بەنى ئىسرائىلنىڭ بەنيامىنلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشى
20
‏1 شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل بەنى ئىسرائىل قوزغىلىپ چىقىپ، داندىن تارتىپ بەئەرشېباغىچە، شۇنداقلا گىلېئاد زېمىنىنىڭ خەلقى بىلەن بىللە، جامائەت بىر بولۇپ مىسپاھتا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا يىغىلىشتى. ‏2 بارلىق ئىسرائىل خەلكىنىڭ باشلىقلىرى، يەنى ھەممە قەبىلىلىرىنىڭ باشلىقلىرى، خۇدانىڭ خەلقىنىڭ يىغىنىدا ھازىر بولۇشتى. يىغىلغان خەلقنىڭ جەمئىي سانى تۆت يۈز مىڭغا يەتكەن قىلىچلىق پىيادىلەر ئىدى. ‏3 بەنيامىن قەبىلىسى بولسا بەنى ئىسرائىلنىڭ مىسپاھتا جەم بولغىنىنى ئاڭلاپ قالدى.
ئىسرائىللار: «ئېيتىڭلارچۇ، بۇ يامان ئىش قانداق يۈز بەردى؟» دەپ سورىدى. ‏4 ئۆلتۈرۈلگەن ئايالنىڭ ئېرى بولغان لاۋىي كىشى مۇنداق دېدى: «مەن ئۆز كىچىك خوتۇنۇمنى ئېلىپ، بەنيامىننىڭ گىبېئا شەھىرىگە قونغىلى كەلگىنىمدە، ‏5 گىبېئانىڭ ئادەملىرى ماڭا ھۇجۇم قىلىپ، كېچىسى مەن بار ئۆينى قورشىۋېلىپ، مېنى ئۆلتۈرمەكچى ئىدى، كىچىك خوتۇنۇمنى بولسا ئاياغ ئاستى قىلىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. ‏6 شۇنىڭ بىلەن مەن ئۆز كىچىك خوتۇنۇمنىڭ جەسىتىنى ئېلىپ، پارچە-پارچە قىلىپ كېسىپ، ئىسرائىلنىڭ مىراسى بولغان ھەربىر زېمىنغا ئەۋەتتىم. چۈنكى ئۇلار بۇ نومۇسسىز پەسكەشلىكنى ئىسرائىلنىڭ ئىچىدە قىلدى. ‏7 ئەي بەنى ئىسرائىل، سىلەر ھەممىڭلار ئويلىشىپ پىكىر بېرىپ مەسلىھەت كۆرسىتىڭلار» دېدى.
‏8 شۇنىڭ بىلەن ھەممە خەلق بىردەك ئورنىدىن تۇرۇپ: «ئارىمىزدىن ھېچكىم ئۆز چېدىرىغا كەتمىسۇن، ھېچكىم ئۆز ئۆيىگە قايتمىسۇن. ‏9 بەلكى ھازىر گىبياغا قىلىدىغان ئىشىمىز شۇكى، بىز چەك تاشلاش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلايلى. ‏10 بىز ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىسىدىن يۈزدىن ئوننى، مىڭدىن يۈزنى، ئون مىڭدىن مىڭنى ئايرىپ، قوشۇنغا ئوزۇق-تۈلۈك يەتكۈزۈشكە تەيىنلەيلى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار بەنيامىننىڭ گىبېئا شەھىرىگە يېتىپ بارغاندا، ئىسرائىل ئىچىدە قىلغان بارلىق پەسكەشلىكلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى جازالىسۇن» دېيىشتى.
‏11 شۇنداق قىلىپ ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئادەملىرى بىر بولۇپ، شەھەرگە قارشى توپلاندى. ‏12 ئىسرائىل قەبىلىلىرى بەنيامىن قەبىلىسىنىڭ بارلىق جەمەتلىرىگە ئادەم ئەۋەتىپ: «ئاراڭلاردا يۈز بەرگەن بۇ پەسكەشلىك زادى نېمە ئىش؟ ‏13 ئەمدى ھازىر گىبېئادىكى بۇ لۈكچەكلەرنى بىزگە تۇتۇپ بېرىڭلار. بىز ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، بۇ رەزىللىكنى ئىسرائىلدىن يوق قىلايلى» دېدى، بىراق بەنيامىنلار ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان ئىسرائىللارنىڭ سۆزىنى تىڭشىمىدى.
‏14 ئەكسىچە، بەنيامىنلار بەنى ئىسرائىلغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن شەھەر-شەھەردىن كېلىپ، گىبېئادا يىغىلدى. ‏15 شەھەر-شەھەردىن كېلىپ ئۇ كۈندە توپلانغان بەنيامىنلار، گىبېئادا ئولتۇرۇشلۇق تاللانغان يەتتە يۈز يىگىتتىن باشقا، جەمئىي يىگىرمە ئالتە مىڭ قىلىچلىق ئەركەك ئىدى. ‏16 پۈتكۈل بۇ ئادەملەرنىڭ ئىچىدە يەتتە يۈز سولخاي كىشى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى سالغا تېشى بىلەن قىلنى سوقاتتى، قىلچىمۇ خاتا كەتمەيتتى. ‏17 بەنيامىن قەبىلىسى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئىسرائىلنىڭ توپلانغان ئادەملىرىنىڭ سانى تۆت يۈز مىڭ قىلىچلىق ئەركەك ئىدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى جەڭچىلەر ئىدى.
‏18 بەنى ئىسرائىل قوزغىلىپ، بەيتەلگە چىقىپ خۇدادىن: «ئارىمىزدىن كىم باشتا بەنيامىن ئەۋلادلىرى بىلەن جەڭ قىلىشقا چىقسۇن؟» دەپ سورىغىنىدا، پەرۋەردىگار ئۇلارغا: «دەسلەپتە يەھۇدا چىقسۇن» دېدى. ‏19 شۇنىڭ بىلەن بەنى ئىسرائىل ئەتىسى سەھەر تۇرۇپ، گىبېئانىڭ ئۇدۇلىدا بارگاھ قۇردى. ‏20 ئاندىن كېيىن ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى بەنيامىن بىلەن ئۇرۇشقىلى چىقىپ، گىبېئادا ئۇلارغا قارشى سەپ تۈزدى. ‏21 شۇ كۈنى بەنيامىن قەبىلىسى گىبېئادىن چىقىپ، ئىسرائىلدىن يىگىرمە ئىككى مىڭ كىشىنى ئۆلتۈرۈپ يەر چىشلەتتى.
‏22 لېكىن ئىسرائىل قوشۇنىنىڭ ئادەملىرى جاسارەتكە كېلىپ، بىرىنچى كۈنى سەپ تۈزگەن جايدا ئىككىنچى كۈنى يەنە سەپ تۈزۈشتى. ‏23 چۈنكى بەنى ئىسرائىل پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئاخشامغىچە يىغلاپ تۇرۇپ: «بىز ئۆز قېرىندىشىمىز بولغان بەنيامىن ئەۋلادلىرى بىلەن يەنە ئۇرۇشقىلى چىقايلىمۇ؟» دەپ پەرۋەردىگاردىن سورىغىنىدا پەرۋەردىگار ئۇلارغا: «ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىڭلار» دېدى. ‏24 شۇنىڭ بىلەن بەنى ئىسرائىل ئىككىنچى كۈنى بەنيامىن قەبىلىسىگە يېقىنلىشىپ كەلدى. ‏25 بەنيامىنمۇ ئىككىنچى كۈنى گىبېئادىن چىقىپ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ، بەنى ئىسرائىلدىن قىلىچ تۇتقان ئون سەككىز مىڭ كىشىنى يەنە ئۆلتۈرۈپ يەر چىشلەتتى.
‏26 ئاندىن بەنى ئىسرائىلنىڭ پۈتۈن قوشۇنى چىقىپ، بەيتەلگە كېلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ يىغلاشتى ۋە ئۇ كۈنى ئاخشامغىچە روزا تۇتۇشۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى سۇنۇشتى. ‏27 خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئۇ كۈنلەردە شۇ يەردە بولۇپ، ئۇ ۋاقىتتا ھارۇننىڭ نەۋرىسى، ئەلىئازارنىڭ ئوغلى پىنىخاس ئۇنىڭ ئالدىدا خىزمەت قىلاتتى. ‏28 بەنى ئىسرائىل پەرۋەردىگاردىن: «بىز ئۆز قېرىندىشىمىز بولغان بەنيامىن ئەۋلادلىرى بىلەن جەڭ قىلىشقا يەنە چىقايلىمۇ ياكى توختايلىمۇ؟» دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار ئۇلارغا: «چىقىڭلار، چۈنكى ئەتە مەن ئۇلارنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا چۈشۈرۈپ بېرىمەن» دېدى.
‏29 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل خەلقى گىبېئانىڭ ئەتراپىغا بۆكتۈرمە قويدى. ‏30 ئۈچىنچى كۈنى بەنى ئىسرائىل بەنيامىن قەبىلىسىگە قارشى قوزغىلىپ، ئىلگىرىكىدەكلا گىبېئانىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ، سەپ تۈزدى. ‏31 بەنيامىن قەبىلىسىمۇ ئىسرائىل قوشۇنىنىڭ قارشىسىغا چىقىپ، شەھەردىن ئۇزاقلىشىپ، بەيتەلگە چىقىدىغان يول بىلەن گىبېئاغا بارىدىغان يول ئۈستىدە قوشۇننى ئىلگىرىكىدەكلا مەغلۇپ قىلىشقا قەدەم قويۇپ، ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرىدىن ئوتتۇزچە كىشىنى ئۆلتۈردى. ‏32 ئاندىن بەنيامىن ئەۋلادلىرى: «ئۇلار ئاۋۋالقىدەك ئالدىمىزدا مەغلۇپ بولدى» دېيىشتى. ئەمما بەنى ئىسرائىل بولسا: «بىز قېچىپ، ئۇلارنى ئۆزىمىزگە ئەگەشتۈرۈپ شەھەردىن چوڭ يوللارغا ئېلىپ چىقايلى» دەپ مەسلىھەتلەشقانىدى. ‏33 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ بارلىق ئادەملىرى ئۆز جايلىرىدىن قوزغىلىپ، بائال-تاماردا سەپ تۈزۈشتى. بۆكتۈرمىدە تۇرغان ئىسرائىللارمۇ مائارە-گىبېئادىكى جايىدىن ئېتىلىپ چىقىشتى. ‏34 بۇ تەرىقىدە پۈتۈن ئىسرائىلنىڭ ئىچىدىن تاللانغان ئون مىڭ كىشى گىبېئاغا قارشى ھۇجۇم قىلدى. جەڭ قاتتىق بولدى، لېكىن بەنيامىنلار باشلىرىغا بالايىئاپەت يېقىنلاشقىنىنى بىلمەيتتى. ‏35 پەرۋەردىگار بەنيامىنلارنى ئىسرائىلنىڭ ئالدىدا مەغلۇپ قىلغاچقا، ئۇلار ئۇ كۈنى بەنيامىنلاردىن يىگىرمە بەش مىڭ بىر يۈز قىلىچلىق كىشىنى ئۆلتۈردى.
‏36 ئەمدى بەنيامىن قەبىلىسى ئۆزىنىڭ مەغلۇپ بولغىنىنى كۆردى. ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى بەنيامىنلارغا جاي بەرگەنىدى، چۈنكى ئۇلار گىبېئاغا قارشى بۆكتۈرمىدە ياتقانلارغا ئىشىنەتتى. ‏37 بۇ ۋاقىتتا بۆكتۈرمىدىكىلەر تېزدىن قوزغىلىپ، گىبېئاغا ھۇجۇم قىلىپ بېسىپ كىرىپ، شەھەردىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈردى. ‏38 ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى بەلگە بېرىش ھەققىدە بۆكتۈرمىدىكىلەر بىلەن كېلىشىۋالغانىدى: بۆكتۈرمىدىكىلەر شەھەر ئىچىدىن ئۆرلەپ چىققان ئىس-تۈتەك تۈۋرۈكى پەيدا قىلغاندىن كېيىن، ‏39 ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى جەڭدە بۇرۇلۇشى كېرەك ئىدى. بەنيامىن بولسا ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرىنى مەغلۇپ قىلىشقا قەدەم قويۇپ، ئوتتۇزچە كىشىنى ئۆلتۈرۈپ: «مانا، ئىسرائىل شەكسىز ئاۋۋالقىدەكلا ئالدىمىزدا مەغلۇپ بولدى» دېيىشتى. ‏40 لېكىن شەھەرنىڭ ئىچىدىن ئىس-تۈتەك تۈۋرۈكى ئۆرلەپ چىققىنىدا بەنيامىنلار كەينىگە قارىسا، مانا، پۈتۈن شەھەر ئىس-تۈتەك بىلەن ئاسمانغا چىقىپ كەتكەندەك كۆرۈندى. ‏41 بۇ چاغدا ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى بۇرۇلۇپ قايتىپ كەلدى. بەنيامىننىڭ ئادەملىرى باشلىرىغا بالا-قازا كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىپ، ئالاقزادە بولۇشۇپ كەتتى. ‏42 ئۇلار ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرىنىڭ ئالدىدىن قېچىپ چۆل يولىغا بۇرۇلۇپ كەتتى. بىراق جەڭ ئۇلارنى قولغا چۈشۈردى. ئەتراپىدىكى شەھەرلەردىن چىقىپ كەلگەنلەر ئۇلارنى قورشاپ ھالاك قىلدى. ‏43 بۇ تەرىقىدە ئۇلار بەنيامىنلارنى قورشىۋېلىپ، ئۇلارنى كۈن چىقىش تەرەپتە گىبېئانىڭ ئۇدۇلىدىكى ئارامگاھقىچە قوغلاپ دەسسەپ چەيلىدى.    ‏44 بۇنىڭ بىلەن بەنيامىنلاردىن ئون سەككىز مىڭ كىشى ئۆلدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى باتۇر پالۋانلار ئىدى. ‏45 ئاندىن ئېشىپ قالغانلار چۆل تەرەپكە، رىممون قىيا تېشىغا قاراپ قېچىشتى، ئەمما ئىسرائىللار يول بويى ئۇلاردىن بەش مىڭ كىشىنى ئۆلتۈردى، ئاندىن ئۇلارنىڭ كەينىدىن گىدومغىچە قوغلاپ بېرىپ، ئۇلاردىن يەنە ئىككى مىڭ كىشىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. ‏46 ئۇ كۈنى بەنيامىننىڭ ئىچىدىن جەمئىي يىگىرمە بەش مىڭ قىلىچلىق كىشى ئۆلتۈرۈلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى باتۇر پالۋانلار ئىدى.
‏47 لېكىن ئالتە يۈز كىشى چۆل تەرەپكە بۇرۇلۇپ رىممون قىيا تېشىغا قېچىپ بېرىپ، رىممون قىيا تېشىدا تۆت ئاي تۇرۇپ قالدى.
‏48 ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى يەنە بەنيامىن قەبىلىسىنىڭ يۇرتىغا قايتىپ بېرىپ، ئۇلارنى قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈپ، شەھەردە ئۇچرىغان ھەممىنى چارۋا مېلىغىچە يوقاتتى ۋە ئۇدۇل كەلگەن ھەممە شەھەرلەرنى ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتتى.