ھاكىملار
يەھۇدا ئاۋۋال كەنائانلار بىلەن سوقۇشقىلى چىقىدۇ
1
‏1 يەشۇئا ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، بەنى ئىسرائىل پەرۋەردىگاردىن: «بىزدىن كىم كەنئانلارغا قارشى جەڭ قىلغىلى ئاۋۋال چىقسۇن؟» دەپ سورىدى. ‏2 پەرۋەردىگار: «يەھۇدا قېبىلىسى چىقسۇن. مانا، مەن يۇرتنى ئۇنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بېرىمەن» دېدى. ‏3 بۇ ۋاقىتتا يەھۇدانىڭ ئادەملىرى ئۆز قېرىندىشلىرى بولغان شىمون قەبىلىسىگە: «كەنئانلار بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن، سىلەر بىزگە قوشۇلۇپ تاشلانغان چەك بويىچە بىزگە تېگىدىغان زېمىنغا چىقساڭلار، بىزمۇ سىلەرگە تېگىدىغان زېمىنغا سىلەر بىلەن بىللە چىقىپ جەڭ قىلىمىز» دېدى. شۇنىڭ بىلەن شىمون قەبىلىسى ئۇلار بىلەن بىللە چىقتى.
‏4 يەھۇدا ئۇ يەرگە چىققاندا پەرۋەردىگار كەنئانلار ۋە پەرىززىيلەرنى ئۇلارنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. ئۇلار بېزەك دېگەن جايدا ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ، ئون مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى. ‏5 چۈنكى ئۇلار بېزەكتە ئادونى-بېزەككە ئۇچراپ، ئۇنىڭ بىلەن جەڭ قىلىپ، كەنئانلار ۋە پەرىززىيلەرنى مەغلۇپ قىلدى. ‏6 ئادونى-بېزەك قاچقاندا ئۇلار ئۇنى قوغلاپ تۇتۇپ، قول-پۇتلىرىنىڭ باش بارماقلىرىنى كېسىۋەتتى. ‏7 ئادونى-بېزەك: «مانا، قول-پۇتلىرىنىڭ باش بارماقلىرى كېسىكلىك يەتمىش پادىشاھ داستىخىنىمنىڭ ئاستىدا ئۇۋاقلارنى تېرىپ يېگەنىدى. ئەمدى خۇدا قىلغانلىرىمنى ئۆزۈمگە ياندۇردى» دېدى. ئاندىن كېيىن ئۇلار ئۇنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى. ئۇ يەردە ئۇ ئۆلدى.
‏8 يەھۇدا قەبىلىسى بولسا يېرۇسالېمنى قورشىۋېلىپ ئىشغال قىلىپ، شەھەردىكىلەرنى قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈپ، شەھەرگە ئوت قويۇۋەتتى. ‏9 ئاندىن يەھۇدا قەبىلىسى تاغلىقلاردا، جەنۇبىي زېمىندا ۋە غەربىي ئويمانلىقتا تۇرۇۋاتقان خەلق بىلەن جەڭ قىلغىلى چىقتى.
‏10 ئاندىن كېيىن يەھۇدا ئىلگىرى قىريات-ئاربا دەپ ئاتالغان خېبروندا تۇرغان كەنئانلارغا قارشى يۈرۈش قىلىپ، شېشاي، ئاخىمان ۋە تالماي دېگەنلەرنى ئۆلتۈردى. ‏11 ئاندىن ئۇلار ئۇ يەردىن چىقىپ، دېبىر خەلقىگە قارشى ئاتلاندى. دېبىر قەدىمكى زاماندا قىريات-سېفەر دەپ ئاتىلاتتى. ‏12 كالەب بولسا: «كىمكى قىريات-سېفەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئالسا، ئۇنىڭغا قىزىم ئاكسانى خوتۇنلۇققا بېرىمەن» دېدى. ‏13 كالەبنىڭ ئۇكىسى قېنازنىڭ ئوغلى ئوتنىئەل شەھەرنى ئالدى. كالەب ئۇنىڭغا قىزى ئاكسانى خوتۇنلۇققا بەردى. ‏14 ئۇ ئېرىنىڭ قېشىغا بارغاندا، ئۇنىڭدىن ئۆز ئاتىسىدىن بىر پارچە يەر سورىشىنى تەلەپ قىلدى. قىز ئېشەكتىن چۈشكىنىدە، كالەب ئۇنىڭدىن: «بىرەر تەلىپىڭ بارمۇ؟» دەپ سورىدى. ‏15 ئۇ جاۋاب بېرىپ: «سەن ماڭا جەنۇب تەرەپتىكى قۇرۇق يەرنى بەرگەن ئىكەنسەن. سۇ بۇلاقلىرىنىمۇ قوشۇپ بەرگىن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن كالەب ئۇنىڭغا يۇقىرىدىكى ۋە تۆۋەندىكى بۇلاقلارنى بەردى.
‏16 مۇسانىڭ قېيناتىسىنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان قېنىيلار بولسا يەھۇدا قەبىلىسىگە قوشۇلۇپ، ‹خورمىلىق شەھەر›دىن چىقىپ ئارادنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى يەھۇدا چۆلىگە بېرىپ، ئۇ يەردىكى خەلق ئارىسىدا ئولتۇراقلاشتى.
‏17 يەھۇدا قەبىلىسى قېرىنداشلىرى بولغان شىمون قەبىلىسى بىلەن بىللە بېرىپ، زەفات شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق كەنئانلارنى مەغلۇپ قىلىپ، شەھەرنى تەلتۆكۈس ۋەيران قىلدى. ئۇلار ئۇ شەھەرگە خورماھ دەپ ئىسىم قويدى. ‏18 ئاندىن كېيىن يەھۇدا قەبىلىسى گازا، ئاشقېلون ۋە ئەقروننى، بۇلارغا تەۋە زېمىنلار بىلەن بىللە ئىگىلىۋالدى. ‏19 پەرۋەردىگار يەھۇدا بىلەن بىللە بولغاچقا، ئۇلار تاغلىق زېمىننى ئىشغال قىلىۋالدى. لېكىن ئۇلار پەستىكى زېمىندا ياشايدىغانلارنى، ئۇلارنىڭ تۆمۈر جەڭ ھارۋىلىرى بولغاچقا، قوغلاپ چىقىرالماي قالدى. ‏20 ئۇلار مۇسانىڭ بۇيرۇغىنىدەك خېبروننى كالەبكە بەردى. كالەب ئاناقنىڭ ئۈچ ئوغلىنى ئۇ يەردىن قوغلىۋەتتى.
 
ھەيدىۋېتىلمىگەن كەنائانلار
‏21 لېكىن بەنيامىن قەبىلىسى يېرۇسالېمدا ئولتۇرۇشلۇق يەبۇسىيلارنى قوغلاپ چىقىرالمىدى. شۇڭا يەبۇسىيلار بەنيامىن قەبىلىسىگە قوشۇلۇپ، بۈگۈنكى كۈنگىچە يېرۇسالېمدا ياشاپ كەلمەكتە.
‏22 يۈسۈپ جەمەتى بەيتەلگە قارشى چىققاندا پەرۋەردىگار ئۇلار بىلەن بىللە ئىدى. ‏23 يۈسۈپ جەمەتى بەيتەلنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن چارلىغۇچىلار ئەۋەتتى. بەيتەلنىڭ ئىلگىرىكى ئىسمى لۇز ئىدى. ‏24 چارلىغۇچىلار بېرىپ، شەھەردىن چىقىپ كېلىۋاتقان بىر كىشىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا: «شەھەرگە كىرىدىغان يولنى بىزگە كۆرسىتىپ قويساڭ، بىز ساڭا شاپائەت كۆرسىتىمىز» دېدى. ‏25 ئۇ كىشى شەھەرنىڭ يولىنى ئۇلارغا كۆرسىتىپ بەردى. ئۇلار بېرىپ، شەھەردىكىلەرنى قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈردى، پەقەت ئۇ ئادەم بىلەن ئۇنىڭ پۈتۈن جەمەتىنىلا قويۇپ قويدى. ‏26 ئۇ ئادەم ھېتىتلارنىڭ زېمىنىغا بېرىپ، ئۇ يەردە بىر شەھەر قۇرۇپ، ئىسمىنى لۇز دەپ ئاتىدى. بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۇنىڭ ئىسمى شۇنداق دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.
‏27 ماناسسە قەبىلىسى بولسا بەيت-شېئان بىلەن ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزىلار ۋە تائاناك بىلەن ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزىلارنى ئىگىلىيەلمىدى. ئۇلار دور بىلەن ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزىلار ئاھالىسى، يىبلېئام بىلەن ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزىلار ئاھالىسى ۋە مەگىددو بىلەن ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزىلار ئاھالىسىنىمۇ قوغلاپ چىقىرالمىدى. كەنئانلار شۇ يەرلەردە تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇۋالغانىدى. ‏28 ئىسرائىللار بارغانسېرى كۈچ تاپسىمۇ، كەنئانلارنى پۈتۈنلەي قوغلاپ چىقىرىۋەتمىدى، بەلكى ئۇلارنى ھاشارغا تۇتتى.
‏29 ئەفرائىم قەبىلىسىمۇ گېزەردە ياشايدىغان كەنئانلارنى قوغلاپ چىقارمىدى. شۇڭا كەنئانلار گېزەردە ئۇلار بىلەن بىللە تۇرۇپ قالدى.
‏30 زەبۇلۇن قەبىلىسىمۇ قىترون ۋە ناھالال ئاھالىلىرىنى قوغلاپ چىقارمىغىنى ئۈچۈن كەنئانلار ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ قېلىپ، ھاشارغا تۇتۇلدى.
‏31 ئاشەر قەبىلىسىمۇ ئاككو خەلقى ۋە سىدون ئاھالىلىرىنى قوغلاپ چىقارمىدى، ئاخلاب، ئاكزىب، خەلبا، ئافېق ۋە رەخوب ئاھالىلىرىنىمۇ قوغلاپ چىقارمىدى. ‏32 شۇنىڭ ئۈچۈن ئاشەر قەبىلىسى شۇ يۇرتنىڭ كونا خەلقى بولغان كەنئانلارنىڭ ئارىسىدا تۇردى. چۈنكى ئاشەر قەبىلىسى ئۇلارنى قوغلاپ چىقارمىغانىدى.
‏33 نافتالى قەبىلىسى بولسا بەيت-شەمەش ۋە بەيت-ئانات ئاھالىلىرىنى قوغلاپ چىقارمىدى، بەلكى زېمىننىڭ ئەسلى ئاھالىسى بولغان كەنئانلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ قالدى. شۇنداق بولسىمۇ، بەيت-شەمەش ۋە بەيت-ئانات ئاھالىلىرىنى ھاشارغا تۇتۇلدى.
‏34 ئامورىيلار بولسا دان قەبىلىسىنى تاغللىقلارغا ھەيدىۋېتىپ، ئۇلارنىڭ پەسكە چۈشۈشىگە يول قويمىدى. ‏35 ئامورىيلار خېرەس تېغى، ئايالون ۋە شائالبىمدا تۇرۇپ قالدى. شۇنداق بولسىمۇ، يۈسۈپ جەمەتىنىڭ قولى ئۇلارنى بېسىپ ھاشارغا تۇتتى. ‏36 ئامورىيلارنىڭ چېگرىسى سېرىقئېشەك داۋىنىدىن باشلىنىپ، سېلادىن تارتىپ ئۈست تەرەپكە سوزۇلاتتى.