كاناي چېلىش ھېيتىدىكى قۇربانلىقلار
29
1 سىلەر يەتتىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى بىر مۇقەددەس يىغىلىش ئۈچۈن جەم بولۇڭلار. ئۇ كۈن سىلەر ئۈچۈن بۇرغا چېلىنىدىغان بىر كۈن بولغاچقا، ئۇ كۈندە ھېچبىر ئىش قىلماڭلار. ■ 2 سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا خۇش پۇراق كەلتۈرىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە بىر تورپاق، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق يەتتە ئەيىبسىز ئەركەك قوزا سۇنۇڭلار. 3 بۇلارغا قوشۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن ياغ ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن كەلتۈرۈپ، بۇ ئۇندىن تورپاققا بىر ئېفانىڭ ئوندىن ئۈچى ۋە قوچقارغا بىر ئېفانىڭ ئوندىن ئىككىسى مىقداردا، 4 يەتتە قوزىنىڭ ھەربىرىگە ئوندىن بىرىگە باراۋەر مىقداردا قوشۇپ سۇنۇڭلار. 5 سىلەر ئۈچۈن كەفارەت كەلتۈرۈشكە بىر تېكىنىمۇ گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇنۇڭلار. 6 بۇ ھەدىيە-قۇربانلىقلار بولسا، ھەربىرى بۇيرۇلغان تەرىقىدە سۇنۇلىدىغان يېڭى ئاينىڭ بېشىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئۇنىڭغا قوشۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەسى، كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئۇنىڭغا قوشۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە مەزكۇر ئىككىسىگە قوشۇلغان ئىچىملىك ھەدىيەلىرىدىن باشقا، ئوتتا كۆيدۈرۈلىدىغان، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا خۇش پۇراق كەلتۈرىدىغان ھەدىيە-قۇربانلىقلار سۈپىتىدە سۇنۇلسۇن.
كافارەت كۈنى سۇنىدىغان قۇربانلىقلار
7 يەتتىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنى سىلەر مۇقەددەس يىغىلىش ئۈچۈن جەم بولۇڭلار. ئۇ كۈنى نەپسىڭلارنى يىغىپ، ھېچ ئىش قىلماڭلار. 8 سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا خۇش پۇراق كەلتۈرىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە بىر تورپاق، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق يەتتە ئەركەك قوزا سۇنۇڭلار. ئۇلار ئەيىبسىز بولسۇن. 9 بۇلارغا قوشۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن ياغ ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن كەلتۈرۈپ، بۇ ئۇندىن ھەربىر تورپاققا بىر ئېفانىڭ ئوندىن ئۈچى ۋە قوچقارغا بىر ئېفانىڭ ئوندىن ئىككىسى مىقداردا، 10 يەتتە قوزىنىڭ ھەربىرىگە بىر ئېفانىڭ ئوندىن بىرىگە باراۋەر مىقداردا قوشۇپ سۇنۇڭلار. 11 شۇنىڭدەك گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇڭلار. بۇ قۇربانلىقلار كەفارەت ئۈچۈن سۇنۇلىدىغان گۇناھ قۇربانلىقى، كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئۇنىڭغا قوشۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە ئىككىلىسىگە قوشۇلىدىغان ئىچىملىك ھەدىيەلىرى بىلەن بىللە سۇنۇلسۇن.
سايىۋەن ھېيتىدا سۇنىدىغان قۇربانلىقلار
12 يەتتىنچى ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنى سىلەر بىر مۇقەددەس يىغىلىش ئۈچۈن جەم بولۇڭلار. ئۇ كۈندە ھېچبىر ئىش قىلماڭلار. پەرۋەردىگار ئۈچۈن يەتتە كۈن ھېيت ئۆتكۈزۈڭلار. 13 سىلەر ئوتتا كۆيدۈرۈلىدىغان، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا خۇش پۇراق كەلتۈرىدىغان قۇربانلىق بولسۇن دەپ ئون ئۈچ تورپاق، ئىككى قوچقار ۋە بىر ياشلىق ئون تۆت ئەركەك قوزىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنۇڭلار. ئۇلار ئەيىبسىز بولسۇن. 14 بۇلارغا قوشۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن ياغ ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن كەلتۈرۈپ، بۇ ئۇندىن ئون ئۈچ تورپاقنىڭ ھەربىرىگە بىر ئېفانىڭ ئوندىن ئۈچى ۋە ئىككى قوچقارنىڭ ھەربىرىگە بىر ئېفانىڭ ئوندىن ئىككىسى مىقداردا، 15 ئون تۆت قوزىنىڭ ھەربىرىگە بىر ئېفانىڭ ئوندىن بىرىگە باراۋەر مىقداردا قوشۇپ سۇنۇڭلار. 16 گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇڭلار. بۇ قۇربانلىقلار كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئۇنىڭ ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە ئىچىملىك ھەدىيەسىگە قوشۇلۇپ سۇنۇلسۇن.
17 ئىككىنچى كۈنى ئون ئىككى تورپاق، ئىككى قوچقار ۋە بىر ياشلىق ئون تۆت ئەركەك قوزا سۇنۇڭلار. ئۇلار ئەيىبسىز بولسۇن. 18 بۇلارغا قوشۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى مەزكۇر تورپاق، قوچقار ۋە قوزىلارنىڭ سانى بويىچە بۇيرۇلغان تەرىقىدە سۇنۇڭلار. 19 گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇڭلار. بۇ قۇربانلىقلار كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئۇنىڭ ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىگە قوشۇلۇپ سۇنۇلسۇن.
20 ئۈچىنچى كۈنى ئون بىر تورپاق، ئىككى قوچقار ۋە بىر ياشلىق ئون تۆت ئەركەك قوزا سۇنۇڭلار. ئۇلار ئەيىبسىز بولسۇن. 21 بۇلارغا قوشۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى مەزكۇر تورپاق، قوچقار ۋە قوزىلارنىڭ سانى بويىچە بۇيرۇلغان تەرىقىدە سۇنۇڭلار. 22 بۇنىڭدىن باشقا، بىر تېكىنى گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇنۇڭلار. بۇ قۇربانلىقلار كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئۇنىڭ ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە ئىچىملىك ھەدىيەسىگە قوشۇلۇپ سۇنۇلسۇن.
23 تۆتىنچى كۈنى ئون تورپاق، ئىككى قوچقار ۋە بىر ياشلىق ئون تۆت ئەركەك قوزا سۇنۇڭلار. ئۇلار ئەيىبسىز بولسۇن. 24 بۇلارغا قوشۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى مەزكۇر تورپاق، قوچقار ۋە قوزىلارنىڭ سانى بويىچە بۇيرۇلغان تەرىقىدە سۇنۇڭلار. 25 بۇنىڭدىن باشقا، بىر تېكىنى گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇنۇڭلار. بۇ قۇربانلىقلار كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئۇنىڭ ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە ئىچىملىك ھەدىيەسىگە قوشۇلۇپ سۇنۇلسۇن.
26 بەشىنچى كۈنى توققۇز تورپاق، ئىككى قوچقار ۋە بىر ياشلىق ئون تۆت ئەركەك قوزا سۇنۇڭلار. ئۇلار ئەيىبسىز بولسۇن. 27 بۇلارغا قوشۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى مەزكۇر تورپاق، قوچقار ۋە قوزىلارنىڭ سانى بويىچە بۇيرۇلغان تەرىقىدە سۇنۇڭلار. 28 بۇنىڭدىن باشقا، بىر تېكىنى گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇنۇڭلار. بۇ قۇربانلىقلار كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئۇنىڭ ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە ئىچىملىك ھەدىيەسىگە قوشۇلۇپ سۇنۇلسۇن.
29 ئالتىنچى كۈنى سەككىز تورپاق، ئىككى قوچقار ۋە بىر ياشلىق ئون تۆت ئەركەك قوزا سۇنۇڭلار. ئۇلار ئەيىبسىز بولسۇن. 30 بۇلارغا قوشۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى مەزكۇر تورپاق، قوچقار ۋە قوزىلارنىڭ سانى بويىچە بۇيرۇلغان تەرىقىدە سۇنۇڭلار. 31 بۇنىڭدىن باشقا، بىر تېكىنى گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇنۇڭلار. بۇ قۇربانلىقلار كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئۇنىڭ ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە ئىچىملىك ھەدىيەسىگە قوشۇلۇپ سۇنۇلسۇن.
32 يەتتىنچى كۈنى يەتتە تورپاق، ئىككى قوچقار ۋە بىر ياشلىق ئون تۆت ئەركەك قوزا سۇنۇڭلار. ئۇلار ئەيىبسىز بولسۇن. 33 بۇلارغا قوشۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى مەزكۇر تورپاق، قوچقار ۋە قوزىلارنىڭ سانى بويىچە بۇيرۇلغان تەرىقىدە سۇنۇڭلار. 34 بۇنىڭدىن باشقا، بىر تېكىنى گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇنۇڭلار. بۇ قۇربانلىقلار كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئۇنىڭ ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە ئىچىملىك ھەدىيەسىگە قوشۇلۇپ سۇنۇلسۇن.
35 سەككىزىنچى كۈنى سىلەر ھېيت يىغىلىشى ئۈچۈن جەم بولۇڭلار. ئۇ كۈندە ھېچبىر ئىش قىلماڭلار. 36 سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا خۇش پۇراق كەلتۈرىدىغان، ئوتتا كۆيدۈرۈلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە، بىر تورپاق، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق يەتتە ئەركەك قوزا سۇنۇڭلار. ئۇلار ئەيىبسىز بولسۇن. 37 بۇلارغا قوشۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى بولسا، مەزكۇر تورپاق، قوچقار ۋە قوزىلارنىڭ سانى بويىچە بۇيرۇلغان تەرىقىدە سۇنۇڭلار. 38 بۇنىڭدىن باشقا، بىر تېكىنى گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇنۇڭلار. بۇ قۇربانلىقلار كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئۇنىڭ ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە ئىچىملىك ھەدىيەسىگە قوشۇلۇپ سۇنۇلسۇن.
39 مەزكۇر قۇربانلىق-ھەدىيەلەرنى، سىلەر ۋەدە بويىچە ياكى ئۆز ئىختىيارىڭلار بىلەن كەلتۈرىدىغان قۇربانلىق-ھەدىيەلىرىڭلار، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭلار، ئۇلارغا قوشۇلىدىغان ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىڭلار ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرىڭلاردىن سىرت ھېيتلىرىڭلاردا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈپ سۇنۇڭلار›».