سامۇئەل بىرىنچى قىسىم
ھانانىڭ دۇئا قىلىشى
1
1 ئەفرائىم تاغلىرىدىكى راماتايىم-زوفىمدا ئەلقانا ئىسىملىك بىر ئەفرائىملىق ئادەم بار ئىدى. ئۇ يەروخامنىڭ ئوغلى ئىدى. يەروخام ئەلىھۇنىڭ ئوغلى، ئەلىھۇ توخۇنىڭ ئوغلى، توخۇ زۇفنىڭ ئوغلى ئىدى. 2 ئەلقانانىڭ ئىككى ئايالى بار ئىدى. بىرىنىڭ ئىسمى ھاننا ۋە يەنە بىرىنىڭ ئىسمى پەنىنا ئىدى. پەنىنانىڭ بالىلىرى بار ئىدى، لېكىن ھاننانىڭ بالىلىرى يوق ئىدى. 3 بۇ ئادەم ھەر يىلدا ئۆز شەھىرىدىن ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلىش ۋە قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن شىلوھغا باراتتى. ئۇ يەردە ئەلىنىڭ خوفنى بىلەن پىنىخاس دېگەن ئىككى ئوغلى پەرۋەردىگارنىڭ كاھىنلىرى بولۇپ خىزمەت قىلاتتى. 4 ھەر قېتىم ئەلقانا قۇربانلىق قىلغان كۈنى، ئۇ ئايالى پەنىناغا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىغا ئۇلارنىڭ تېگىشلىكىنى بېرەتتى. 5 ئەمما ھانناغا ئىككى ھەسسە بېرەتتى، چۈنكى ئۇ ھانناغا ئامراق ئىدى. لېكىن پەرۋەردىگار ئۇنى تۇغماس قىلغانىدى. 6 پەرۋەردىگار ئۇنى تۇغماس قىلغان سەۋەبتىن، ئېرىنىڭ يەنە بىر ئايالى ئۇنىڭ يېغىرىنى ئېچىپ، ئۇنى ئازابلايتتى.
7 ھەر يىلى ھاننا پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىگە چىققاندا، پەنىنا دائىم ئۇنىڭغا ئازار بەرگەچكە، ھاننا يىغلاپ ھېچنېمە يېمەيتتى. 8 ئۇنىڭ ئېرى ئەلقانا ئۇنىڭغا: «ئەي ھاننا، نېمىشقا يىغلايسەن؟ نېمىشقا ھېچنېمە يېمەيسەن، نېمىشقا كۆڭلۈڭ يېرىم؟ مەن ساڭا ئون ئوغۇلدىن ئەۋزەل ئەمەسمۇ؟» دەيتتى.
9 بىر كۇنى ئۇلار شىلوھتا يەپ-ئىچكەندىن كېيىن، ھاننا ئورنىدىن تۇردى. شۇ چاغدا كاھىن ئەلى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىشىكىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇراتتى. 10 ھاننا ئاچچىق ئازاب بىلەن پەرۋەردىگارغا زار-زار يىغلاپ دۇئا قىلىپ: 11 «ئەي ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار، ئەگەر دېدىكىڭنىڭ دەرد-ئەلىمىگە نەزەر سالساڭ، مېنى ياد ئېتىپ، دېدىكىڭنى ئۇنتۇمىغان بولساڭ، دېدىكىڭگە بىر ئوغۇل پەرزەنت بەرگىن، ئۇنى بىر ئۆمۈر ساڭا بېغىشلايمەن ۋە ئۇنىڭ بېشىغا ئەسلا ئۇستىرا سېلىنمايدۇ» دەپ ۋەدە قىلدى. 12 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا دۇئا قىلىۋاتقاندا، ئەلى ئۇنىڭ ئاغزىغا سەپسېلىپ قاراپ تۇرغانىدى. 13 ھاننا ئىچىدە دۇئا قىلغاچقا، ئۇنىڭ لەۋلىرى مىدىرلايتتى، لېكىن ئاۋازى ئاڭلانمايتتى. شۇڭا ئەلى: «ئۇ مەست ئىكەن» دەپ ئويلىدى. 14 ئەلى ئۇنىڭغا: «قاچانغىچە مەست يۈرىسەن؟ ئۆزۈڭنى شارابتىن ئۇزاق تۇت» دېدى. 15 ھاننا جاۋاب بېرىپ: «ئۇنداق ئەمەس، ئەي خوجام. مەن دىلى سۇنۇق بىر ئايالمەن. مەن ھاراقمۇ-شارابمۇ ئىچمىدىم، بەلكى جان دەردىمنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۆكتۈم. 16 دېدىكىڭنى يامان ئايال دەپ ئويلىمىغىن، مەن پەقەت چەكسىز دەرد ھەم ئازاب تۇپەيلىدىن شۇنداق دۇئا قىلدىم» دېدى. 17 ئەلى ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «تىنچ-ئامان قايتقىن. ئىسرائىلنىڭ خۇداسى ساڭا ئۇنىڭدىن تىلىگىنىڭنى بەرگەي» دېدى. 18 ئايال: «دېدىكىڭ نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقاي» دېدى. ئاندىن ئۇ چىقىپ كېتىپ، تاماق يېدى. ئۇنىڭ چىرايى ئىلگىرىكىدەك غەمكىن ئەمەستى. 19 ئەتىسى ئۇلار سەھەر تۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سەجدە قىلغاندىن كېيىن، يولغا چىقىپ، رامادىكى ئۆيىگە قايتىپ كەلدى. ئەلقانا ئۆز ئايالى ھاننا بىلەن بىللە بولدى، ۋە پەرۋەردىگار ھاننانى ياد ئەتتى.
سامۇئەلنىڭ تۇغۇلۇشى
20 ھاننا ھامىلىدار بولۇپ، ۋاقتى-سائىتى توشۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئۇ «مەن ئۇنى پەرۋەردىگاردىن تىلىۋالدىم» دەپ، ئۇنىڭغا سامۇئەل دەپ ئىسىم قويدى. ■ 21 ئۇنىڭ ئېرى ئەلقانا پۈتۈن ئۆيىدىكىلەر بىلەن پەرۋەردىگارغا يىللىق قۇربانلىقنى سۇنغىلى ۋە ۋەدىلىرىنى ئادا قىلغىلى چىقتى. 22 لېكىن ھاننا بىللە بارمىدى. ئۇ ئېرىگە: «بالا ئەمچەكتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، مەن ئۇنى ئېلىپ بارىمەن. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ھازىر بولۇپ، ئۇ يەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ» دېدى. 23 ئېرى ئەلقانا ئۇنىڭغا: «ئۆزۈڭ قانداق قىلىشنى ياخشى دەپ قارىساڭ شۇنداق قىلغىن. ئۇنى ئەمچەكتىن ئايرىغۇچە تۇرۇپ تۇرغىن. پەرۋەردىگار ئۆز سۆزىنى ئەمەلگە ئاشۇرغاي» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئايال ئۆيدە قېلىپ، ئۇنى ئەمچەكتىن ئايرىغۇچە ئېمىتتى. 24 بالا ئەمچەكتىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئۇ ئۇنى ئېلىپ چىقىپ، ئۈچ تورپاق، بىر ئېفا ئۇن ۋە بىر تۇلۇم شاراب بىلەن بىللە ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ شىلوھتىكى بەيتىگە ئېلىپ باردى. ئۇ چاغدا بالا تېخى كىچىك ئىدى. ■ 25 ئۇلار بىر تورپاق سويغاندىن كېيىن، بالىنى ئەلىنىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلدى. 26 ھاننا ئۇنىڭغا: «ئەي خوجام، سېنىڭ تىرىكلىكىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئەي خوجام، مەن شۇ يەردە، سېنىڭ قېشىڭدا تۇرۇپ پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلغان ئايال بولىمەن. 27 بۇ بالا توغرىسىدا دۇئا قىلغان ئىدىم. مانا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىن تىلىگىنىمنى ماڭا بەردى. 28 شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇنى پەرۋەردىگارغا بېغىشلىدىم. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاھىرىغىچە پەرۋەردىگارغا ئاتالسۇن» دېدى. ئاندىن ئۇلار ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدى. ■