مىسىردىن كانائان زېمىنىنىڭ چېگرىسىغىچە بولغان سەپەر
33
‏1 تۆۋەندىكىلەر بەنى ئىسرائىل قوشۇن-قوشۇن بولۇپ، مۇسا ۋە ھارۇننىڭ قول ئاستىدا مىسىر زېمىنىدىن چىقىپ كېلىۋاتقىنىدا چۈشكەن مەنزىللىرىدۇر. ‏2 مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە ئۇلارنىڭ سەپەر قىلغان يولىدا بارگاھ قۇرغان جايلىرىنى خەتلىۋالدى. ئۇلارنىڭ قىلغان سەپەرلىرى بىلەن بارگاھ قۇرغان جايلىرى مۇنداق: ‏3 ئۇلار بىرىنچى ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنى رامسەس دېگەن جايدىن سەپەرگە چىقتى. ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ ئەتىسى بەنى ئىسرائىل پۈتۈن مىسىرلىقلارنىڭ كۆز ئالدىدا باتۇرلۇق بىلەن يولغا چىقتى.    ‏4 ئۇ چاغدا مىسىرلىقلار پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن تۇنجى تۇغۇلغانلارنى كۆمۈۋاتقانىدى. پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارنىڭ ئىلاھلىرى ئۈستىدىنمۇ ھۆكۈم چىقاردى.
‏5 بۇ تەرىقىدە بەنى ئىسرائىل رامسەستىن يولغا چىقىپ، سۇككوتقا كېلىپ چېدىر-بارگاھ تىكتى.
‏6 ئۇلار سۇككوتتىن يولغا چىقىپ، چۆل چېتىدىكى ئېتامغا كېلىپ چېدىر-بارگاھ تىكتى.
‏7 ئاندىن كېيىن ئېتامدىن يولغا چىقىپ، بائال-زېفوننىڭ ئۇدۇلىدىكى پىھاخىروت دېگەن جايغا بۇرۇلۇپ، مىگدولنىڭ ئالدىدا چېدىر-بارگاھ تىكتى.
‏8 ئۇلار پىھاخىروتتىن يولغا چىقىپ، دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ، چۆلگە بېرىپ ئېتام چۆلىدا ئۈچ كۈن يۈرۈپ، مارادا چېدىر-بارگاھ تىكتى.
‏9 ئاندىن كېيىن ئۇلار مارادىن يولغا چىقىپ، ئېلىمغا كەلدى. ئېلىمدا ئون ئىككى بۇلاق بىلەن يەتمىش تۈپ خورما دەرىخى بار ئىدى. ئۇلار ئۇ يەردە چېدىر-بارگاھ تىكتى.
‏10 ئۇلار ئېلىمدىن يولغا چىقىپ، قىزىل دېڭىز بويىغا كېلىپ چېدىر-بارگاھ تىكتى.
‏11 ئاندىن قىزىل دېڭىزدىن يولغا چىقىپ، سىن چۆلىگە كېلىپ چېدىر-بارگاھ تىكتى.
‏12 ئاندىن كېيىن سىن چۆلىدىن يولغا چىقىپ، دوفقاغا كېلىپ چېدىر-بارگاھ تىكتى.
‏13 ئاندىن دوفقادىن يولغا چىقىپ، ئالۇشقا كېلىپ چېدىر-بارگاھ تىكتى.
‏14 ئۇلار ئالۇشتىن يولغا چىقىپ، رەفىدىمگە كېلىپ چېدىر-بارگاھ تىكتى. ئۇ يەردە خەلققە ئىچكىلى سۇ يوق ئىدى.
‏15 ئاندىن ئۇلار رەفىدىمدىن يولغا چىقىپ، سىناي چۆلىگە كېلىپ چېدىر-بارگاھ تىكتى.
‏16 ئاندىن كېيىن سىناي چۆلىدىن يولغا چىقىپ، قىبروت-ھاتاۋەگە كېلىپ چېدىر-بارگاھ تىكتى.
‏17 ئاندىن قىبروت-ھاتاۋەدىن يولغا چىقىپ، خازېروتقا كېلىپ چېدىر-بارگاھ تىكتى.
‏18 ئۇلار خازېروتتىن يولغا چىقىپ، رىتماغا كېلىپ چېدىر-بارگاھ تىكتى.
‏19 ئاندىن رىتمادىن يولغا چىقىپ، رىممون-پەرەزگە كېلىپ چېدىر-بارگاھ تىكتى.
‏20 ئاندىن كېيىن رىممون-پەرەزدىن يولغا چىقىپ، لىبناغا كېلىپ چېدىر-بارگاھ تىكتى.
‏21 ئاندىن لىبنادىن يولغا چىقىپ، رىسساغا كېلىپ چېدىر-بارگاھ تىكتى.
‏22 ئۇلار رىسسادىن يولغا چىقىپ، قېھېلاتاغا كېلىپ چېدىر-بارگاھ تىكتى.
‏23 ئاندىن ئۇلار قېھېلاتادىن يولغا چىقىپ، شافەر تېغىدا چېدىر-بارگاھ تىكتى.
‏24 ئاندىن كېيىن شافەر تېغىدىن يولغا چىقىپ، خاراداغا كېلىپ چېدىر-بارگاھ تىكتى.
‏25 ئۇلار خارادادىن يولغا چىقىپ، ماقھېلوتقا كېلىپ چېدىر-بارگاھ تىكتى.
‏26 ئاندىن ئۇلار ماقھېلوتتىن يولغا چىقىپ، تاخاتقا كېلىپ چېدىر-بارگاھ تىكتى.
‏27 ئۇلار تاخاتتىن يولغا چىقىپ، تەراھقا كېلىپ چېدىر-بارگاھ تىكتى.
‏28 ئاندىن ئۇلار تەراھتىن يولغا چىقىپ، مىتقاغا كېلىپ چېدىر-بارگاھ تىكتى.
‏29 ئاندىن مىتقادىن يولغا چىقىپ، خاشموناغا كېلىپ چېدىر-بارگاھ تىكتى.
‏30 ئۇلار خاشمونادىن يولغا چىقىپ، موسىروتقا كېلىپ چېدىر-بارگاھ تىكتى.
‏31 ئاندىن كېيىن موسىروتتىن يولغا چىقىپ، بەنە-يائاقان دېگەن جايغا يېتىپ كېلىپ چېدىر-بارگاھ تىكتى.
‏32 ئاندىن ئۇلار بەنە-يائاقاندىن يولغا چىقىپ، خور-ھاگگىدگادقا كېلىپ چېدىر-بارگاھ تىكتى.
‏33 ئاندىن كېيىن خور-ھاگگىدگادتىن يولغا چىقىپ، يوتباتاغا كېلىپ چېدىر-بارگاھ تىكتى.
‏34 ئۇلار يوتباتادىن يولغا چىقىپ، ئېبروناغا كېلىپ چېدىر-بارگاھ تىكتى.
‏35 ئاندىن كېيىن ئۇلار ئېبرونادىن يولغا چىقىپ، ئەسيون-گېبەرگە كېلىپ چېدىر-بارگاھ تىكتى.
‏36 ئاندىن كېيىن ئەسيون-گېبەردىن يولغا چىقىپ، زىن چۆلىگە، يەنى قادەشكە كېلىپ چېدىر-بارگاھ تىكتى.
‏37 ئاندىن ئۇلار قادەشتىن يولغا چىقىپ، ئېدوم زېمىنىنىڭ چېگرىسىدىكى ھور تېغىدا چېدىر-بارگاھ تىكتى.
 
‏38 كاھىن ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ھور تېغىغا چىقىپ، بەنى ئىسرائىلنىڭ مىسىر زېمىنىدىن چىقىشىنىڭ قىرىقىنچى يىلى بەشىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى ئۇ يەردە ۋاپات بولدى. ‏39 ھارۇن ھور تېغىدا ۋاپات بولغان چاغدا بىر يۈز يىگىرمە ئۈچ ياشتا ئىدى.
 
‏40 ئۇ چاغدا كەنئان زېمىنىنىڭ جەنۇب تەرىپىدە ئولتۇراقلىق كەنئانلاردىن بولغان ئاراد پادىشاھى، بەنى ئىسرائىلنىڭ كەلگىنىنى ئاڭلىغانىدى.
‏41 ئۇلار ھور تېغىدىن چىقىپ، زالموناغا كېلىپ چېدىر-بارگاھ تىكتى.
‏42 ئاندىن كېيىن زالمونادىن يولغا چىقىپ، پۇنونغا كېلىپ چېدىر-بارگاھ تىكتى.
‏43 ئاندىن پۇنوندىن يولغا چىقىپ، ئوبوتقا كېلىپ چېدىر-بارگاھ تىكتى.
‏44 ئاندىن ئۇلار ئوبوتتىن يولغا چىقىپ، موئابنىڭ چېگرىسىدىكى ئىيە-ئابارىمغا كېلىپ چېدىر-بارگاھ تىكتى.
‏45 ئاندىن كېيىن ئىيە-ئابارىمدىن يولغا چىقىپ، دىبون گادقا كېلىپ چېدىر-بارگاھ تىكتى.
‏46 ئاندىن ئۇلار دىبون گادتىن يولغا چىقىپ، ئالمون-دىبلاتايىمغا كېلىپ چېدىر-بارگاھ تىكتى.
‏47 ئۇلار ئالمون-دىبلاتايىمدىن يولغا چىقىپ، نېبونىڭ ئالدىدىكى ئابارىم تاغلىرىغا چېدىر-بارگاھ تىكتى.
‏48 ئاندىن كېيىن ئۇلار ئابارىم تاغلىرىدىن يولغا چىقىپ، موئاب تۈزلەڭلىكلىرىگە كېلىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدا، قارشى تەرىپىدىكى يېرىخونىڭ ئۇدۇلىدا چېدىر-بارگاھ تىكتى.
‏49 ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدىكى تىككەن بارگاھى موئابنىڭ تۈزلەڭلىكلىرىدە يېيىلىپ، بەيت-يىشىموتتىن تارتىپ ئابەل-شىتتىمغىچە بارغانىدى.
 
كەنئان زېمىنىنى ئىگىلىۋېلىش توغرىسىدىكى بۇيرۇق
‏50 پەرۋەردىگار موئاب تۈزلەڭلىكلىرىدە ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدا، قارشى تەرىپىدىكى يېرىخونىڭ ئۇدۇلىدا، مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
‏51 «سەن بەنى ئىسرائىلغا مۇنداق دېگىن: ‹سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، كەنئان زېمىنىغا كىرگىنىڭلاردا، ‏52 زېمىندا ياشاۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ بارلىق ئويما بۇتلىرى ۋە قۇيما ھەيكەللىرىنى چېقىپ، ئۇلارنىڭ بارلىق تۆپىلىكلەردىكى سەجدىگاھلىرىنى بۇزۇپ تاشلاڭلار. ‏53 سىلەر ئۇ زېمىننى ئىگىلەپ ئۇ يەرگە ماكانلىشىڭلار، چۈنكى مەن ئۇ زېمىننى سىلەرگە مىراس قىلىپ بەردىم. ‏54 سىلەر زېمىننى جەمەتلىرىڭلار بويىچە چەك تاشلاپ تەقسىم قىلىڭلار. چوڭ قەبىلىگە چوڭراق، كىچىك قەبىلىگە كىچىكرەك مىراس تەقسىم قىلىپ بېرىڭلار. ھەركىمنىڭ مىراسى ئۇنىڭ چېكى قەيەرگە چىققان بولسا شۇ جايدا بولىدۇ. مىراسنى ئاتا جەمەت-قەبىلىلىرىڭلار بويىچە تەقسىم قىلىڭلار. ‏55 لېكىن سىلەر ئۇ زېمىندا ياشاۋاتقانلارنى قوغلاپ چىقىرىۋەتمىسەڭلار، ئۇلاردىن قېلىپ قالغانلار كۆزۈڭلارغا تىكەن، بېقىنىڭلارغا يانتاق بولىدۇ. ئۇلار سىلەرنى تۇرغان زېمىنىڭلاردا ئازابقا سالىدۇ، ‏56 ۋە مەن ئەسلى ئۇلارغا قىلماقچى بولغىنىمنى سىلەرگە قىلىمەن›».