن دەۋاسى بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىل ھۆكۈم چىقىرىڭلار. ‏17 ھۆكۈم چىقىرىشتا ھېچ كىشىگە يۈز-خاتىرە قىلماي، مەيلى كىچىك ياكى چوڭ بولسۇن، ھەممىسىنىڭ دەۋاسىنى ئاڭلاڭلار. ھۆكۈم خۇدانىڭدۇر، شۇڭا ھېچ كىشىنىڭ ھەيۋىسىدىن قورقماڭلار. ئەگەر بىر دەۋا سىلەرگە تەس كۆرۈنسە، ئۇنى ماڭا ئېلىپ كېلىڭلار. مەن ئۇنى ئاڭلايمەن› دېدىم.
 
‏18 ئەينى چاغدا مەن سىلەرگە قىلىدىغان ھەممە ئىشلىرىڭلار توغرىسىدا بۇيرۇق بەردىم.
 
‏19 ئاندىن كېيىن بىز پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ بۇيرۇقى بويىچە خورېب تېغىدىن يولغا چىقىپ، ئامورىيلارنىڭ تاغلىقلىرى تەرىپىگە مېڭىپ، ئۆزۈڭلار كۆرگەن ئۇ پۈتكۈل قورقۇنچلۇق چوڭ چۆلدىن ئۆتۈپ، قادەش-بارنېئاغا يېتىپ كەلدۇق. ‏20 مەن سىلەرگە: ‹ئەمدى سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزگە بېرىدىغان ئامورىيلارنىڭ تاغلىق زېمىنىغا كەلدىڭلار. ‏21 مانا، بۇ زېمىننى خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئالدىڭلارغا قويدى. ئەمدى سىلەر چىقىپ، ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار سىلەرگە ئېيتقىنىدەك، ئۇنى ئىگىلىۋېلىڭلار، قورقماڭلار، ھودۇقماڭلار› دېدىم. ‏22 ئاندىن سىلەر ھەممىڭلار قېشىمغا كېلىپ: ‹بىز بېرىشتىن ئىلگىرى زېمىننىڭ ئەھۋالىنى بىلىش، ۋە بىز بارىدىغان يول ۋە كىرىدىغان شەھەرلەر توغرىسىدا خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن ئۇ يەرگە ئالدىن ئادەملەر ئەۋەتىلسۇن› دېدىڭلار. ‏23 بۇ سۆز ماڭا مۇۋاپىق كەلگەچكە، مەن ھەر قەبىلىدىن بىردىن ئادەم ئېلىپ، ئاراڭلاردىن ئون ئىككى كىشىنى تاللىدىم. ‏24 ئۇلار بېرىپ، تاغلىققا چىقىپ، ئەشكول ۋادىسىغا چۈشۈپ، ئۇ يەرنى تەكشۈرۈپ كۆردى. ‏25 ئۇلار قوللىرىدا ئۇ يەرنىڭ مېۋىسىدىن ئالغاچ كېلىپ بىزگە خەۋەر بېرىپ: ‹پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزگە بېرىدىغان زېمىن ياخشى ئىكەن› دېدى.
‏26 لېكىن شۇنداق بولسىمۇ، سىلەر ئۇ يەرگە چىقىشنى خالىماي، خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقىغا قارشى چىقتىڭلار. ‏27 سىلەر چېدىرلىرىڭلاردا ئولتۇرۇپ غوتۇلدىشىپ: ‹پەرۋەردىگار بىزگە ئۆچ بولغاچقا، بىزنى ئامورىيلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ ھالاك قىلىش ئۈچۈن مىسىردىن ئېلىپ چىقتى. ‏28 بىز نەگە بارارمىز؟ قېرىنداشلىرىمىز بىزگە: «ئۇ يەردىكى خەلق بىزدىن كۈچلۈك ۋە ئېگىز، شەھەرلىرى ئىنتايىن چوڭ ۋە سېپىللىرى ئاسمانغا تاقىشىدىكەن. ھەم ئۇ يەردە ئاناقىيلارنىمۇ كۆردۇق» دەپ بىزنىڭ كۆڭلىمىزنى پاراكەندە قىلدى› دېدىڭلار. ‏29 مەن سىلەرگە جاۋاب بېرىپ: ‹سىلەر جۈرئەتلىك بولۇڭلار، ئۇلاردىن قورقماڭلار. ‏30 خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار كۆز ئالدىڭلاردا سىلەر ئۈچۈن مىسىردا قىلغاندەك، ھېلىمۇ ئالدىڭلاردا مېڭىپ، سىلەر ئۈچۈن جەڭ قىلىدۇ. ‏31 ئىنسان ئۆز ئوغلىنى كۆتۈرۈپ يۈرگەندەك، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ سىلەرنى بۇ يەرگە يەتكۈچە ماڭغان پۈتۈن يوللىرىڭلاردا كۆتۈرۈپ كەلگىنىنى كۆردۇڭلار. ‏32 لېكىن شۇنداقتىمۇ، ئۆز خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارغا ئىشەنمىدىڭلار. ‏33 ئۇ يولدا چېدىرلىرىڭلارنى تىكىش ئۈچۈن يەر ئىزدەش، ماڭىدىغان يولۇڭلارنى كۆرسىتىش ئۈچۈن كېچىسى ئوت، كۈندۈزى بۇلۇت ئىچىدە ئالدىڭلاردا ماڭدى› دېدىم. ‏34 ئەمما پەرۋەردىگار سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلىغىنىدا غەزەپلىنىپ: ‏35 ‹بۇ يامان نەسىلدىن ھېچقىم مەن قەسەم قىلىپ ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىننى كۆرمەيدۇ. ‏36 پەقەت يەفۇننەنىڭ ئوغلى كالەب، پۈتۈن قەلبى بىلەن پەرۋەردىگارغا ئەگەشكەچكە، ئۇ زېمىننى كۆرىدۇ. مەن ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ بالىلىرىغا ئۇ ئۆزى دەسسەپ يۈرگەن زېمىننى بېرىمەن› دەپ قەسەم قىلدى. ‏37 ھەم شۇنداقلا سىلەرنىڭ سەۋەبىڭلاردىن پەرۋەردىگار ماڭا غەزەپلىنىپ مۇنداق دېدى: ‹سەنمۇ ئۇ يەرگە كىرمەيسەن. ‏38 ئەمما خىزمەتكارىڭ بولغان نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا ئۇ يەرگە كىرىدۇ. ئۇنى رىغبەتلەندۈرگىن، چۈنكى ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە بەنى ئىسرائىل زېمىننى مىراس قىلىپ ئىگىلەيدۇ. ‏39 سىلەرنىڭ: «دۈشمەننىڭ ئولجىسى بولۇپ كېتىدۇ» دېگەن بوۋاقلىرىڭلار، بۈگۈن ياخشى-ياماننى پەرق ئېتىشنى بىلمىگەن بالىلىرىڭلار بولسا ئۇ يەرگە كىرىدۇ. مەن زېمىننى ئۇلارغا بېرىمەن ۋە ئۇلار ئۇنى ئىگىلەيدۇ. ‏40 ئەمما سىلەر ئەمدى بۇرۇلۇپ، قىزىل دېڭىز يولى بىلەن چۆل تەرەپكە مېڭىڭلار›. ‏41 سىلەر ماڭا جاۋاب بېرىپ: ‹بىز پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ قىلدۇق. ئەمدى بىز چىقىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزگە بۇيرۇغاندەك جەڭ قىلايلى› دېدىڭلار. شۇنىڭ بىلەن ھەربىرىڭلار بەل باغلاپ، قوراللىنىپ، تاغلىققا چىقىشقا تەييار بولدۇڭلار. ‏42 لېكىن پەرۋەردىگار ماڭا: ‹سەن ئۇلارغا: «سىلەر ئۇ يەرگە چىقىپ جەڭ قىلماڭلار، چۈنكى مەن ئاراڭلاردا ئەمەسمەن. ئۇنداق قىلماڭلار، بولمىسا دۈشمەنلىرىڭلار ئالدىدا مەغلۇپ بولىسىلەر» دەپ ئېيتقىن› دېدى. ‏43 مەن سىلەرگە شۇ بويىچە سۆز قىلدىم، لېكىن سىلەر قۇلاق سالمىدىڭلار، بەلكى پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقىغا قارشى چىقىپ، جاھىللىق قىلىپ تاغلىققا چىقتىڭلار. ‏44 ئەمما ئۇ تاغلىق زېمىندا تۇرغان ئامورىيلار سىلەرگە قارشى چىقىپ، ھەرىلەردەك سىلەرنى قوغلىدى. ئۇلار سىلەرنى سېئىردا تارمار قىلىپ، خورماھقىچە قوغلاپ باردى. ‏45 سىلەر قايتىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا يىغلىدىڭلار. لېكىن پەرۋەردىگار سىلەرنى تىڭشىمىدى، پەريادىڭلارغا قۇلاق سالمىدى. ‏46 شۇنىڭ بىلەن سىلەر قادەشتە نۇرغۇن كۈنلەر تۇردۇڭلار، خېلى ئۇزۇن ۋاچىت ئۇ يەردە تۇرۇپ قالدىڭلار.