قەسەم قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە
30
‏1 مۇسا پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇيرۇغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى بەنى ئىسرائىلغا ئۇقتۇردى. ‏2 مۇسا بەنى ئىسرائىلنىڭ قەبىلە باشلىقلىرىغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى شۇكى: ‏3 ئەگەر بىر كىشى پەرۋەردىگارغا بىر ۋەدە بېرىپ ياكى قەسەم بىلەن ئۆز-ئۆزىگە مەسئۇلىيەت يۈكلىگەن بولسا، ئۆز ۋەدىسىنى بۇزماستىن، ئاغزىدىن چىققاننىڭ ھەممىسىنى ئورۇنلىسۇن.
‏4 ئەگەر بىر قىز بالا ئۆز ئاتىسىنىڭ ئۆيىدىكى چېغىدا، پەرۋەردىگارغا ۋەدە قىلىپ ئۆز-ئۆزىگە مەسئۇلىيەت يۈكلىگەن بولسا، ‏5 ئەمما ئاتىسى ئۇنىڭ ۋەدىسىنى ۋە ئۆزىگە يۈكلىگەن مەسئۇلىيەت توغرىسىدا ئاڭلاپ قالغىنىدا گەپ قىلماي شۈك تۇرغان بولسا، ئۇنىڭ بەرگەن ھەممە ۋەدىلىرى ۋە ئۆزىگە يۈكلىگەن بارلىق مەسئۇلىيەت ئىناۋەتلىك ھېسابلىنىدۇ. ‏6 لېكىن ئۇنىڭ ئاتىسى بۇنى ئاڭلىغان كۈندە ئۇنى توسسا، ئۇنىڭ ۋەدىسى ۋە ئۆزىگە يۈكلىگەن مەسئۇلىيەت ئىناۋەتلىك ھېسابلانمايدۇ. ئۇنىڭ ئاتىسى ئۇنىڭغا ئىجازەت بەرمىگەچكە، پەرۋەردىگار قىزنى ئەپۇ قىلىدۇ.
‏7 ئەگەر ئايال ۋەدە قىلغان ياكى ئاغزىدىن بىخەستەلىك بىلەن چىققان سۆزگە ئۆزىنى باغلىغان ھالەتتە ئەرگە تەگكەن بولسا، ‏8 ئەمما ئۇنىڭ ئېرى بۇ توغرىسىدا ئاڭلىغان كۈنى شۈك تۇرۇپ، ھېچنېمە دېمىگەن بولسا، ئايالنىڭ ھەممە ۋەدىلىرى ۋە ئۆزىگە يۈكلىگەن بارلىق مەسئۇلىيەت ئىناۋەتلىك بولىدۇ. ‏9 لېكىن ئۇنىڭ ئېرى بۇنى ئاڭلىغان كۈندە ئۇنى توسقان بولسا، بۇ ئايالنىڭ ۋەدىسى ئىناۋەتسىز بولىدۇ، ۋە بىخەستەلىك بىلەن ئاغزىدىن چىققان سۆزلىرى ۋە ئۆزىگە يۈكلىگەن مەسئۇلىيەت بىكار بولىدۇ ۋە پەرۋەردىگار ئۇنى ئەپۇ قىلىدۇ.
‏10 ئەمما بىر تۇل خوتۇن ياكى ئېرى قويۇۋەتكەن ئايالنىڭ ھەممە ۋەدىلىرى ۋە ئۆزىگە يۈكلىگەن مەسئۇلىيەت ئىناۋەتلىك بولىدۇ.
‏11 ئەگەر بىر ئايال ئېرىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ، بىر ۋەدە قىلسا ياكى قەسەم بىلەن ئۆزىگە بىر مەسئۇلىيەت يۈكلىگەن بولسا، ‏12 ۋە ئۇنىڭ ئېرى بۇنى ئاڭلاپ شۈك تۇرۇپ، ئۇنى توسمىسا، ئۇنىڭ قىلغان ھەممە ۋەدىلىرى ۋە ئۆزىگە يۈكلىگەن بارلىق مەسئۇلىيەت ئىناۋەتلىك بولىدۇ. ‏13 لېكىن ئۇنىڭ ئېرى بۇنى ئاڭلىغان كۈندە ئۇنىڭ ۋەدىسىنى ئوچۇق بىكار قىلغان بولسا، ئايالنىڭ ئاغزىدىن چىققان ۋەدىلىرىنىڭ ھەممىسى ۋە ئۆزىگە يۈكلىگەن مەسئۇلىيەت ئىناۋەتسىز بولىدۇ. ئېرى ئۇنىڭ ۋەدىلىرىنى بىكار قىلغاچقا، پەرۋەردىگار ئايالنى ئەپۇ قىلىدۇ.
‏14 ئايالنىڭ ھەممە ۋەدىلىرىنى ۋە قەسەم بىلەن ئۆزىگە يۈكلىگەن مەسئۇلىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېرى خالىغىنىچە ماقۇللىيالايدۇ ياكى ئىناۋەتسىز قىلالايدۇ. ‏15 لېكىن ئۇنىڭ ئېرى ئەتىسىگىچە ئۇنىڭغا بىر نېمە دېمەي شۈك تۇرسا، ئۇنداقتا ئايالىنىڭ قىلغان ھەممە ۋەدىلىرى ۋە ئۆزىگە يۈكلىگەن بارلىق مەسئۇلىيەت ئىناۋەتلىك بولىدۇ. چۈنكى ئۇ بۇنى ئاڭلىغان كۈنى ئايالىغا بىر نېمە دېمەي شۈك تۇرغىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ۋەدىلىرىنى ئىناۋەتلىك قىلغان بولىدۇ. ‏16 لېكىن ئېرى بۇنى ئاڭلاپ، ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ۋەدىسىنى ئىناۋەتسىز قىلسا، ئايالىنىڭ گۇناھىنى ئۇ ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ.
‏17 بۇ قائىدىلەر ئەر بىلەن ئايالنىڭ ئوتتۇرىسىدا ۋە ئاتا بىلەن ئۆز ئۆيىدە تۇرغان ياش قىزىنىڭ ئوتتۇرىسىدا يۈرگۈزۈلىدىغان، پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغان قانۇنلىرىدۇر.