لاۋىيلارنىڭ شەھەرلىرى
35
1 پەرۋەردىگار موئاب تۈزلەڭلىكلىرىدە ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدا، قارشى تەرىپىدىكى يېرىخونىڭ ئۇدۇلىدا، مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: 2 «سەن بەنى ئىسرائىلغا: ‹سىلەر مىراس قىلىپ ئىگىلەيدىغان زېمىنىڭلاردا لاۋىيلارغا ئۇ يەردە تۇرۇش ئۈچۈن شەھەرلەر بېرىڭلار، بۇ شەھەرلەرگە تەۋە چۆرىسىدىكى يايلاقلارنىمۇ ئۇلارغا بېرىڭلار› دەپ بۇيرۇغىن. 3 ئۇلار بۇ شەھەرلەردە ئولتۇرىدۇ ۋە بۇ شەھەرلەرگە تەۋە يايلاقلار ئۇلارنىڭ ئۇلاغ، كالا ۋە باشقا چارۋا ماللىرى ئۈچۈن بولىدۇ. 4 سىلەر لاۋىيلارغا بېرىدىغان شەھەرلەرگە تەۋە يايلاقلار شەھەرنىڭ سېپىلىدىن تارتىپ ھەر تەرەپكە مىڭ گەز ئۇزۇنلۇقتا بولسۇن. 5 سىلەر شەھەرنىڭ تېشىدىن تارتىپ شەرق تەرەپكە قاراپ ئىككى مىڭ گەز، غەربكە قاراپ ئىككى مىڭ گەز، جەنۇب تەرەپكە قاراپ ئىككى مىڭ گەز ۋە شىمال تەرەپكە قاراپ ئىككى مىڭ گەز ئۆلچەڭلار. شەھەر ئوتتۇرىدا بولسۇن ۋە شەھەرنىڭ چۆرىسىدە بۇ يەرلەر ئۇلارغا بېرىلىپ، شەھەرلىرىگە تەۋە يايلاقلار بولسۇن. 6 سىلەر لاۋىيلارغا بېرىدىغان شەھەرلەرنىڭ ئىچىدىن ئالتە شەھەر پاناھ شەھەر بولسۇن. ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشىلەر شۇ شەھەرلەرگە قېچىپ كەتسۇن. بۇلاردىن باشقا ئۇلارغا يەنە قىرىق ئىككى شەھەر بېرىڭلار.
7 شۇنىڭ بىلەن سىلەر لاۋىيلارغا بېرىدىغان شەھەرلەر جەمئىي قىرىق سەككىز شەھەر بولىدۇ، ئۇلارنى چۆرىسىدىكى تەۋە يايلاقلار بىلەن قوشۇپ لاۋىيلارغا بېرىلسۇن. 8 بۇ شەھەرلەر بەنى ئىسرائىلنىڭ مىراس ھەسسىسىدىن ئۇلارغا بېرىلگەندە، چوڭ قەبىلىدىن كۆپرەك، كىچىك قەبىلىدىن ئازراق ئېلىپ بېرىلسۇن. ھەر قەبىلە ئۆزى تاپقان مىراس ھەسسىسىگە يارىشا لاۋىيلارغا شەھەرلەر ئايرىپ بەرسۇن».
پاناھ شەھەرلەر
9 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆزلەپ مۇنداق دېدى:
10 «سەن بەنى ئىسرائىلغا مۇنداق دېگىن: ‹سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، كەنئان زېمىنىغا كىرگەندىن كېيىن، 11 بىرقانچە شەھەرنى پاناھ شەھەر قىلىپ تاللاڭلار. بىخەستەلىك قىلىپ ئادەم ئۆلتۈرگەنلەر بۇ شەھەرلەرگە قېچىپ پاناھلانسۇن. 12 بۇ شەھەرلەر، ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشى جامائەتنىڭ ئالدىدا سوراققا تارتىلىپ ھۆكۈم قىلىنمىغۇچە ئۆلتۈرۈلمەسلىكى ئۈچۈن، ئىنتىقام ئالغۇچىدىن پاناھگاھ بولسۇن. 13 سىلەر بېكىتكەن بۇ ئالتە شەھەر سىلەر ئۈچۈن پاناھ شەھەر بولىدۇ.
14 پاناھ شەھەرلەرنىڭ ئۈچىنى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ بۇ تەرىپىدىن، باشقا ئۈچ شەھەرنى كەنئان زېمىنىدىن ئايرىپ قويۇڭلار. 15 بۇ ئالتە شەھەر بەنى ئىسرائىل ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىر ئۈچۈن پاناھگاھ بولىدۇ. بىخەستەلىك قىلىپ ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشى ئۇ يەرگە قېچىپ كەتسۇن.
16 لېكىن، ئەگەر بىر كىشى تۆمۈر ئەسۋاب بىلەن بىر ئادەمنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتسە، ئۇ قاتىللىق قىلغۇچى بولغاچقا، چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن. 17 ئەگەر بىر كىشى ئادەم ئۆلتۈرەلىگۈدەك بىر تاشنى قولىغا ئېلىپ، بىر ئادەمنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتسە، ئۇ قاتىللىق قىلغۇچى بولغاچقا، چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن. 18 ياكى بىر كىشى ئادەم ئۆلتۈرەلىگۈدەك بىر ياغاچنى قولىغا ئېلىپ، بىر كىشىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتسە، ئۇ قاتىللىق قىلغۇچى بولغاچقا، چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن. 19 قان قىساسىنى ئالغۇچى قاتىللىق قىلغۇچىنى ئۆزى ئۆلتۈرسۇن. ئۇ ئۇنى تاپقان يېرىدە ئۆلتۈرسۇن.
20 ئەگەر بىر كىشى ئۆچمەنلىك بىلەن بىر ئادەمنى ئىتتىرىپ ياكى قەستەن ئۇنىڭغا بىر نەرسە ئېتىپ ئۆلتۈرسە، 21 ياكى دۈشمەنلىك قىلىپ مۇشت بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتسە، ئۇرغان كىشى قاتىللىق قىلغۇچى بولغاچقا، چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن. قان قىساسىنى ئالغۇچى ئۇنى تاپقان يېرىدە ئۆلتۈرسۇن.
22 لېكىن بىراۋ بىر ئادەمگە ئۆچمەنلىك قىلماي، تاسادىپىي ئۇنى ئىتتىرىۋەتسە ياكى قەستسىز ئۇنىڭغا بىر نەرسە ئاتسا، 23 ياكى ئۇنى كۆرمەي، ئادەم ئۆلتۈرەلىگۈدەك تاشنى ئۇنىڭ ئۈستىگە تاشلىغاندا ئۇ ئادەم ئۆلسە، ئۇ شۇ ئادەمگە دۈشمەن بولماي، ئۇنى ئۆلتۈرۈشنى قەستلىمىگەن بولسا، 24 جامائەت مۇنداق ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشى بىلەن قان قىساسىنى ئالغۇچىنىڭ ئوتتۇرىسىدا شۇ ئەھكاملار بويىچە ھۆكۈم قىلسۇن: 25 جامائەت ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشىنى قان قىساسىنى ئالغۇچىنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇنى ئۆزى قېچىپ كەتكەن پاناھ شەھەرگە قايتۇرۇۋەتسۇن. ئۇ يەردە بۇ كىشى مۇقەددەس ياغ بىلەن مەسىھلەنگەن باش كاھىن ئۆلگۈچە تۇرۇپ تۇرسۇن. 26 لېكىن ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشى ئۆزى قېچىپ بېرىۋالغان پاناھ شەھەرنىڭ چېگرىسى تېشىغا چىقىپ قالغىنىدا، 27 قان قىساسىنى ئالغۇچى ئادەم ئۇنى پاناھ شەھىرىنىڭ چېگرىسىنىڭ سىرتىدا تېپىپ تۇتۇۋېلىپ ئۆلتۈرۈۋەتسە، ئۇنىڭ بوينىغا قان تۆكۈش گۇناھى ئارتىلمايدۇ. 28 چۈنكى ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشى باش كاھىن ئۆلۈپ كەتكۈچە ئۆز پاناھ شەھىرىدە تۇرۇپ تۇرۇشى كېرەك. لېكىن باش كاھىن ئۆلگەندىن كېيىن، ئۆز مىراس جايىغا قايتىپ كەتسە بولىدۇ. 29 بۇلار سىلەر ئۈچۈن، تۇرىدىغان ھەممە جايلىرىڭلاردا نەسىلدىن نەسىلگە كۈچكە ئىگە بىر قانۇن-بەلگىلىمە بولسۇن.
30 ئەگەر بىر كىشى ئادەم ئۆلتۈرسە، قاتىللىق قىلغۇچى گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقىغا ئاساسەن ئۆلتۈرۈلسۇن. ئەمما بىرلا كىشىنىڭ گۇۋاھلىقى ئاساسەن ئۆلتۈرۈلمىسۇن. 31 بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قاتىللىق قىلغان ئادەمنىڭ جېنى ئۈچۈن ئازاد قىلىش بەدىلى ئالماڭلار، ئۇ چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن. 32 شۇنىڭغا ئوخشاش سىلەر بىر پاناھ شەھەرگە قېچىپ كەلگەن بىر كىشىنىڭ باش كاھىن ئۆلۈپ كەتمەستىن ئىلگىرى قايتىپ ئۆز يېرىدە تۇرۇشى ئۈچۈنمۇ ئازاد قىلىش بەدىلى ئالماڭلار.
33 ئۆزۈڭلار تۇرغان زېمىننى بۇلغىماڭلار. چۈنكى قان زېمىننى بۇلغايدۇ. ئىچىدە قان تۆكۈلگەن زېمىننىڭ پاكلىنىشى ئۈچۈن قان تۆككۈچىنىڭ ئۆز قېنىدىن باشقا ھېچنېمە بىلەن كەفارەت كەلتۈرۈشكە بولمايدۇ. 34 ئۆزۈڭلار ماكان قىلىدىغان، يەنى مەن ماكان قىلغان زېمىننى ناپاك قىلماڭلار، چۈنكى مەن پەرۋەردىگار بەنى ئىسرائىلنىڭ ئارىسىدا تۇرىمەن›».