رۇبەن ۋە گاد قەبىلىسىنىڭ تەلىپى
32
‏1 رۇبەن قەبىلىسى ۋە گاد قەبىلىسىنىڭ چارۋا ماللىرى ناھايىتى كۆپ ئىدى. ئۇلار يازەر زېمىنى ۋە گىلېئاد زېمىنىنىڭ چارۋا مال بېقىشقا مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى كۆردى. ‏2 گاد قەبىلىسى ۋە رۇبەن قەبىلىسى مۇسا، كاھىن ئەلىئازار ۋە جامائەت رەھبەرلىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ‏3 «ئاتاروت، دىبون، يازەر، نىمرا، خەشبون، ئەلېئالە، شېبام، نېبو ۋە بەئون دېگەن يەرلەر، ‏4 يەنى پەرۋەردىگار بەنى ئىسرائىل جامائىتى ئالدىدا ئۇرغان زېمىننىڭ يەرلىرى چارۋا مال ئۈچۈن ئوبدان يەرلەر ئىكەن، بىز قۇللىرىڭنىڭمۇ چارۋا ماللىرىمىز بار. ‏5 ئەگەر بىز نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقان بولساق، بىزنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزمەستىن، بۇ زېمىننى قۇللىرىڭغا مىراس قىلىپ بەرگىن» دېدى.
‏6 لېكىن مۇسا گاد قەبىلىسى ۋە رۇبەن قەبىلىسىگە مۇنداق دېدى: «قېرىنداشلىرىڭلار جەڭگە چىققاندا، سىلەر بۇ يەردە قالامسىلەر؟ ‏7 نېمە ئۈچۈن دەريادىن ئۆتۈپ پەرۋەردىگار ئۇلارغا بەرگەن زېمىنغا كىرىشتىن بەنى ئىسرائىلنىڭ كۆڭۈللىرىنى سوۋۇتىسىلەر؟ ‏8 مەن سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنى زېمىننى چارلاشقا قادەش-بارنېئادىن ئەۋەتكىنىمدە ئۇلارمۇ شۇنداق قىلىپ، ‏9 ئەشكول ۋادىسىغا چىقىپ زېمىننى كۆرگەندىن كېيىن، بەنى ئىسرائىلنىڭ كۆڭۈللىرىنى سوۋۇتۇپ، پەرۋەردىگار ئۇلارغا بەرگەن زېمىنغا بېرىشتىن ئۇلارنى توسقانىدى. ‏10 شۇ سەۋەبتىن ئۇ كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى قوزغالدى ۋە ئۇ قەسەم قىلىپ: ‏11 ‹مىسىردىن چىقىپ كەلگەن كىشىلەر ماڭا چىن كۆڭلىدىن ئەگەشمىگىنى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ يىگىرمە ياشتىن ئاشقانلىرىنىڭ ھېچقايسىسى مەن «سىلەرگە بېرىمەن» دەپ ئىبراھىم، ئىسئھاق ۋە ياقۇبقا قەسەم قىلىپ ۋەدە قىلغان زېمىننى كۆرەلمەيدۇ. ‏12 پەقەت قېنىزىيلاردىن بولغان يەفۇننەنىڭ ئوغلى كالەب ۋە نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا پەرۋەردىگارغا مۇتلەق سادىق بولغىنى ئۈچۈن ئۇ زېمىننى كۆرىدۇ› دېگەنىدى. ‏13 بۇ تەرىقىدە پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بەنى ئىسرائىلغا قوزغالغان بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلغان نەسىل تۈگىگىچە، ئۇ ئۇلارنى چۆل-باياۋاندا قىرىق يىل سەرگەردان قىلدى. ‏14 مانا ئەمدى، گۇناھكارلارنىڭ ئەۋلادى بولغان سىلەر ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ، پەرۋەردىگارنىڭ تېخىمۇ قاتتىق غەزىپىنى بەنى ئىسرائىلنىڭ ئۈستىگە كەلتۈرمەكچى بولۇۋاتىسىلەر. ‏15 ئەگەر سىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىشتىن يۈز ئۆرىسەڭلار، ئۇ بۇ خەلقنى يەنە چۆل-باياۋانغا تاشلىۋېتىدۇ. بۇ تەرىقىدە سىلەر بۇ خەلقنىڭ ئۈستىگە ھالاكەت ئېلىپ كېلىسىلەر».
‏16 ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئاۋۋال چارۋا ماللىرىمىز ئۈچۈن قوتان سېلىپ، بالىلىرىمىز ئۈچۈن شەھەرلەر ياسايلى. ‏17 ئاندىن كېيىن قوراللىنىپ، بەنى ئىسرائىلنى باشلاپ ئۆز جايلىرىغا يېتىپ كەلگۈچە ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭىمىز. بالىلىرىمىز بولسا ئۇ يەردىكى خەلقلەر سەۋەبلىك سېپىللىق شەھەرلەردە تۇرۇشى لازىم. ‏18 بىز بەنى ئىسرائىلنىڭ ھەربىرى ئۆز مىراسىغا ئېرىشمىگۈچە قايتىپ كەلمەيمىز. ‏19 ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى ياقىسىدا ياكى ئۇنىڭدىن نېرىراق يەردە بىز ئۇلار بىلەن مىراسقا ئورتاق بولمايمىز، چۈنكى بىزگە تەگكەن مىراس ئىئوردان دەرياسىنىڭ بۇ تەرىپىدە، يەنى شەرق تەرەپتىدۇر».
‏20 مۇسا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر سىلەر ئېيتقىنىڭلاردەك قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا جەڭ ئۈچۈن قوراللىنىپ چىقىپ، ‏21 پەرۋەردىگار ئالدىدىن دۈشمەنلىرىنى قوغلىۋەتكۈچە، قوراللانغان ئادەملىرىڭلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئالدىدا ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ‏22 تاكى ئۇ زېمىن پەرۋەردىگارغا تەۋە بولمىغۇچە قايتمىساڭلار، پەرۋەردىگار ۋە ئىسرائىلنىڭ ئالدىدا ئەيىبسىز ھېسابلىنىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا بۇ زېمىننى مىراس ئالىسىلەر.
‏23 لېكىن ئۇنداق قىلمىساڭلار، مانا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولىسىلەر. شۇنى بىلىڭلاركى، گۇناھىڭلار سىلەرنى تاپىدۇ. ‏24 ئەمدى بالىلىرىڭلار ئۈچۈن شەھەرلەر ياساپ، چارۋا ماللىرىڭلار ئۈچۈن قوتانلار سېلىپ، ئاغزىڭلاردىن چىققاننى ئورۇنلاڭلار».
‏25 گاد قەبىلىسى ۋە رۇبەن قەبىلىسى مۇساغا مۇنداق دېدى: «سېنىڭ قۇللىرىڭ خوجىمىز بۇيرۇغاندەك قىلىدۇ. ‏26 بالىلىرىمىز، خوتۇنلىرىمىز، چارۋا مال ۋە ئۇلاغلىرىمىز گىلېئادنىڭ شەھەرلىرىدە قالىدۇ. ‏27 لېكىن بىز قۇللىرىڭ، يەنى جەڭگە قوراللانغان ھەربىرىمىز، خوجىمىز بۇيرۇغاندەك، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا جەڭ قىلىش ئۈچۈن ئۇ تەرەپكە ئۆتىمىز».
‏28 شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئۇلار توغرىسىدا كاھىن ئەلىئازار ۋە نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا ۋە بەنى ئىسرائىلنىڭ قەبىلىلىرىنىڭ جەمەت باشلىقلىرىغا بۇيرۇق بېرىپ، ‏29 ئۇلارغا: «ئەگەر گاد قەبىلىسى ۋە رۇبەن قەبىلىسىنىڭ ھەربىرى قوراللىنىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا جەڭ قىلىش ئۈچۈن سىلەر بىلەن بىللە ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتۈپ بارسا، ئۇ زېمىن قولۇڭلارغا چۈشكەندە، گىلېئاد زېمىنىنى ئۇلارغا مىراس قىلىپ بېرىڭلار. ‏30 لېكىن ئۇلار قوراللىنىپ سىلەر بىلەن ئۆتمىسە، ئۇلار سىلەر بىلەن بىللە كەنئان زېمىنىدا مىراس تاپسۇن» دېدى. ‏31 گاد قەبىلىسى ۋە رۇبەن قەبىلىسى جاۋاب بېرىپ: «پەرۋەردىگارنىڭ قۇللىرىڭغا بۇيرۇغىنىنى ئورۇنلايمىز، ‏32 بىز قوراللىنىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۆتۈپ كەنئان زېمىنىغا بارىمىز، لېكىن مىراسىمىز ئىئوردان دەرياسىنىڭ بۇ تەرىپىدە بولىدۇ» دېدى.
 
‏33 شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىخوننىڭ زېمىنى ۋە باشاننىڭ پادىشاھى ئوگنىڭ زېمىنى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە شەھەرلەرنى، ئەتراپىدىكى شەھەرلەر بىلەن قوشۇپ، گاد قەبىلىسى، رۇبەن قەبىلىسى ۋە يۈسۈپنىڭ ئوغلى ماناسسەنىڭ قەبىلىسىنىڭ يېرىمىگە بەردى. ‏34 گاد قەبىلىسى سېپىللىق دىبون، ئاتاروت، ئاروئەر، ‏35 ئاتاروت-شوفان، يازەر، يوگبېھا، ‏36 بەيت-نىمرا ۋە بەيت-ھاران قاتارلىق شەھەرلەرنى قايتا قۇردى، ۋە شۇنداقلا قوتانلارنى سالدى. ‏37 رۇبەن قەبىلىسى بولسا خەشبون، ئەلېئالە، قىرياتايىم، ‏38 ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلگەن نېبو ۋە بائال-مېئون، ۋە شىبمانى سالدى. ئۇلار قۇرغان شەھەرلەرگە يېڭى ئىسىملار بەردى.
‏39 ماناسسەنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئەۋلادلىرى بېرىپ گىلېئادنى ئىگىلەپ، ئۇ يەردىكى ئامورىيلارنى قوغلىۋەتتى. ‏40 شۇنىڭ بىلەن مۇسا گىلېئادنى ماناسسەنىڭ ئوغلى ماكىرغا بەردى. ئۇ شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالدى. ‏41 ماناسسەنىڭ ئوغلى يائىر بولسا بېرىپ، ئۇلارنىڭ يېزا-كەنتلىرىنى ئىگىلەپ، ئۇلارنى يائىر كەنتلىرى دەپ ئاتىدى. ‏42 نوباھ بولسا بېرىپ قېنات ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېزىلارنى ئىگىلەپ، قېناتنى ئۆز ئىسمى بىلەن نوباھ دەپ ئاتىدى.