2
‏1 ئاندىن كېيىن بىز بۇرۇلۇپ، پەرۋەردىگار ماڭا بۇيرۇغىنى بويىچە قىزىل دېڭىز يولى بىلەن چۆل-باياۋانغا كېلىپ، ئۇزۇن ۋاقىتقىچە سېئىر تاغلىقىنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈردۇق. ‏2 شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ماڭا سۆزلەپ: ‏3 ‹سىلەر بۇ تاغنىڭ ئەتراپىدا يېتەرلىك ۋاقىت ئايلىنىپ يۈردۈڭلار. ئەمدى شىمال تەرەپكە بۇرۇلۇڭلار. ‏4 سەن خەلققە بۇيرۇپ: «ئەمدى سىلەر سېئىردا ئولتۇرۇشلۇق قېرىنداشلىرىڭلار ئەساۋ قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ئۆتىسىلەر. ئۆتكىنىڭلاردا ئۇلار سىلەردىن قورقىدۇ، ئەمما سىلەر ئېھتىيات قىلىپ، ‏5 ئۇلارغا ھۇجۇم قىلماڭلار، چۈنكى سېئىر تاغلىقلىرىنى ئەساۋغا مىراس قىلىپ بەردىم. شۇڭا ئۇلارنىڭ زېمىنىدىن سىلەرگە ھەتتا پۇت قويغۇدەك جايمۇ بەرمەيمەن. ‏6 يەيدىغان ئوزۇقۇڭلارنى ئۇلاردىن پۇلغا ئېلىڭلار، ئىچىدىغان سۈيۈڭلارنىمۇ ئۇلاردىن پۇلغا ئېلىڭلار. ‏7 مانا، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ قول سالغان ھەر ئىشىڭغا بەرىكەت بېرىپ، بۇ چوڭ باياۋاندا قىلغان سەپىرىڭ داۋامىدا سەندىن خەۋەر ئېلىپ كەلدى. بۇ قىرىق يىل پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سەن بىلەن بىللە بولغاچقا، ھېچنېمەڭ كەم بولمىدى» دەپ ئېيتقىن› دېدى.
‏8 شۇنىڭ ئۈچۈن بىز سېئىردا ئولتۇرۇشلۇق قېرىنداشلىرىمىز ئەساۋ قەبىلىسىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ بۇرۇلۇپ، تۈزلەڭلىك يولى بىلەن مېڭىپ، ئېلات ۋە ئەسيون-گېبەردىن ئۆتۈپ، ئاندىن بۇرۇلۇپ موئاب چۆلىنىڭ يولىغا چۈشۈپ ماڭدۇق. ‏9 پەرۋەردىگار ماڭا: ‹سەن موئابقا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلار بىلەن جەڭ قىلمىغىن، چۈنكى مەن ئار زېمىنىنى لوتنىڭ ئەۋلادلىرىغا مىراس قىلىپ بەردىم. شۇڭا ئۇلارنىڭ زېمىنىدىن ساڭا ھېچ مىراس بەرمەيمەن› دېدى.
 
‏10 ئىلگىرى ئۇ زېمىندا ئېمىيلار تۇراتتى. ئۇلار ئاناقىيلارغا ئوخشاش سانى كۆپ، بويى ئېگىز كۈچلۈك بىر خەلق ئىدى. ‏11 ئاناقىيلارغا ئوخشاش ئۇلارمۇ رېفائىيلارنىڭ قاتارىدا ھېسابلاندى. موئابىيلار ئۇلارنى ئېمىيلار دەپ ئاتىدى.    ‏12 قەدىمكى زاماندا سېئىردا، خورىيلار دېگەن بىر خەلق تۇراتتى. لېكىن خۇددى بەنى ئىسرائىل پەرۋەردىگار ئۇلارغا بەرگەن زېمىننى ئىگىلىۋالغاندەك، ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ خورىيلارنى ھەيدەپ چىقىرىپ، ئۇلارنى كۆز ئالدىدىن يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ زېمىنىدا ئولتۇراقلاشقانىدى.
 
‏13 پەرۋەردىگار: ‹ئەمدى قوزغىلىپ، زارەد جىلغىسىدىن ئۆتۈڭلار› دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىز زارەد جىلغىسىدىن ئۆتتۇق. ‏14 قادەش-بارنېئادىن چىقىپ، زارەد جىلغىسىدىن ئۆتۈپ بولغۇچە ئوتتۇز سەككىز يىل ئۆتۈپ كەتتى. بۇ ۋاقىت ئىچىدە پەرۋەردىگار ئۇلارغا قەسەم قىلغاندەك، بارگاھتىكى بۇ نەسىلنىڭ جەڭچىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ كەتتى. ‏15 ئۇلار ئۆلۈپ تۈگەپ بولمىغۇچە، پەرۋەردىگارنىڭ قولى بارگاھتا ئۇلارنى يوقىتىشتىن توختىمىغانىدى.
 
‏16 خەلقنىڭ ئىچىدىكى جەڭچىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ تۈگىگەندىن كېيىن، ‏17 پەرۋەردىگار ماڭا سۆز قىلىپ:
‏18 ‹بۈگۈن سەن موئابنىڭ چېگرىسىدىكى ئار شەھىرىدىن ئۆتكىن. ‏19 شۇنىڭ بىلەن ئاممونىيلارغا يېقىن كېلىسەن، ئەمما ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلار بىلەن جەڭ قىلمىغىن، چۈنكى مەن ئاممونىيلارنىڭ زېمىنىنى لوتنىڭ ئەۋلادلىرىغا مىراس قىلىپ بەردىم. شۇڭا ئۇنىڭدىن ھېچنېمىنى ساڭا مىراس قىلىپ بەرمەيمەن› دېدى.
 
‏20 — قەدىمكى زاماندا رېفائىيلار ئۇ يەردە تۇرغاچقا، بۇ زېمىنمۇ رېفائىيلارنىڭ زېمىنى بولۇپ ھېسابلىناتتى. ئاممونىيلار ئۇلارنى زامزۇممىيلار دەپ ئاتايتتى. ‏21 ئۇلار ئاناقىيلارغا ئوخشاش سانى كۆپ، بويى ئېگىز، كۈچلۈك بىر خەلق ئىدى. لېكىن پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئاممونىيلارنىڭ ئالدىدا ۋەيران قىلغاچقا، ئاممونىيلار ئۇلارنى ھەيدەپ چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ زېمىنىدا ئولتۇراقلاشتى. ‏22 شۇنىڭغا ئوخشاش پەرۋەردىگار سېئىردا تۇرغان ئەساۋ قەبىلىسى ئۈچۈنمۇ ئوخشاش ئىش قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا خورىيلارنى ۋەيران قىلىپ تاشلىدى. ئەساۋ قەبىلىسى ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىۋېلىپ، بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۇ يەردە ياشاپ كەلمەكتە. ‏23 شۇنىڭدەك گازا شەھىرىگىچە سوزۇلغان كەنتلەردە ياشىغان ئاۋۋىيلارنى كافتورىيلار ۋەيران قىلدى. ئۇلار كافتور ئارىلىدىن چىقىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ زېمىنىدا ئولتۇراقلاشتى. —   
 
‏24 پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دېدى: ‹ئەمدى قوزغىلىپ، ئارنون جىلغىسىدىن ئۆتۈڭلار. مانا، مەن خەشبوننىڭ پادىشاھى ئامورىيلاردىن بولغان سىخون ۋە ئۇنىڭ زېمىنىنى قولۇڭغا تاپشۇرۇپ بەردىم. ئىشنى باشلاڭلار، زېمىنىنى ئىگىلەشكە، ئۇنىڭ بىلەن جەڭ قىلىشقا چىقىڭلار. ‏25 بۈگۈندىن باشلاپ مەن ئاسماننىڭ ئاستىدىكى ھەممە خەلقلەرنىڭ ئۈستىگە سىلەرنىڭ دەھشىتىڭلارنى ۋە ۋەھىمەڭلارنى سالىمەن. شۇنداقكى، ئۇلار سىلەر توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىسا، سىلەردىن قورقۇپ تىترىشىدۇ› دېدى پەرۋەردىگار.
‏26 شۇ چاغدا مەن قادېموت چۆلىدىن خەشبون پادىشاھى سىخونغا ئەلچىلەر ئەۋەتىپ، تىنچلىق سالىمى يوللاپ: ‏27 ‹زېمىنىڭدىن ئۆتۈپ كېتىشكە ماڭا ئىجازەت بەرگىن. مەن ئۇدۇل چوڭ يول بىلەن مېڭىپ، نە ئوڭغا، نە سولغا بۇرۇلمايمەن. ‏28 يەيدىغان ئوزۇقۇمنى ماڭا پۇلغا سېتىپ بەرگىن، ئىچىدىغان سۈيۈمنىمۇ ماڭا پۇلغا سېتىپ بەرگىن. پەقەتلا پىيادە مېڭىپ ئۆتمەكچىمەن. ‏29 سېئىردا ئولتۇرۇشلۇق ئەساۋ قەبىلىسى ۋە ئاردا ئولتۇرۇشلۇق موئابىيلار ماڭا شۇنداق ئىجازەت بەردى. مەن بولسام، ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزگە بېرىدىغان زېمىنغا كىرمەكچىمەن› دېدىم.
‏30 لېكىن خەشبون پادىشاھى سىخون بىزنىڭ ئۆز زېمىنىدىن ئۆتۈشىمىزگە يول قويمىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۇنىڭ روھىنى قاتۇرۇپ، ئۇنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرۇش ئۈچۈن كۆڭلىنى قاتتىق قىلدى. بۈگۈنكى ئەھۋال دەرۋەقە شۇنداق. ‏31 پەرۋەردىگار ماڭا: ‹مانا، مەن ئەمدى سىخون ۋە ئۇنىڭ زېمىنىنى قولۇڭغا تاپشۇرۇپ بېرىشكە باشلىدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىۋېلىشكە باشلىغىن› دېدى. ‏32 سىخون ھەممە خەلقىنى ئېلىپ، بىزگە قارشى جەڭ قىلىشقا ياھازغا كەلدى. ‏33 لېكىن پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئۇنى قولىمىزغا تاپشۇرۇپ بەرگەچكە، بىز ئۇنى ۋە ئوغۇللىرىنى ۋە ھەممە خەلقىنى مەغلۇپ قىلدۇق. ‏34 بىز ئۇنىڭ پۈتۈن شەھەرلىرىنى ئېلىپ، ھەممە شەھەرلىرىدىكى ئەر-ئايال ۋە بالىلارنى تەلتۆكۈس يوقىتىپ، ھېچكىمنى تىرىك قالدۇرماي، ‏35 پەقەت چارۋا مال ۋە بىز ئىگىلىۋالغان شەھەرلەردىكى مال-مۈلكنى ئۆزىمىز ئۈچۈن ئولجا ئالدۇق. ‏36 شۇنداقكى، ئارنون دەرياسىنىڭ بويىدىكى ئاروئەردىن ۋە ئارنون جىلغىسىدىكى شەھەردىن تارتىپ گىلېئادقىچە بىزگە قارشى تۇرالايدىغان شەھەر تېپىلمىدى. پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ھەممىسىنى قولىمىزغا تاپشۇرۇپ بەردى. ‏37 پەقەتلا ئاممونىيلارنىڭ زېمىنىغا، يەنى ياببوق ۋادىسىغا ۋە تاغلاردىكى شەھەرلەرگە ياكى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزگە مەنئى قىلغان ھېچقايسى يەرگە يېقىن كەلمىدىڭلار.