3
1 ئاندىن بىز بۇرۇلۇپ مېڭىپ باشانغا قاراپ يول ئالدۇق. ئەمما باشاننىڭ پادىشاھى ئوگ ھەممە خەلقىنى ئېلىپ چىقىپ، بىزگە قارشى جەڭ قىلىشقا ئەدرەيگە كەلدى. 2 ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا: ‹سەن ئۇنىڭدىن ھېچ قورقمىغىن، چۈنكى مەن ئۇنى ھەممە خەلقى ۋە زېمىنى بىلەن قوشۇپ سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرۇپ بەردىم. سەن خەشبوندا تۇرۇشلۇق ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىخونغا قىلغىنىڭنى ئۇنىڭغىمۇ قىلىسەن› دېدى. 3 دېگىنىدەك پەرۋەردىگار خۇدايىمىز باشاننىڭ پادىشاھى ئوگنى ھەممە خەلقى بىلەن قوشۇپ قولىمىزغا تاپشۇرۇپ بەرگىنىدە، بىز ئۇلارنىڭ بىرىنىمۇ قويماي قىرىپ تاشلىدۇق، 4 ئۇنىڭ ھەممە شەھەرلىرىنىمۇ ئالدۇق. ئۇلاردىن ئالمىغان بىرمۇ شەھەر قالمىدى. بۇ تەرىقىدە بىز ئاتمىش شەھەر ئېلىپ، باشاندىكى ئوگنىڭ پادىشاھلىقى بولغان ئارگوب زېمىنىنىڭ ھەممىسىنى ئىگىلىۋالدۇق. 5 بۇ شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى ئېگىز سېپىللار ۋە تاقاقلىق دەرۋازىلار بىلەن مۇستەھكەملەنگەنىدى. بۇنىڭدىن باشقا، سېپىلسىز ئىنتايىن كۆپ يېزىلارمۇ بار ئىدى. 6 بىز ئۇلارنى يوقاتتۇق، خۇددى خەشبوننىڭ پادىشاھى سىخونغا قىلغىنىمىزدەك، ھەممە شەھەرلەردىكى ئەرلەر، ئاياللار ۋە بالىلارنى تەلتۆكۈس يوقاتتۇق. 7 ئەمما ھەممە چارۋا مال ۋە بىز ئىگىلىۋالغان شەھەرلەردىكى مال-مۈلۈكنى ئۆزىمىز ئۈچۈن ئولجا قىلىپ ئالدۇق. 8 بۇ تەرىقىدە بىز ئارنون جىلغىسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ئامورىيلارنىڭ ئىككىلا پادىشاھىنىڭ قولىدىن، ئارنون جىلغىسىدىن تارتىپ خەرمون تېغىغىچە بولغان زېمىنىنى تارتىۋالدۇق. 9 خەرمون تېغىغا سىدونلۇقلار سىريون، ئامورىيلار بولسا سېنىر دەپ ئات قويغانىدى. 10 بىز تۈزلەڭلىكتىكى ھەممە شەھەرلەرنى، پۈتۈن گىلېئاد ۋە باشاننى، تاكى سالكا ۋە ئەدرەيگىچە باشاندىكى ئوگنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ شەھەرلىرىنى ئىگىلىۋالدۇق. 11 رېفائىيلارنىڭ نەسلىدىن پەقەتلا باشاننىڭ پادىشاھى ئوگ قالغانىدى. ئۇنىڭ ياتقان ئورنى تۆمۈردىن ياسالغان كارىۋات بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى ئادەم گېزىدە توققۇز گەز، كەڭلىكى تۆت گەز ئىدى. ئۇ كارىۋات بەنى ئامموننىڭ راببا دېگەن شەھىرىدە ھازىرمۇ بار. ■
12 بىز مەزكۇر زېمىننى ئىگىلىۋالغاندىن كېيىن، مەن ئارنون جىلغىسىنىڭ يېنىدىكى ئاروئەر ۋە گىلېئادنىڭ تاغلىق زېمىنىنىڭ يېرىمىنى، شەھەرلىرى بىلەن قوشۇپ رۇبەن ۋە گاد قەبىلىلىرىگە تەقدىم قىلدىم. 13 ئاندىن گىلېئادنىڭ قالغان قىسمى ۋە ئوگنىڭ پادىشاھلىقى بولغان پۈتۈن باشاننى مەن ماناسسەنىڭ يېرىم قەبىلىسىگە تەقدىم قىلدىم. پۈتۈن ئارگوب زېمىنى ۋە پۈتۈن باشان، رېفائىيلارنىڭ زېمىنى دەپ ئاتىلاتتى. 14 ماناسسەنىڭ ئوغلى يائىر گەشۇرىيلار ۋە مائاكايلارنىڭ چېگرىلىرىغىچە پۈتۈن ئارگوب زېمىنىنى ئېلىپ، باشاننى ئۆز ئىسمى بىلەن يائىر كەنتلىرى دەپ ئاتىدى. باشان زېمىنى بۈگۈنكى كۈنگىچە شۇنداق دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. 15 گىلېئادنى بولسا ماكىرغا تەقدىم قىلدىم.
16 رۇبەن ۋە گاد قەبىلىلىرىگە مەن گىلېئادنىڭ زېمىنىدىن ئارنون دەرياسىغىچە، ۋادىنىڭ ئوتتۇرىسىنى چېگرا قىلىپ، تاكى بەنى ئامموننىڭ چېگرىسى بولغان ياببوق دەرياسىغىچە بولغان زېمىننى تەقدىم قىلدىم. 17 بۇنىڭدىن باشقا، كىننەرەت كۆلىدىن تارتىپ شەرق تەرەپتىكى پىسگا تاغلىقىنىڭ ئېتىكىدىكى ئارابا دېڭىزى، يەنى شور دېڭىزغىچە سوزۇلغان ئارابا تۈزلەڭلىكىنى، چېگرا بولغان ئىئوردان دەرياسىنى قوشۇپ، ئۇلارغا تەقدىم قىلدىم.
18 شۇ چاغدا مەن سىلەرگە: ‹خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ئۈچۈن سىلەرگە بۇ زېمىننى بەردى، سىلەر، يەنى ئاراڭلاردىكى جەڭگە لايىق بولغانلار، قوراللىنىپ قېرىنداشلىرىڭلار بەنى ئىسرائىلنىڭ ئالدىدا دەريادىن ئۆتۈڭلار. 19 پەقەت ئاياللىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلار ۋە كۆپ بولغان چارۋا ماللىرىڭلار مەن سىلەرگە بەرگەن شەھەرلەردە قالسۇن. 20 تاكى پەرۋەردىگار سىلەرگە ئارام بەرگەندەك، قېرىنداشلىرىڭلارغىمۇ ئارام بەرگۈچە ۋە ئۇلار خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئۇلارغا بېرىدىغان ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى زېمىننى ئىگىلىۋالغۇچە، بۇ يەردە تۇرۇپ تۇرسۇن. ئاندىن كېيىن مەن سىلەرگە تەقسىم قىلغان زېمىنىڭلارغا قايتىسىلەر. ھەربىرىڭلار ئۆز زېمىنىڭلارغا قايتىڭلار› دەپ بۇيرۇدىم. 21 ئاينى چاغدا مەن يەشۇئاغا: ‹سەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار بۇ ئىككى پادىشاھقا قىلغىنىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز كۆزلىرىڭ بىلەن كۆردۈڭ. سەن قەيەرگە بارساڭ، پەرۋەردىگار ئۇ يەردىكى پادىشاھلىقلارنىڭ ھەممىسىگە شۇنداق قىلىدۇ. 22 ئۇلاردىن ھېچ قورقماڭلار، چۈنكى خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار سىلەر ئۈچۈن جەڭ قىلىدۇ› دەپ بۇيرۇدۇم.
23 ئۇ چاغدا مەن پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ: 24 ‹ئەي رەببىم پەرۋەردىگار، سەن ئۆز خىزمەتكارىڭغا ئۇلۇغلۇقۇڭ ۋە قۇدرەتلىك قولۇڭنى كۆرسەتتىڭ. چۈنكى ئاسماندا ۋە يەردە سېنىڭ قىلغان ئۇلۇغ ئىشلىرىڭنى قىلالايدىغان ئىلاھ بارمۇ؟ 25 ئەمدى ماڭا ئۇ تەرەپكە ئۆتۈپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ يېنىدىكى ياخشى زېمىننى، ئۇ ياخشى تاغلىق زېمىننى ۋە لىۋاننى كۆرۈشنى نېسىپ قىلغايسەن› دەپ ئۆتۈندۈم. 26 لېكىن پەرۋەردىگار سىلەر ئۈچۈن ماڭا غەزەپلەنگەچكە، ماڭا قۇلاق سالماي، بەلكى ماڭا: ‹ئەمدى بولدى! بۇ ئىش توغرىسىدا ماڭا يەنە سۆز قىلمىغىن. 27 سەن پىسگانىڭ چوققىسىغا چىقىپ، غەرب، شىمال، جەنۇب ۋە شەرق تەرەپلەرگە نەزەر سالغىن، چۈنكى سەن بۇ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتمەيسەن. 28 ئەمما يەشۇئانى ۋەزىپىگە تەيىنلىگىن، ئۇنى قەيسەر ۋە جۈرئەتلىك بولۇشقا رىغبەتلەندۈرگىن. چۈنكى ئۇ بۇ خەلقنىڭ ئالدىدا دەريادىن ئۆتىدۇ ۋە ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇلار سەن كۆرىدىغان زېمىننى مىراس قىلىپ ئىگىلەيدۇ› دېدى.
29 شۇنىڭ بىلەن بىز بەيت-پېئورنىڭ ئۇدۇلىدىكى ۋادىدا تۇرۇپ قالدۇق.