مىدىيانلىقلار بىلەن جەڭ قىلىش
31
‏1 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ:
‏2 «سەن بەنى ئىسرائىل ئۈچۈن مىدىيانلىقلاردىن ئىنتىقام ئالغىن. ئاندىن ئۆز ئەجدادلىرىڭنىڭ قېشىغا كېتىسەن» دېدى.
‏3 مۇسا خەلققە: «ئاراڭلاردىن ئەركەكلەر قوراللىنىپ جەڭگە تەييارلانسۇن. ئۇلار مىدىيانلىقلارغا قارشى چىقىپ، مىدىياندىن پەرۋەردىگار ئۈچۈن ئىنتىقام ئالسۇن. ‏4 ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ ھەربىرىدىن مىڭ ئادەمنى ئېلىپ، جەڭگە ئەۋەتىڭلار» دېدى. ‏5 شۇنداق قىلىپ مىڭلىغان ئىسرائىل خەلقىدىن ھەربىر قەبىلىدىن مىڭ ئادەم بولۇپ، جەمئىي ئون ئىككى مىڭ كىشى قوراللىنىپ جەڭگە تەييارلاندى.
‏6 ئاندىن كېيىن مۇسا ئۇلارنى، يەنى ھەر قەبىلىدىن مىڭ ئادەمنى، جەڭ قىلىشقا ماڭدۇردى ۋە كاھىن ئەلىئازارنىڭ ئوغلى پىنىخاسنى ئۇلارغا قوشۇپ جەڭگە ئەۋەتتى. ئۇنىڭ قولىدا مۇقەددەس ئەسۋابلار ۋە يۇقىرى ئاۋازلىق چاقىرىق كانايلىرى بار ئىدى. ‏7 ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك مىدىيانلىقلار بىلەن جەڭ قىلىشقا چىقىپ، ھەممە ئەركەكلەرنى ئۆلتۈردى. ‏8 ئۇلارنىڭ قولى بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا ئېۋى، رېقەم، زۇر، خۇر ۋە رېبا دېگەن بەش مىدىيان پادىشاھىمۇ بار ئىدى. ئۇلار بېئورنىڭ ئوغلى بىلېئامنىمۇ قىلىچ بىلەن ئۆلتۈردى.
‏9 ئاندىن بەنى ئىسرائىل مىدىياننىڭ خوتۇن-بالىلىرىنى ئەسىر قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەممە ئۇلاغلىرى، پادىلىرى ۋە مال-مۈلكىنى ئولجا ئالدى. ‏10 ئۇلار ئۇلارنىڭ تۇرغان ھەممە شەھەرلىرىگە ۋە پۈتۈن بارگاھلىرىغا ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتتى. ‏11 مەيلى ئىنسان بولسۇن ياكى ھايۋان بولسۇن ھەممە ئولجىنى ئېلىپ كەتتى. ‏12 ئۇلار ئەسىرلەرنى ۋە ئېلىۋالغان مال ۋە ئولجىلارنى موئاب تۈزلەڭلىكلىرىدىكى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىغا، يېرىخونىڭ ئۇدۇلىغا جايلاشقان بارگاھقا، مۇسا ۋە كاھىن ئەلىئازار ۋە بەنى ئىسرائىل جامائىتىگە ئېلىپ كەلدى. ‏13 مۇسا، كاھىن ئەلىئازار ۋە جامائەت رەھبەرلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇلارنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن بارگاھنىڭ سىرتىغا چىقتى.
‏14 لېكىن مۇسا جەڭدىن قايتىپ كەلگەن لەشكەرلەرنىڭ سەردارلىرى بولغان مىڭبېشى ۋە يۈزبېشىلارغا ئاچچىقلىنىپ، ‏15 ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «سىلەر ئاياللارنىڭ ھەممىسىنى تىرىك قالدۇردۇڭلارمۇ؟ ‏16 مانا، بۇ ئاياللار پېئور ئىلاھى توغرىسىدىكى ئىشتا بىلېئامنىڭ مەسلىھەتى بىلەن بەنى ئىسرائىلنىڭ پەرۋەردىگارغا ۋاپاسىزلىق قىلىشىغا سەۋەب بولدى، بۇ سەۋەبلىك پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىنىڭ ئۈستىگە ۋابا ياغدى! ‏17 ئەمدى ھەممە ئوغۇل بالىلارنى ۋە ئەر كىشى بىلەن يېتىپ مۇناسىۋەت قىلغان ھەممە ئاياللارنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار. ‏18 لېكىن ئەر كىشى بىلەن يېتىپ باقمىغان ھەممە قىز بالىلارنى ئۆزۈڭلار ئۈچۈن تىرىك قالدۇرۇڭلار.
‏19 ئاندىن يەتتە كۈن بارگاھنىڭ سىرتىدا چېدىر تىكىپ تۇرۇڭلار. ئۆزۈڭلاردىن ياكى ئەسىرلىرىڭلاردىن ئادەم ئۆلتۈرگەن ياكى ئۆلتۈرۈلگەن بىر ئۆلۈككە تېگىپ قالغان ھەر كىشى ئۈچىنچى كۈنى ۋە يەتتىنچى كۈنى ئۆزىنى پاكلىسۇن. ‏20 بارلىق كىيىم ۋە تېرىدىن ياسالغان نەرسىلەرنى، شۇنداقلا ئۆچكە يۇڭىدىن توقۇلغان ۋە ياغاچتىن ياسالغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى پاكلاڭلار».
‏21 كاھىن ئەلىئازار جەڭگە چىقىپ قايتقان ئەسكەرلەرگە سۆزلەپ: «پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغان قانۇن-بەلگىلىمە شۇكى، ‏22 ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، تۆمۈر، قەلەي ۋە قوغۇشۇندەك ‏23 ئوتقا چىداملىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئوتتىن ئۆتكۈزۈڭلار. شۇنىڭ بىلەن ئۇ نەرسىلەر پاك بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە پاكلىنىش سۈيى بىلەن پالكىنىشى لازىمدۇر. ئوتقا چىدامسىز نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى سۇدىن ئۆتكۈزۈڭلار. ‏24 يەتتىنچى كۈنى كىيىملىرىڭلارنى يۇغاندىن كېيىن پاك بولىسىلەر. ئاندىن بارگاھقا كىرەلەيسىلەر» دېدى.
 
‏25 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
‏26 «سەن كاھىن ئەلىئازار ۋە جامائەتتىكى جەمەت باشلىقلىرى بىلەن بىللە، ئولجا ئېلىنغان ئادەم ۋە ھايۋانلارنى سانىغىن. ‏27 ئاندىن كېيىن سەن ئولجىنى ئىككىگە بۆلۈپ، يېرىمىنى جەڭگە چىقىپ قايتقانلارغا، قالغان يېرىمىنى پۈتۈن جامائەتكە بەرگىن. ‏28 جەڭگە چىقىپ قايتقان جەڭچىلەرگە تېگىدىغان ئولجىدىن، مەيلى ئادەم بولسۇن، مەيلى كالا، ئېشەك ياكى قوي بولسۇن، بەش يۈزدىن بىرىنى ئايرىپ پەرۋەردىگارغا ئاتىغىن، ‏29 بۇنى ئۇلارغا تېگىدىغان ئولجىنىڭ يېرىمىدىن ئېلىپ، پەرۋەردىگارغا ئاتالغان كۆتۈرمە ھەدىيە سۈپىتىدە كاھىن ئەلىئازارغا بەرگىن. ‏30 بەنى ئىسرائىلغا تېگىدىغان يېرىمىدىن، مەيلى ئادەم بولسۇن، مەيلى كالا، ئېشەك ياكى قوي، يەنى ھەرقانداق چارۋا مال بولسۇن، ئۇلاردىن ئەللىكتىن بىرىنى ئېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان لاۋىيلارغا بەرگىن».
‏31 مۇسا ۋە كاھىن ئەلىئازار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلدى. ‏32 لەشكەرلەرنىڭ قولغا چۈشۈرگەن ئولجىدىن قالغىنى: ئالتە يۈز يەتمىش بەش مىڭ قوي، ‏33 يەتمىش ئىككى مىڭ كالا ‏34 ۋە ئاتمىش بىر مىڭ ئېشەك ئىدى. ‏35 ئىنساندىن بولسا ئەر كىشى بىلەن يېتىپ باقمىغان قىزلارنىڭ جەمئىي سانى ئوتتۇز ئىككى مىڭ كىشى ئىدى.
‏36 جەڭگە چىقىپ قايتقان كىشىلەرگە تەگكەن يېرىم ھەسسىدە، جەمئىي ئۈچ يۈز ئوتتۇز يەتتە مىڭ بەش يۈز قوي بار ئىدى، ‏37 بۇنىڭدىن پەرۋەردىگارغا بېرىلىدىغان ھەدىيە ئالتە يۈز يەتمىش بەش قوي ئىدى. ‏38 كالا ئوتتۇز ئالتە مىڭ بولۇپ، بۇنىڭدىن پەرۋەردىگارغا بېرىلىدىغان ھەدىيە يەتمىش ئىككى كالا ئىدى. ‏39 ئېشەك ئوتتۇز مىڭ بەش يۈز بولۇپ، بۇنىڭدىن پەرۋەردىگارغا بېرىلىدىغان ھەدىيە ئاتمىش بىر ئېشەك ئىدى. ‏40 ئىنسان ئون ئالتە مىڭ كىشى بولۇپ، بۇنىڭدىن پەرۋەردىگارغا بېرىلىدىغان ھەدىيە ئوتتۇز ئىككى كىشى ئىدى.
‏41 مۇسا پەرۋەردىگار ئۆزىگە بۇيرۇغاندەك پەرۋەردىگارغا ئاتالغان كۆتۈرمە ھەدىيە بولغان ئۈلۈشىنى كاھىن ئەلىئازارغا بەردى.
 
‏42 بەنى ئىسرائىل ئېرىشكەن يېرىمى، يەنى مۇسا جەڭگە چىققان ئەسكەرلەردىن ئېلىپ بۆلۈپ بەرگەن، ‏43 جامائەتكە تەگكەن يېرىم ئۈلۈش: ئۈچ يۈز ئوتتۇز يەتتە مىڭ بەش يۈز قوي، ‏44 ئوتتۇز ئالتە مىڭ كالا، ‏45 ئوتتۇز مىڭ بەش يۈز ئېشەك ‏46 ۋە ئون ئالتە مىڭ ئادەم ئىدى.
‏47 مۇسا بەنى ئىسرائىلغا تېگىدىغان ئولجىنىڭ شۇ يېرىمىدىن پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇيرۇغاندەك، مەيلى ئادەم بولسۇن ياكى چارۋا مال بولسۇن، ئەللىكتىن بىرىنى ئېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان لاۋىيلارغا بەردى.
 
‏48 ئاندىن قوشۇندىكى مىڭلارنىڭ سەردارلىرى، مىڭبېشىلار ۋە يۈزبېشىلار مۇسانىڭ ئالدىغا كېلىپ، ‏49 ئۇنىڭغا سۆزلەپ: «بىز، سېنىڭ خىزمەتكارلىرىڭ، قول ئاستىمىزدىكى جەڭچىلەرنى سانىغىنىمىزدا، ئۇلارنىڭ بىرىمۇ كەم ئەمەس ئىدى. ‏50 شۇڭا بىز ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا جانلىرىمىز ئۈچۈن كەفارەت كەلتۈرسۇن دەپ، ھەربىرىمىز تاپقان ئالتۇن بۇيۇملار، پۇت زەنجىرلىرى، بىلەزۈكلەر، ئۈزۈكلەر، زىرىلەر ۋە ئالتۇن مارجانلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىلىپ كەلتۈردۇق» دېدى. ‏51 شۇنىڭ بىلەن مۇسا ۋە كاھىن ئەلىئازار ئۇلاردىن بۇ ئالتۇن بۇيۇملارنىڭ ھەممىسىنى يىغىۋالدى. ‏52 ئۇلارنىڭ مىڭبېشىلىرى ۋە يۈزبېشىلىرى تەرىپىدىن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا ھەدىيە قىلىپ كەلتۈرۈلگەن ئالتۇننىڭ مىقدارى ئون ئالتە مىڭ يەتتە يۈز ئەللىك شېكەل ئىدى. ‏53 چۈنكى ئەسكەرلەرنىڭ ھەربىرى ئۆزى ئۈچۈن ئولجا ئېلىپ كەلگەنىدى. ‏54 مۇسا ۋە كاھىن ئەلىئازار مىڭبېشىلار ۋە يۈزبېشىلاردىن ئالغان ئالتۇننى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا بەنى ئىسرائىل ئۈچۈن يادىكار بولسۇن دەپ ئۇچرىشىش چېدىرىغا ئېلىپ كەلدى.