كەنئان زېمىنىنىڭ چېگراسى
34
‏1 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
‏2 «سەن بەنى ئىسرائىلغا بۇيرۇق بېرىپ مۇنداق دېگىن: ‹سىلەر كەنئان زېمىنىغا كىرگىنىڭلاردا، بۇ زېمىن سىلەرگە مىراس قىلىپ بېرىلىدۇ. كەنئان زېمىنى بېكىتىلگەن چېگرىسىغىچە سىلەرنىڭكى بولىدۇ.
‏3 بۇ زېمىنىڭلار جەنۇب تەرەپتە زىن چۆلىدىن تارتىپ ئېدوم زېمىنىغىچە سوزۇلىدۇ. جەنۇبىي چېگراڭلار شەرق تەرەپتىكى شور دېڭىزنىڭ جەنۇبىي ئۇچىدىن باشلىنىدۇ. ‏4 ئاندىن چېگراڭلار سېرىقئېشەك داۋىنىنىڭ جەنۇب تەرىپىدىن قايرىلىپ، زىندىن ئۆتۈپ، تاكى قادەش-بارنېئانىڭ جەنۇب تەرىپىگە تۇتىشىپ، خازار-ئاددار بىلەن مېڭىپ ئاسمونغا يېتىدۇ. ‏5 بۇ چېگرا ئاسموندىن قايرىلىپ، مىسىر دەرياسىغىچە يېتىپ بېرىپ، ئۇچى دېڭىزغا تۇتىشىدۇ.
 
‏6 غەرب چېگرىسى ئۇلۇغ دېڭىز بولىدۇ ۋە ئۇنىڭ بويلىرى غەرب تەرەپتىكى چېگراڭلار بولىدۇ.   
 
‏7 شىمال تەرەپتىكى چېگراڭلار بولسا ئۇلۇغ دېڭىزدىن تارتىپ ھور تېغىغىچە سوزۇلىدۇ. ‏8 ھور تېغىدىن تارتىپ ئۇدۇل خامات يولىغىچە چېگراڭلارنى بېكىتىڭلار. چېگرىنىڭ ئۇچى زەدادقا تۇتىشىدۇ. ‏9 بۇ چېگرا زىفروندىن ئۆتۈپ، خازار-ئېناندا ئاخىرلىشىدۇ. بۇ شىمال تەرەپتىكى چېگراڭلار بولىدۇ.
 
‏10 ئاندىن سىلەر شەرق چېگراڭلارنى خازار-ئېناندىن تارتىپ ئۇدۇل شېپىمغىچە قىلىپ بېكىتىڭلار. ‏11 بۇ چېگرا، شەفامدىن ئايىننىڭ شەرق تەرىپىدىكى رىبلاغىچە چۈشۈپ، ئاندىن پەسكە مېڭىپ، كىننەرەت كۆلىنىڭ شەرقىي قىرغاقلىرىغا يېتىدۇ. ‏12 ئاندىن بۇ چېگرا ئىئوردان دەرياسىغىچە تۆۋەنگە چۈشۈپ، ئۇچى شور دېڭىزغا تۇتىشىدۇ. بۇلار سىلەرگە بېرىلىدىغان زېمىننىڭ بېكىتىلگەن چېگرىلىرى بولىدۇ›».
 
‏13 مۇسا بەنى ئىسرائىلغا بۇيرۇپ مۇنداق دېدى: «مانا بۇ سىلەر چەك تاشلاپ مىراس سۈپىتىدە ئالىدىغان، پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە توققۇز يېرىم قەبىلىگە بېرىلىدىغان زېمىندۇر. ‏14 چۈنكى رۇبەن قەبىلىسى ئۆز جەمەتلىرى بويىچە، گاد قەبىلىسى ئۆز جەمەتلىرى بويىچە ۋە ماناسسەنىڭ يېرىم قەبىلىسىمۇ ئۆز ھەسسىسىنى ئېلىپ بولدى. ‏15 بۇ ئىككى يېرىم قەبىلە يېرىخونىڭ ئۇدۇلىدا، ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى كۈن چىقىش تەرەپتە ئۆز مىراس ھەسسىسىنى ئېلىپ بولدى».
 
‏16 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
‏17 «تۆۋەندىكىلەر زېمىننى سىلەرگە مىراس قىلىپ تەقسىم قىلىپ بېرىدىغان كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرىدۇر:
كاھىن ئەلىئازار ۋە نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا. ‏18 سىلەر زېمىننى تەقسىملەش ئۈچۈن ھەر قەبىلىدىن بىردىن باشلىق بېكىتىڭلار».
‏19 بۇ كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرى بولسا:
يەھۇدا قەبىلىسىدىن يەفۇننەنىڭ ئوغلى كالەب،
‏20 شىمون قەبىلىسىدىن ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى شەمۇئەل،
‏21 بەنيامىن قەبىلىسىدىن كىسلوننىڭ ئوغلى ئەلىداد،
‏22 دان قەبىلىسىدىن يوگلىنىڭ ئوغلى باشلىق بۇققى،
‏23 يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرىدىن، ماناسسە قەبىلىسىدىن ئېفودنىڭ ئوغلى باشلىق خاننىئەل،
‏24 ئەفرائىم قەبىلىسىدىن شىفتاننىڭ ئوغلى باشلىق كەمۇئەل،
‏25 زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن پارناكنىڭ ئوغلى باشلىق ئەلىزافان،
‏26 ئىسساكار قەبىلىسىدىن ئاززاننىڭ ئوغلى باشلىق پالتىئەل،
‏27 ئاشەر قەبىلىسىدىن شېلومىنىڭ ئوغلى باشلىق ئاخىھۇد،
‏28 ۋە نافتالى قەبىلىسىدىن ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى باشلىق پېداھەل ئىدى.
‏29 بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن كەنئان زېمىنىدا بەنى ئىسرائىلغا مىراسنى تەقسىم قىلىپ بېرىشكە بېكىتىلگەن كىشىلەر ئىدى.