پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بەنى ئىسرائىلغا تەنبىھ بېرىدۇ
2
‏1 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى، گىلگالدىن بوكىمغا كېلىپ ئىسرائىل خەلقىگە مۇنداق دېدى: «مەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قەسەم قىلىپ بەرگەن زېمىنغا ئېلىپ كېلىپ: ‹مەن سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى ئەبەدكىچە سۇندۇرمايمەن.    ‏2 سىلەر بۇ زېمىندىكى ئاھالە بىلەن ئەھدە تۈزمەڭلار، بەلكى ئۇلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى بۇزۇۋېتىڭلار› دېگەنىدىم. لېكىن سىلەر مېنىڭ سۆزۈمگە قۇلاق سالمىدىڭلار. نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلدىڭلار؟ ‏3 بۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئەمدى ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردىن كەتكۈزۈۋەتمەيمەن. ئۇلار سىلەرنى ئېزىپ، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرى سىلەرگە بىر تۇزاق بولىدۇ» دېدى.
‏4 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بەنى ئىسرائىلغا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار ئۈن سېلىپ يىغلاپ كېتىشتى. ‏5 شۇڭا ئۇلار بۇ جايغا بوكىم دەپ ئات قويدى ۋە شۇ يەردە پەرۋەردىگارغا قۇربانلىقلارنى سۇندى.
 
يەشۇئادىن كېيىن ئىسرائىل بۇتلارغا چوقۇنۇشقا باشلايدۇ
‏6 يەشۇئا خەلقنى تارقىتىۋەتكەندىن كېيىن، بەنى ئىسرائىلنىڭ ھەربىرى ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان زېمىننى ئىگىلىۋېلىش ئۈچۈن ئۆز مىراس زېمىنىغا باردى. ‏7 خەلق يەشۇئانىڭ ھايات كۈنلىرىدە ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىل ئۈچۈن قىلغان ئۇلۇغ-كارامەت ئىشلىرىنى كۆرۈپ يەشۇئادىنمۇ كېيىن ھايات تۇرغان ئاقساقاللارنىڭ ھايات كۈنلىرىدىمۇ پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىپ تۇردى. ‏8 پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا بىر يۈز ئون يېشىدا ۋاپات بولدى. ‏9 ئۇلار ئۇنى گائاش تېغىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى ئەفرائىم تاغلىقلىرىنىڭ تىمنات-خېرەس دېگەن جايىدا، ئۆز مىراس زېمىنىدا دەپنە قىلدى.
‏10 بۇ نەسىلنىڭ ھەممىسى ئەجدادلىرىنىڭ قېشىغا كەتكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنى تونۇمايدىغان، ئىسرائىل ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىنىمۇ كۆرمىگەن بىر نەسىل پەيدا بولدى. ‏11 شۇنىڭدىن تارتىپ بەنى ئىسرائىل پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، بائال بۇتلىرىغا ئىبادەت قىلىشقا باشلىدى. ‏12 ئۇلار ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى بولۇپ ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگارنى تاشلاپ، ئەتراپىدىكى خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرىدىن بولغان يات ئىلاھلارغا ئەگىشىپ، بۇلارغا سەجدە قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈردى. ‏13 ئۇلار پەرۋەردىگارنى تاشلاپ، بائال ۋە ئاشتاروت بۇتلىرىغا ئىبادەت قىلىشقا باشلىدى. ‏14 شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئىسرائىلغا قوزغىلىپ، ئۇلارنى ۋەيران قىلسۇن دەپ، ئۇلارنى تالان-تاراج قىلغۇچىلارنىڭ قولىغا ۋە ئەتراپىدىكى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇردى. ئۇلار دۈشمەنلىرىنىڭ ئالدىدا ئىككىنچى باش كۆتۈرەلمىدى. ‏15 ئۇلار قەيەرگە بېرىپ جەڭگە چىقسا، پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ قەسىمىدە ئېيتقىنىدەك، پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئۇلارغا قارشى ئىشلەپ تۇرغاچقا، ئۇلار قاتتىق ئازاب-ئوقۇبەتكە دۇچار بولدى.
‏16 ئاندىن كېيىن پەرۋەردىگار ئۇلارنى تالان-تاراج قىلغۇچىلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدىغان ھاكىملارنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. ‏17 لېكىن ئۇلار ئۆز ھاكىملىرىنىڭ سۆزىگىمۇ قۇلاق سالمىدى، بەلكى زىناخورلاردەك ۋاپاسىزلىق قىلىپ، يات ئىلاھلارغا ئەگىشىپ، ئۇلارغا سەجدە قىلدى. ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئىتائەت قىلىپ ماڭغان يولىدىن تەزلا چىقىپ كېتىپ، ئاتا-بوۋىلىرىدەك ئىش قىلمىدى. ‏18 پەرۋەردىگار ئۇلار ئۈچۈن قاچان ھاكىملار ئوتتۇرىغا چىقارسا، پەرۋەردىگار شۇ ھاكىم بىلەن بىللە بولۇپ، ھاكىم ھايات بولغان بارلىق كۈنلەردە ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزاتتى. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئاھ ئۇرۇپ دۈشمەنلىرى ئۇلارغا سالغان زۇلۇملىرى سەۋەبىدىن قىلغان پەريادلىرىنى ئاڭلاپ ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتاتتى. ‏19 لېكىن ھاكىم ئۆلۈپ قالغان ھامان، ئۇلار ئارقىسىغا يېنىۋېلىپ، ئاتا-بوۋىلىرىدىنمۇ زىيادە يامانلىق قىلدى. ئۇلار يات ئىلاھلارنىڭ كەينىدىن مېڭىپ، ئۇلارغا ئىبادەت قىلىپ، ئۇلارغا سەجدە قىلىپ، بۇ قىلمىشلىرى ۋە جاھىللىقىدىن ۋاز كەچمەيتتى. ‏20 شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئىسرائىلغا قوزغالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ خەلق مەن ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا بۇيرۇغان ئەھدەمنى بۇزۇپ، ئاۋازىمغا قۇلاق سالمىغىنى ئۈچۈن ‏21 مەن يەشۇئا ئۆلگەندە بۇ يۇرتتا قېلىپ قالغان خەلقلەردىن بىر ئادەمنىمۇ قوغلاپ چىقارمايمەن. ‏22 مەن ئۇلار ئارقىلىق ئىسرائىل خەلقى ئۆز ئاتا-بوۋىلىرى قىلغاندەك پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا ماڭغۇسى بارمۇ يوقمۇ دەپ، ئىسرائىلنى سىناپ باقىمەن». ‏23 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار بۇ خەلقلەرنى تېزلا قوغلاپ چىقارمىدى. ئۇ ئۇلارنى يەشۇئانىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەرمىدى، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۇ يەردە تۇرۇپ قېلىشىغا يول قويدى.