رۇت
ئەلىمېلەك ۋە نائومى
1
‏1 ھاكىملار ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان كۈنلەردە زېمىندا ئاچارچىلىق يۈز بەردى. ئۇ چاغدا بىر ئادەم ئۆز ئايالى ۋە ئىككى ئوغلى بىلەن يەھۇدا زېمىنىدىكى بەيتلەھەمدىن چىقىپ، ۋاقتىنچە تۇرۇش ئۈچۈن موئابنىڭ زېمىنىغا باردى. ‏2 ئۇ ئادەمنىڭ ئىسمى ئەلىمېلەك، ئايالىنىڭ ئىسمى نائومى، ئىككى ئوغلىنىڭ ئىسىملىرى بولسا ماخلون ۋە كىليون ئىدى. ئۇلار بەيتلەھەمدە ئولتۇرۇشلۇق ئەفرات جەمەتىدىن ئىدى. ئۇلار موئابنىڭ زېمىنىغا كېلىپ، ئۇ يەردە ئولتۇراقلاشتى. ‏3 نائومى، ئېرى ئەلىمېلەك ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئىككى ئوغلى بىلەن يالغۇز قالدى. ‏4 ئۇلار موئابىيلاردىن ئۆزلىرىگە خوتۇن ئېلىشتى. بىرىنىڭ ئىسمى ئورپا ۋە يەنە بىرىنىڭ ئىسمى رۇت ئىدى. ‏5 ئۇلار ئۇ يەردە تەخمىنەن ئون يىل تۇرغاندىن كېيىن، ماخلون ۋە كىليون ھەر ئىككىسى ۋاپات بولدى. شۇنداق قىلىپ نائومى ئېرىدىن ۋە بالىلىرىدىن ئايرىلىپ يالغۇز قالدى.
 
نائومى كېلىنى رۇت بىلەن بەيتلەھەمگە قايتىپ كېلىدۇ
‏6 بۇ چاغدا ئۇ ئىككى كېلىنى بىلەن تەييارلىنىپ، موئاب زېمىنىدىن ئۆز يۇرتىغا قايتماقچى بولدى. چۈنكى ئۇ موئاب زېمىنىدا تۇرغاندا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقىنى يوقلاپ، ئۇلارغا ئاشلىق بەرگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدى. ‏7 ئۇ ئىككى كېلىنى بىلەن تۇرغان يېرىدىن قوزغىلىپ چىقتى. ئۇلار يەھۇدا زېمىنىغا قايتىش ئۈچۈن يولدا كېتىپ بارغاندا ‏8 نائومى ئىككى كېلىنىگە سۆزلەپ: «ھەر ئىككىڭلار ئۆز ئاناڭلارنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كېتىڭلار. سىلەر مەرھۇملارغا ۋە ماڭا مېھىربانلىق كۆرسەتكىنىڭلاردەك، پەرۋەردىگارمۇ سىلەرگە مېھىربانلىق كۆرسەتكەي. ‏9 پەرۋەردىگار ھەربىرىڭلارنى ئۆز ئېرىڭلارنىڭ ئۆيىدە ئارام تاپقۇزغاي» دەپ ئۇلارنى سۆيدى. ئەمما ئۇلار ئۈن سېلىپ يىغلاپ، ‏10 ئۇنىڭغا: «ياق! بىز سەن بىلەن بىللە سېنىڭ خەلقىڭنىڭ يېنىغا قايتىمىز» دېيىشتى. ‏11 لېكىن نائومى: «قايتىپ كېتىڭلار، ئەي قىزلىرىم. نېمىشقا مەن بىلەن بارىسىلەر؟ قورسىقىمدىن سىلەرگە ئەر بولغۇدەك ئوغۇللار يەنە تۇغۇلامدۇ؟ ‏12 قايتىپ كېتىڭلار، ئەي قىزلىرىم. چۈنكى مەن قېرىپ كەتتىم، يەنە ئەرگە تېگىشكە يارىمايمەن. ئەگەر ئۈمىدىم تېخى بار دېگەن تەقدىردە، بۇ كېچە بىر ئەرگە تېگىپ ئوغۇللار تۇغساممۇ، ‏13 ئۇلار بالاغەتكە يەتكۈچە سەۋر قىلىپ، باشقا ئەرگە تەگمەي، ئۇلار ئۈچۈن ساقلاپ تۇراتتىڭلارمۇ؟ ئۇنداق بولمىسۇن، ئەي قىزلىرىم! مېنىڭ دەرد-ئەلىمىم سىلەر كۆتۈرەلمىگۈدەك ئېغىر يۈكتۇر. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قولى ماڭا قارشى كۆتۈرۈلدى» دېدى.    ‏14 ئۇلار يەنە ئۈن سېلىپ يىغلاشتى. ئاخىرىدا ئورپا ئۆز قېينانىسى بىلەن خوشلىشىپ ئۇنى سۆيدى، لېكىن رۇت ئۇنىڭغا چىڭ يېپىشىپ تۇردى.
‏15 نائومى ئۇنىڭغا: «مانا، كېلىن ئاچاڭ ئۆز خەلقى بىلەن ئىلاھلىرىغا قايتىپ كەتتى! سەنمۇ ئۆز كېلىن ئاچاڭنىڭ كەينىدىن قايتىپ كەتكىن» دېدى. ‏16 لېكىن رۇت ئۇنىڭغا: «مېنى كەتكۈزۈپ، سېنى تاشلاپ قايتىشقا مېنى زورلىمىغىن. سەن بارىدىغان يەرگە مەنمۇ بېرىپ، سەن قونىدىغان جايدا مەنمۇ قوناي. سېنىڭ خەلقىڭ مېنىڭ خەلقىم بولۇپ، سېنىڭ خۇدايىڭ مېنىڭ خۇدايىم بولسۇن. ‏17 سەن ئۆلىدىغان يەردە مەنمۇ ئۆلۈپ دەپنە قىلىناي. ئەگەر ئۆلۈمدىن باشقا سەۋەبتىن سەندىن ئايرىلسام، پەرۋەردىگار مېنى قوشلاپ جازالىغاي!» دېدى. ‏18 نائومى رۇتنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە بېرىشقا قەتئىي نىيەت قىلغىنىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا بۇ ئىش توغرۇلۇق قايتا سۆز قىلمىدى.
‏19 ئىككىسى مېڭىپ، بەيتلەھەمگە يېتىپ كەلدى. ئۇلار بەيتلەھەمگە كەلگىنىدە، ھەممە شەھەر ئۇلار سەۋەبلىك قوزغىلىپ كەتتى. ئاياللار بىر-بىرىگە: «ئۇ راستتىنلا نائومىمۇ؟» دېيىشتى. ‏20 ئۇ ئۇلارغا: «مېنى نائومى دېمەي، بەلكى مارا دەپ ئاتاڭلار، چۈنكى ھەممىگە قادىر خۇدا بېشىمغا كۆپ ئازاب سالدى.    ‏21 توققۇزۇم تەل بۇ يەردىن چىقتىم، لېكىن پەرۋەردىگار مېنى قۇرۇق قول قايتۇردى. پەرۋەردىگار مېنى دەردكە سېلىپ، ھەممىگە قادىر خۇدا مېنى ئازاب-ئوقۇبەتكە گىرىپتار قىلغان تۇرسا، مېنى نېمىشقا نائومى دەيسىلەر؟» دېدى. ‏22 شۇنداق قىلىپ نائومى بىلەن موئابلىق كېلىنى رۇت موئاب زېمىنىدىن بەيتلەھەمگە قايتىپ كەلدى. ئۇلار كەلگەندە ئارپا ئورمىسى باشلانغانىدى.