سامۇئەل ئىككىنچى قىسىم
داۋۇد سائۇل بىلەن يوناتاننىڭ ئۆلگىنىدىن خەۋەر ئالىدۇ
1
‏1 سائۇل ئۆلگەندىن كېيىن، داۋۇد ئامالەكىيلەرنى مەغلۇپ قىلىپ قايتىپ كېلىپ، زىقلاغدا ئىككى كۈن تۇرغاندىن كېيىن، ‏2 ئۈچىنچى كۈنى سائۇلنىڭ بارگاھىدىن كىيىمى يىرتىق، بېشىغا توپا-چاڭ چاچقان بىر ئادەم كەلدى. ئۇ داۋۇدنىڭ يېنىغا كەلگەندە يەرگە يىقىلىپ تەزىم قىلدى. ‏3 داۋۇد ئۇنىڭدىن «قەيەردىن كەلدىڭ؟» دەپ سورىدى. ئۇ ئۇنىڭغا: «ئىسرائىلنىڭ بارگاھىدىن قېچىپ كەلدىم» دەپ جاۋاب بەردى. ‏4 داۋۇد ئۇنىڭغا: «ئىش قانداق بولدى؟ ماڭا دەپ بەرگىن» دېدى. «خەلق جەڭدىن قاچتى. خەلقتىنمۇ نۇرغۇن كىشى ئۇرۇشتا ئۆلدى. سائۇل بىلەن ئوغلى يوناتانمۇ ئۆلدى» دېدى ئۇ. ‏5 داۋۇد بۇ خەۋەرنى يەتكۈزگەن يىگىتتىن: «سائۇل بىلەن ئوغلى يوناتاننىڭ ئۆلگىنىنى قانداق بىلىسەن؟» دەپ سورىدى. ‏6 ئۇنىڭغا خەۋەر يەتكۈزگەن يىگىت مۇنداق دېدى: «مەن گىلبوئا تېغىغا چىقسام، مانا، سائۇل نەيزىگە يۆلىنىپ تۇرۇپتۇ. جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىقلار ئۇنى قوغلاۋاتاتتى. ‏7 ئۇ كەينىگە قاراپ مېنى كۆرۈپ چاقىردى. مەن: ‹مانا مەن› دېدىم. ‏8 ئۇ مەندىن: ‹سەن كىمسەن؟› دەپ سورىغاندا، مەن: ‹ئامالەكىيلەردىن بولىمەن› دەپ جاۋاب بەردىم. ‏9 ئۇ يەنە ماڭا: ‹يېنىمغا كېلىپ، مېنى ئۆلتۈرگىن. مەن قىينىلىپ كەتتىم، لېكىن جېنىم تېخى چىقمايۋاتىدۇ› دېدى. ‏10 مەن ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنى ئۆلتۈردۈم، چۈنكى ئۇ يىقىلغاندىن كېيىن تىرىك قالمايدىغانلىقىنى بىلدىم. ئاندىن بېشىدىكى تاجنى ۋە قولىدىكى بىلەزۈكنى ئېلىپ، بۇ يەرگە غوجامغا ئېلىپ كەلدىم» دېدى.
‏11 شۇنى ئاڭلاپ، داۋۇد ئۆز كىيىملىرىنى يىرتىۋەتتى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان ئادەملەرمۇ شۇنداق قىلدى. ‏12 ئۇلار سائۇل بىلەن ئوغلى يوناتان ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى ئۈچۈن ۋە پۈتۈن ئىسرائىل جەمەتى ئۈچۈن: «قىلىچ ئاستىدا ھالاك بولدى» دەپ ماتەم تۇتۇپ يىغلاپ، ئاخشامغىچە روزا تۇتتى.
‏13 داۋۇد خەۋەر يەتكۈزگەن يىگىتتىن: «قەيەردىن بولىسەن؟» دەپ سورىدى. ئۇ: «مەن ئامالەكىي مۇساپىرنىڭ ئوغلىمەن» دەپ جاۋاب بەردى. ‏14 داۋۇد ئۇنىڭغا: «سەن قانداقمۇ ئۆز قولۇڭنى ئۇزىتىپ، پەرۋەردىگار تاللاپ مەسىھلىگەن ئادەمنى ئۆلتۈرۈشتىن قورقمىدىڭ؟» دېدى. ‏15 ئاندىن داۋۇد ئادەملىرىدىن بىرىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا: «بۇياققا كەل، ئۇنى يەرگە يىقىتقىن» دەپ بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. ‏16 داۋۇد ئۇنىڭغا: «قېنىڭ ئۆز بېشىڭ ئۈستىگە كەلسۇن. ‹پەرۋەردىگار تاللاپ مەسىھلىگەن ئادەمنى ئۆلتۈردۈم› دېگىنىڭدە ئۆز ئاغزىڭ بىلەن ئۆزۈڭ ئۈستىدىن گۇۋاھلىق بەردىڭ» دېدى.
 
داۋۇدنىڭ سائۇل بىلەن يوناتان ئۈچۈن ئوقۇغان مەرسىيەسى
‏17 داۋۇد سائۇل بىلەن ئوغلى يوناتان ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ، بۇ مەرسىيەنى ئوقۇپ، ‏18 «‹يا مەرسىيەسى› دېگەن بۇ مەرسىيەنى يەھۇدا خەلقىگە ئۆگىتىڭلار» دەپ بۇيرۇدى. مانا، بۇ مەرسىيە «ياشار» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن:
 
‏19 «ئەي ئىسرائىل، سېنىڭ شان-شەۋكىتىڭگە
ئېگىزلىكلىرىڭدە ئەجەللىك زەربە بېرىلگەندۇر.
پالۋانلار قانداقچە يىقىلغاندۇر!
‏20 گات شەھىرىدە بۇنى خەۋەر قىلماڭلار،
ئاشقېلوننىڭ كوچىلىرىدا بۇنى بايان قىلماڭلار.
فىلىستىنلەرنىڭ قىزلىرى شادلانمىسۇن،
خەتنىسىزلەرنىڭ قىزلىرى خۇشال بولۇپ تەنتەنە قىلمىسۇن.
‏21 ئەي گىلبوئا تاغلىرى، ئۈستۈڭلارغا شەبنەم ياكى يامغۇر چۈشمىسۇن،
كۆتۈرمە ھەدىيە بولۇش ئۈچۈن ھوسۇل بېرىدىغان ئېتىزلار سىلەردە بولمىسۇن.
چۈنكى ئۇ يەردە پالۋانلارنىڭ قالقىنى بۇلغاندى،
سائۇلنىڭ قالقىنى ياغ بىلەن سۈرۈلمىگەندەك تاشلاندى.
‏22 يوناتاننىڭ ياسى ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ قېنى
ياكى پالۋانلارنىڭ يېغىغا بويالماستىن يانمايتتى.
سائۇلنىڭ قىلىچىمۇ قۇرۇق يىغىلمايتتى.
‏23 سائۇل بىلەن يوناتان ھاياتىدا قەدىردان ۋە ئەزىز ئىدى،
ئۆلۈمىدىمۇ بىر-بىرىدىن ئايرىلمىدى.
ئۇلار بۈركۈتلەردىن تېز بولۇپ،
شىرلاردىن كۈچلۈك ئىدى.   
‏24 ئەي ئىسرائىلنىڭ قىزلىرى، سائۇل ئۈچۈن يىغلاڭلار.
ئۇ سىلەرگە سۆسۈن ۋە نەپىس كىيىم كىيدۈرۈپ،
كىيىملىرىڭلارنى ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەر بىلەن زىننەتلىگەنىدى.
‏25 پالۋانلار جەڭدە قانداقچە يىقىلغاندۇر!
يوناتان ئېگىزلىكلىرىڭلاردا ئۆلتۈرۈلگەندۇر.
‏26 ئەي بۇرادىرىم يوناتان، سەن ئۈچۈن يۈرىكىم ھەسرەتتە قالدى.
ماڭا تولىمۇ ئەزىز ئىدىڭ.
مۇھەببىتىڭ ماڭا ئاجايىپ،
ئاياللارنىڭ مۇھەببىتىدىن ئەۋزەل ئىدى.
‏27 پالۋانلار قانداقچە يىقىلغاندۇر،
جەڭ قوراللىرى قانداقچە يوقالغاندۇر».