زېلوفخادنىڭ قىزلىرىغا تەۋە بولغان مىراس
36
1 يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەتلىرىدىن ماناسسەنىڭ نەۋرىسى، ماكىرنىڭ ئوغلى گىلېئادنىڭ نەسىللىرىنىڭ جەمەتلىرىگە باشلىق بولغان كىشىلەر كېلىپ، مۇسا ۋە بەنى ئىسرائىلنىڭ جەمەت باشلىقلىرى بولغان رەھبەرلەر ئالدىدا سۆز قىلىپ، 2 مۇنداق دېدى: «پەرۋەردىگار بىزنىڭ خوجىمىزغا: ‹سەن زېمىننى بەنى ئىسرائىلغا چەك تاشلاپ مىراس قىلىپ بەرگىن› دەپ بۇيرۇدى، پەرۋەردىگار ھەم ساڭا قېرىندىشىمىز زېلوفخادنىڭ مىراسىنى ئۇنىڭ قىزلىرىغا بېرىشنىمۇ بۇيرۇدى. 3 لېكىن ئۇلار بەنى ئىسرائىلنىڭ باشقا بىر قەبىلىسىدىن بولغان بىر كىشىگە تەگسە، ئۇلارنىڭ مىراس ھەسسىسى ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ مىراس ھەسسىسىدىن ئايرىلىپ كېتىدۇ ۋە ئۇلار قوشۇلغان قەبىلىنىڭ مىراس ھەسسىسى چوڭراق بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ مىراسىمىزنىڭ بىر ھەسسىسى ئېلىنىدۇ. 4 بەنى ئىسرائىلنىڭ شادلىق يىلى كەلسە، ئۇلارنىڭ مىراس ھەسسىسى قوشۇلغان قەبىلىسىنىڭ مىراسىغا قېتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ مىراس ھەسسىسى ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ قەبىلىسىنىڭ مىراسىدىن ئېلىنىپ كېتىدۇ». 5 مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ھۆكۈمى بويىچە مۇنداق دېدى: «يۈسۈپ قەبىلىسىنىڭ سۆزى راست. 6 پەرۋەردىگارنىڭ زېلوفخادنىڭ قىزلىرى توغرىسىدا بۇيرۇغىنى مۇنداق: ‹ئۇلار خالىغىنىچە ئۆزلىرى ياخشى كۆرگەن كىشىگە تەگسە بولىدۇ، ئەمما ئۆز ئاتىسىنىڭ جەمەت-قەبىلىسىدىن بولغان كىشىگە تەگسۇن. 7 چۈنكى بەنى ئىسرائىلنىڭ مىراس ھەسسىسىنىڭ بىر قەبىلىدىن باشقا قەبىلىگە ئۆتۈشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى بەنى ئىسرائىلنىڭ ھەربىرى ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ مىراس ھەسسىسىنى چىڭ تۇتۇپ ساقلىشى كېرەك. 8 بەنى ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ بىرىنىڭ ئىچىدە مىراس تاپقان بىر قىز ئەرگە تەگسە، بەنى ئىسرائىلنىڭ ھەربىرى ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ مىراس ھەسسىسىنى چىڭ تۇتۇپ ساقلىشى ئۈچۈن، ئۆز ئاتىسىنىڭ جەمەت-قەبىلىسىدىن بولغان بىر كىشىگە تەگسۇن. 9 چۈنكى مىراس ھەسسىسىنىڭ بىر قەبىلىدىن باشقا بىر قەبىلىگە ئۆتۈشى ھېچ مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى بەنى ئىسرائىلنىڭ ھەربىرى ئۆز مىراس ھەسسىسىنى چىڭ تۇتۇپ ساقلىشى كېرەك›».
10 زېلوفخادنىڭ قىزلىرى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلدى. 11 زېلوفخادنىڭ قىزلىرى ماخلا، تىرزا، خوگلا، مىلكا ۋە نوئا ئۆز ئاتىلىرىنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىغا تېگىپ، 12 يۈسۈپنىڭ ئوغلى ماناسسەنىڭ نەسىل-جەمەتلىرىنىڭ ئىچىدە نىكاھلانغاچقا، ئۇلارنىڭ مىراس ھەسسىسى ئاتىسىنىڭ قەبىلىسى ئىچىدە قالدى.
13 مانا بۇلار، پەرۋەردىگار مۇسا ئارقىلىق موئاب تۈزلەڭلىكلىرىدە ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدا، قارشى تەرىپىدىكى يېرىخونىڭ ئۇدۇلىدا، بەنى ئىسرائىلغا بەرگەن ئەمر ۋە ئەھكاملاردۇر.