يەشۇئا
خۇدا كەنئان زېمىنىنى ئىگىلەشنى بۇيرۇيدۇ
1
1 پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا ۋاپات بولغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار مۇسانىڭ خىزمەتكارى بولغان نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئاغا مۇنداق دېدى: 2 «مېنىڭ خىزمەتكارىم مۇسا ۋاپات بولدى. ئەمدى سەن قوزغىلىپ، بۇ خەلقنىڭ ھەممىسىنى باشلاپ، ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، مەن ئۇلارغا، يەنى بەنى ئىسرائىلغا ۋەدە قىلغان زېمىنغا كىرگىن. 3 مەن مۇساغا ئېيتقاندەك، پۇتۇڭلار قەيەرگە دەسسىسە، شۇ جاينى سىلەرگە بېرىمەن. 4 سىلەرنىڭ زېمىنىڭلار چۆلدىن تارتىپ لىۋانغىچە، ئۇلۇغ دەريا، يەنى فىرات دەرياسىدىن تارتىپ، ھېتىتلارنىڭ زېمىنىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، كۈن پېتىش تەرەپتىكى ئۇلۇغ دېڭىزغىچە يېتىپ بارىدۇ. ■ 5 سېنىڭ ھاياتىڭدىكى بارلىق كۈنلەردە ھېچكىم ساڭا قارشى تۇرالمايدۇ. مەن مۇسا بىلەن بىللە بولغاندەك، سەن بىلەن بىللە بولۇپ، سەندىن ئايرىلمايمەن، سېنى ھەرگىز تاشلاپ كەتمەيمەن. 6 سەن قەيسەر ۋە جۈرئەتلىك بولغىن، چۈنكى سېنىڭ يېتەكچىلىكىڭدە بۇ خەلق مەن ئاتا-بوۋىلىرىغا بېرىشكە قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغان زېمىننى مىراس قىلىپ ئىگىلەيدۇ. 7 شۇنىڭ ئۈچۈن قەيسەر ۋە ئىنتايىن جۈرئەتلىك بولغىن. قايەرگە بارساڭ، ھەممە ئىشلىرىڭدا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشۇڭ ئۈچۈن مېنىڭ خىزمەتكارىم مۇسا ساڭا بۇيرۇپ بەرگەن پۈتۈن تەۋرات قانۇنىغا ئەستايىدىل ئەمەل قىلىپ، نە ئوڭغا، نە سولغا چەتنەپ كەتمىگىن. ■ 8 بۇ تەۋرات قانۇن كىتابىنى ئاغزىڭدىن چۈشمىسۇن، ئۇنىڭ ئىچىدە پۈتۈلگەننىڭ ھەممىسىگە ئەستايىدىل ئەمەل قىلاي دەپ، ئۇنى كېچە-كۈندۈز ئويلاپ تۇرغىن. شۇنداق قىلساڭ، يوللىرىڭ راۋان بولۇپ، روناق تاپىسەن. 9 مەن ساڭا: ‹قەيسەر ۋە جۈرئەتلىك بولغىن› دەپ بۇيرۇغان ئەمەسمۇ؟ قورقمىغىن، بوشىشىپ قالمىغىن، چۈنكى سەن قەيەرگە بارساڭ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سەن بىلەن بىللىدۇر».
10 شۇنىڭ بىلەن يەشۇئا خەلقنىڭ سەردارلىرىغا بۇيرۇق بېرىپ:
11 «سىلەر بارگاھتىن ئۆتۈپ، خەلققە: ‹ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ئوزۇق-تۈلۈك تەييارلاڭلار، چۈنكى ئۈچ كۈندىن كېيىن سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار سىلەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىشقا بېرىدىغان زېمىنغا، ئۇنى ئىگىلىۋېلىش ئۈچۈن كىرىسىلەر› دەپ بۇيرۇڭلار» دېدى.
12 يەشۇئا رۇبەن ۋە گاد قەبىلىلىرى ھەم ماناسسەنىڭ يېرىم قەبىلىسىگە مۇنداق دېدى:
13 «پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسانىڭ سىلەرگە: ‹خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار سىلەرگە ئاراملىق ئاتا قىلىپ، بۇ زېمىننى سىلەرگە بېرىدۇ› دەپ ئېيتقىنىنى ئەستە تۇتۇڭلار. 14 ئاياللىرىڭلار، بالا-چاقاڭلار ۋە چارۋا ماللىرىڭلار بولسا مۇسا سىلەرگە بەرگەن ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدە بولغان زېمىندا قالسۇن، لېكىن ئاراڭلاردىكى بارلىق باتۇر پالۋانلار ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، ئۇلارغا ياردەم بېرىڭلار. 15 تاكى پەرۋەردىگار قېرىنداشلىرىڭلارنىمۇ سىلەردەك ماكانلاشتۇرغۇچە، ئۇلار خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئۇلارغا بېرىدىغان زېمىننى ئىگىلىۋالغۇچە، سىلەر مەدەت قىلىپ تۇرۇڭلار. ئاندىن، پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا سىلەرگە بەرگەن ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى مىراس زېمىنىڭلارغا قايتىپ كىرىپ ئۇنى ئىگىلەڭلار».
16 ئۇلار يەشۇئاغا جاۋاب بېرىپ: «سەن نېمە بۇيرۇساڭ بىز شۇنى قىلىمىز، بىزنى قەيەرگە ئەۋەتسەڭ بىز شۇ يەرگە بارىمىز. 17 بىز مۇسانىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغىنىمىزدەك، ساڭىمۇ قۇلاق سالىمىز. پەرۋەردىگار خۇدايىڭ مۇسا بىلەن بىللە بولغاندەك، سەن بىلەن بىللە بولسۇن. 18 سېنىڭ ھۆكۈمۈڭگە قارشى چىقىپ، سەن بۇيرۇغانلارنىڭ ھەرقانداقىغا بويسۇنمايدىغان ھەر كىشى ئۆلتۈرۈلسۇن. سەن پەقەت قەيسەر ۋە جۈرئەتلىك بولغىن» دېدى.