بەنيامىن قابىلىسى ئىسرائىلدىن ئۈزۈلۈپ قالماسلىقتىن قۇتۇلىدۇ
21
1 لېكىن ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى مىسپاھتا قەسەم قىلىشىپ: «بىزنىڭ ئىچىمىزدىن ھېچكىم ئۆز قىزىنى بەنيامىنلارغا ياتلىق قىلمىسۇن» دېيىشكەنىدى. 2 بۇنىڭ ئۈچۈن خەلق بەيتەلگە كېلىپ، ئۇ يەردە ئاخشامغىچە خۇدانىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، ئۈن سېلىپ قاتتىق يىغلىشىپ: 3 «ئەي ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار، نېمىشقا بۈگۈنكىدەك ئىسرائىلنىڭ بىر قەبىلىسىنىڭ يوقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىش يۈز بەردى؟» دېيىشتى. 4 ئەتىسى خەلق سەھەر قوپۇپ، ئۇ يەردە بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرى سۇندى. 5 ئاندىن بەنى ئىسرائىل ئۆزئارا: «ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىسىدىن كېلىپ، جامائەتكە قوشۇلۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ھازىر بولمىغان كىم بار؟» دېيىشتى، چۈنكى ئۇلار كىمكى مىسپاھتا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ھازىر بولمىسا، ئۇ چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن دەپ، قەسەم قىلىشقانىدى. 6 بەنى ئىسرائىل ئۆز قېرىندىشى بولغان بەنيامىن ئۈچۈن پۇشايمان قىلىپ: «بۈگۈن ئىسرائىلنىڭ ئىچىدىن بىر قەبىلىسى يوقالدى. 7 ئەمدى بىز ئۇلارنىڭ قالغانلىرىنى خوتۇنغا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن قانداق قىلساق ئەجەبا؟ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا: ‹قىزلىرىمىزنى ئۇلارغا خوتۇنلۇققا بەرمەيلى› دەپ قەسەم قىلدۇق ئەمەسمۇ؟» دېيىشتى. 8 شۇڭا ئۇلار ئۆزئارا: «بەنى ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىن قايسى قەبىلە مىسپاھقا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا چىقمىدى؟» دېيىشتى. ۋە مانا، بارگاھتىكى جامائەتكە قوشۇلۇش ئۈچۈن يابەش-گىلېئادتىن ھېچكىم كەلمىگەنلىكى مەلۇم بولدى. 9 چۈنكى خەلقنى سانالغاندا ئۇ يەردە گىلېئادتىكى يابەشنىڭ ئادەملىرىدىن ھېچكىم يوق ئىدى.
10 شۇنىڭ بىلەن جامائەت ئون ئىككى مىڭ پالۋاننى ئۇ يەرگە ئەۋەتىپ، ئۇلارغا بۇيرۇق بېرىپ: «بېرىپ، گىلېئادتىكى يابەشنىڭ ئاھالىسىنى، جۈملىدىن ئاياللار ۋە بالىلارنى قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈڭلار. 11 شۇنداق قىلىڭلاركى، بارلىق ئەرلەر ۋە ئەر بىلەن يېتىپ باققان ئاياللارنىڭ ھەممىسىنى تۆلتۆكۈس يوقىتىڭلار» دېدى.
12 ئۇلار بېرىپ، گىلېئادتىكى يابەش ئاھالىسى ئىچىدىن ئەر بىلەن يېتىپ باقمىغان تۆت يۈز قىزنى تېپىپ، ئۇلارنى تۇتۇپ، كەنئان زېمىنىدا بولغان شىلوھتىكى بارگاھقا ئېلىپ كەلدى. 13 ئاندىن كېيىن پۈتۈن جامائەت رىممون قىيا تېشىدا قېلىپ قالغان بەنيامىنلارغا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇلارغا تىنچلىق جاكارلىدى. 14 شۇنىڭ بىلەن بەنيامىنلار قايتىپ كەلدى. ئىسرائىللار گىلېئادتىكى يابەشتىن تىرىك تۇتۇپ كەلگەن قىزلارنى ئۇلارغا خوتۇنلۇققا بەردى، شۇنداقتىمۇ ئۇلارغا يېتىشمىدى.
15 خەلق بەنيامىن ئۈچۈن پۇشايمان قىلىشتى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىل قەبىلىلىرىدە بىر كەمتۈكلۈك پەيدا قىلغانىدى. 16 جامائەتنىڭ ئاقساقاللىرى: «بەنيامىننىڭ قىز-ئاياللىرى تۈگەپ كەتتى. ئەمدى قالغانلىرىغا خوتۇن توغرىسىدا قانداق قىلساق ئەجەبا؟» دېيىشتى. 17 ئۇلار يەنە: «قۇتۇلۇپ قالغانلىرىنىڭ مىراس يېرى بەنيامىن قەبىلىسىنىڭ مىراس يېرى بولۇپ تۇرۇشى كېرەك ۋە ئىسرائىلنىڭ بىر قەبىلىسىنىڭ يوقىلىپ كەتمەسلىكى كېرەك. 18 لېكىن بىز قىزلىرىمىزنى ئۇلارغا خوتۇنلۇققا بېرەلمەيمىز، چۈنكى بەنى ئىسرائىل: ‹بەنيامىنغا خوتۇن بەرگەن كىشى لەنەتكە قالسۇن› دەپ قەسەم قىلىشقان» دېيىشتى.
19 ئاقساقاللار يەنە: «مانا قاراڭلار، بەيتەلنىڭ شىمالىدا بەيتەلدىن شەكەمگە بارىدىغان يولنىڭ شەرق تەرىپىدە، لېبونانىڭ جەنۇب تەرىپىدە بولغان شىلوھتا ھەر يىلى پەرۋەردىگارنىڭ بىر ھېيتى بولىدۇ» دېيىشتى. 20 ئاندىن ئۇلار بەنيامىن قەبىلىسىگە مۇنداق دەپ بۇيرۇدى: «سىلەر بېرىپ، ئۈزۈمزارلىقلاردا مۆكۈنۈپ يېتىڭلار. 21 سىلەر كۆزىتىپ تۇرۇپ، شىلوھلىق قىزلىرىنىڭ ئۇسسۇل ئويناش ئۈچۈن چىققىنىنى كۆرگىنىڭلاردا، ئۈزۈمزارلىقتىن ئېتىلىپ چىقىپ شىلوھنىڭ قىزلىرىدىن ھەربىرىڭلار خوتۇنلۇققا ئېلىش ئۈچۈن بىردىن تارتىۋېلىپ، بەنيامىن زېمىنىغا ئېلىپ كېتىڭلار. 22 ئەگەر ئۇلارنىڭ ئاتىلىرى ياكى قېرىنداشلىرى كېلىپ، بىزگە پەرياد قىلسا، بىز ئۇلارغا: ‹بىزگە يۈز-خاتىرە قىلىپ ئۇلارغا ئىلتىپات قىلىڭلار، چۈنكى بىز جەڭدە ھەر ئەر كىشى ئۈچۈن خوتۇن ئېلىپ كەلمىدۇق. سىلەر ئۆز ئىختىيارىڭلار بىلەن ئۇلارغا بۇ قىزلارنى بەرمىدىڭلار. بولمىسا سىلەرگە گۇناھ بولاتتى› دەيمىز». ■
23 شۇنىڭ بىلەن بەنيامىن قەبىلىسى شۇنداق قىلىپ، ئۇسسۇل ئويناپ تۇرغان قىزلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆز سانى بويىچە قىزلارنى ئۆزلىرىگە خوتۇنلۇققا ئېلىپ قېچىپ، ئاندىن ئۆز مىراس يېرىگە قايتىپ كېتىپ، شەھەرلەرنى قايتىدىن قۇرۇپ ئۇ يەرگە يەرلەشتى. 24 بەنى ئىسرائىلمۇ ئۇ يەردىن كېتىپ، ھەربىرى ئۆز قەبىلىسى ۋە ئۆز جەمەتىگە، ھەر كىشى ئۆز مىراس يېرىگە قايتىپ كەتتى.
25 ئەمما ئۇ زامانلاردا ئىسرائىلدا پادىشاھ بولمىغاچقا، ھەركىم ئۆز كۆزىدە توغرا دەپ قارىغان ئىشلارنى قىلىپ يۈرەتتى.