كۈنلۈك قۇربانلىق
28
1 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: 2 «سەن بەنى ئىسرائىلغا ئەمر قىلىپ: ‹قۇربانلىقلىرىمنى، يەنى ماڭا ئوزۇق بولىدىغان، ئوتتا كۆيدۈرۈلۈپ، مېنىڭ ئالدىمغا خۇش پۇراق كەلتۈرىدىغان قۇربانلىقلارنى بېكىتىلگەن ۋاقىتتا ماڭا سۇنۇشقا ئەھمىيەت بېرىڭلار› دېگىن. 3 سەن ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېگىن: ‹سىلەر پەرۋەردىگارغا سۇنىدىغان ئوتتا كۆيدۈرۈلىدىغان قۇربانلىق مۇنداق بولىدۇ: توختىماي ھەر كۈنى ئىككى ئەيىبسىز ئەركەك قوزىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىسىلەر. 4 بىر قوزىنى ئەتىگەندە، يەنە بىر قوزىنى ئاخشام ۋاقتىدا سۇنۇڭلار. 5 بۇنىڭغا قوشۇپ يەنە تۆتتىن بىر ھىن ساپ زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان ئوندىن بىر ئېفا ئېسىل ئۇننى ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنغىن. 6 بۇ سىناي تېغىدا بېكىتىلگىنى بويىچە، ھەر كۈن سۇنۇلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولۇپ، پەرۋەردىگارغا ئاتالغان، ئوتتا كۆيدۈرۈلۈپ خۇش پۇراق كەلتۈرىدىغان قۇربانلىقتۇر. 7 ھەربىر قوزىغا تۆتتىن بىر ھىن شاراب ئىچىملىك ھەدىسيەسى قوشۇپ سۇنۇلسۇن. پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بۇ شارابتىن بولغان ئىچىملىك ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ ئىچىدە قۇيۇلسۇن. 8 ئەتىگەن ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە ئۇنىڭغا قوشۇلغان ئىچىملىك ھەدىيەسىنى سۇنغىنىڭدەك، سەن ئىككىنچى قوزىنى ئاخشام ۋاقتىدا ئوتتا كۆيدۈرۈلىدىغان، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا خۇش پۇراق كەلتۈرىدىغان قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنغىن.
شابات كۈنى سۇنىدىغان قۇربانلىقلار
9 لېكىن شابات كۈنى سەن بىر ياشلىق ئىككى ئەيىبسىز ئەركەك قوزىنى كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭغا يەنە ئاشلىق ھەسدىيەسى سۈپىتىدە ياغ ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇندىن بىر ئېفانىڭ بەشتىن بىرىنى، ئىچىملىك ھەدىيەسى بىلەن بىللە قوشۇپ سۇنغىن. 10 بۇ كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئۇنىڭغا قوشۇلىدىغان ئىچىملىك ھەدىيەسىدىن باشقا ھەر شابات كۈنىدە سۇنۇلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقتۇر.
ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى سۇنىدىغان قۇربانلىقلار
11 يېڭى ئايلىرىڭلارنىڭ بېشىدا ئىككى تورپاق، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق يەتتە ئەيىبسىز ئەركەك قوزىنى كەلتۈرۈپ، پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنۇڭلار. 12 ھەر تورپاققا ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە ياغ ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇندىن بىر ئېفانىڭ ئوندىن ئۈچىنى، قوچقارغا ياغ ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇندىن بىر ئېفانىڭ ئوندىن ئىككىسىنى ۋە 13 ھەر قوزىغا ياغ ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇندىن بىر ئېفانىڭ ئوندىن بىرىنى قوشۇپ سۇنۇڭلار، بۇ خۇش پۇراق كەلتۈرىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولۇپ، پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئوتتا كۆيدۈرۈلىدىغان قۇربانلىقتۇر. 14 بۇلارغا قوشۇلىدىغان ئىچىملىك ھەدىيەسى سۈپىتىدە ھەربىر تورپاققا يېرىم ھىن شاراب، قوچقار ئۈچۈن تۆتتىن بىر ھىن شاراب ۋە ھەربىر قوزىغا تۆتتىن بىر ھىن شاراب قوشۇپ سۇنۇڭلار. مانا بۇ، يىل ئىچىدىكى ھەر ئاينىڭ بېشىدا سۇنۇلىدىغان ئايلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىقىدۇر. 15 كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئۇنىڭغا قوشۇلىدىغان ئىچىملىك ھەدىيەسىدىن باشقا سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا بىر تېكىنى گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇنۇڭلار.
ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قۇربانلىقى ۋە پېتىر نان
16 بىرىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزۈلىدۇ. 17 بۇ ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنى ھېيت ئۆتكۈزۈلىدۇ. يەتتە كۈنگىچە پېتىر نان يېيىلىدۇ. 18 بىرىنچى كۈنى بىر مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۇ كۈندە ھېچبىر ئىش قىلماڭلار.
19 پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا كۆيدۈرۈلىدىغان قۇربانلىق بولسۇن دەپ ئىككى تورپاق، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق يەتتە ئەركەك قوزىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنۇڭلار. ئۇلار ئەيىبسىز بولسۇن. 20 بۇلارغا قوشۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن ياغ ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن كەلتۈرۈپ، بۇ ئۇندىن ھەربىر تورپاققا بىر ئېفانىڭ ئوندىن ئۈچىچىلىك ۋە قوچقارغا بىر ئېفانىڭ ئوندىن ئىككىسىچىلىك قوشۇپ، 21 يەتتە قوزىنىڭ ھەربىرىگە ئوندىن بىر ئېفا ئېسىل ئۇننى قوشۇپ سۇنۇڭلار. 22 بۇنىڭدىن باشقا، سىلەر ئۈچۈن كەفارەت كەلتۈرۈشكە بىر تېكىنى گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇنۇڭلار. 23 بۇلارنى ئەتىگىنى سۇنۇلىدىغان كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىقتىن ئايرىم سۇنۇڭلار. 24 بۇ تەرىقىدە يەتتە كۈن داۋامىدا ھەر كۈن ئوتتا كۆيدۈرۈلىدىغان، پەرۋەردىگارغا سۇنۇلغان ئوزۇق بولغان، خۇش پۇراق كەلتۈرىدىغان ھەدىيە-قۇربانلىقلارنى سۇنۇڭلار. بۇنى كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلق ۋە ئۇنىڭغا قوشۇلىدىغان ئىچىملىك ھەدىيەسىدىن ئايرىم سۇنۇڭلار. 25 يەتتىنچى كۈنى بىر مۇقەددەس يىغىلىش ئۈچۈن جەم بولۇڭلار. ئۇ كۈندە ھېچبىر ئىش قىلماڭلار.
يېڭى ھوسۇلنىڭ ھەدىيەلىرى
26 سىلەر ھەپتىلەر ھېيتىڭلاردا دەسلەپكى ھوسۇل كۈنى پەرۋەردىگار ئۈچۈن يېڭى ئاشلىق ھەدىيەڭلارنى كەلتۈرگىنىڭلاردا، بىر مۇقەددەس يىغىلىش ئۈچۈن جەم بولۇڭلار. ئۇ كۈندە ھېچقانداق ئىش قىلماڭلار. 27 سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا خۇش پۇراق كەلتۈرىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە ئىككى تورپاق، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق يەتتە ئەركەك قوزا سۇنۇڭلار. 28 ياغ ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇندىن بولغان ئاشلىق ھەدىيەسىنىمۇ بۇنىڭغا قوشۇپ سۇنۇڭلار: تورپاقنىڭ ھەربىرىگە ئۇندىن بىر ئېفانىڭ ئوندىن ئۈچىنى، قوچقارغا بىر ئېفانىڭ ئوندىن ئىككىسىنى ۋە 29 يەتتە قوزىنىڭ ھەربىرىگە ئېسىل ئۇندىن بىر ئېفانىڭ ئوندىن بىرىنى قوشۇپ سۇنۇڭلار. 30 سىلەر ئۈچۈن كەفارەت كەلتۈرۈشكە بىر تېكە سۇنۇڭلار. 31 كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىققا قوشۇپ ئاشلىق ھەدىيەسىدىن باشقا ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنىمۇ بىللە سۇنۇڭلار. ھايۋانلار بولسا ئەيىبسىز بولسۇن.