پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم
ئادونىيا پادىشاھ بولماقچى
1
1 داۋۇد پادىشاھ خېلى ياشىنىپ قالغانىدى. ئۇنى يوتقان بىلەن قانچە ياپسىمۇ، ئۇ ئىسسىمايتتى. 2 خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭغا: «بىر پاك قىز پادىشاھنىڭ قېشىدا تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن خەۋەر ئالسۇن دەپ، غوجام پادىشاھ ئۈچۈن بىر پاك قىزنى ئىزدەپ تاپسۇن. ئەگەر ئۇ قۇچىقىڭدا ياتسا، غوجام پادىشاھ ئىسسىق تۇرىدۇ» دېدى. 3 ئۇلار پۈتۈن ئىسرائىلنىڭ زېمىنىدا چىرايلىق بىر قىزنى ئىزدەپ يۈردى. ئۇلار شۇنەملىك ئابىشاگنى تېپىپ، ئۇنى پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. 4 ئۇ ئىنتايىن چىرايلىق بىر قىز ئىدى. ئۇ پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، ئۇنىڭدىن خەۋەر ئېلىپ تۇراتتى. ئەمما پادىشاھ ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق قىلمايتتى. 5 ئۇ چاغلاردا خاگىتنىڭ ئوغلى ئادونىيا: «مەن پادىشاھ بولىمەن» دەپ مەقسەت قىلدى. ئۇ ئۆزىگە جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن ئاتلىقلارنى راسلاپ، ئۆز ئالدىدا يۈرىدىغان ئەللىك كىشىنىمۇ تەييار قىلدى. 6 پادىشاھ ئۇنى غەمكىن قىلىشنى خالىماي ھېچقاچان: «نېمىشقا ئۇنداق قىلدىڭ؟» دەپ ئۇنىڭغا تەربىيە بەرمىگەنىدى، ھەم ئۇ ناھايىتى كېلىشكەن بىر يىگىت ئىدى. ئانىسى ئۇنى ئابشالومدىن كېيىن تۇغقانىدى. 7 ئادونىيا زېرۇيانىڭ ئوغلى يوئاب ۋە كاھىن ئابياتار بىلەن مەسلىھەتلەشتى. ئۇلار ئادونىياغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭغا ياردەم بېرەتتى. 8 لېكىن كاھىن سادوق، يەھويادانىڭ ئوغلى بەنايا، ناتان پەيغەمبەر، شىمەي، رەئىي ۋە داۋۇدنىڭ پالۋانلىرى ئادونىياغا ئەگەشمىدى.
9 ئادونىيا قوي، كالا ۋە بورداق مال روگېل بۇلىقىنىڭ يېنىدىكى زوخەلەت دېگەن تاشتا سويدۇرۇپ، ھەممە ئاكا-ئۇكىلىرىنى، يەنى پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرىنى ۋە يەھۇدادا پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە بولغان ھەممە ئادەملىرىنى چاقىردى. 10 لېكىن ئۇ ناتان پەيغەمبەر، بەنايا، پالۋانلار ۋە ئۆز ئىنىسى سۇلايماننى چاقىرمىدى.
11 ناتان بولسا سۇلايماننىڭ ئانىسى باتشېباغا مۇنداق دېدى: «ئاڭلىمىدىڭمۇ؟ خاگىتنىڭ ئوغلى ئادونىيا پادىشاھ بولدى. ئەمما خوجىمىز داۋۇد پادىشاھ ھېچنېمىدىن خەۋىرى يوق. 12 ئەمدى ئۆز جېنىڭ ۋە ئوغلۇڭ سۇلايماننىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ساڭا بىر مەسلىھەت بېرەي. 13 سەن داۋۇد پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: ‹غوجام پادىشاھ قەسەم بىلەن ئۆز دېدىكىگە ۋەدە قىلىپ: «سېنىڭ ئوغلۇڭ سۇلايمان پادىشاھ بولىدۇ، ئۇ مەندىن كېيىن تەختىمدە ئولتۇرىدۇ» دېگەن ئەمەسمۇ؟ شۇنداق تۇرۇقلۇق نېمىشقا ئەمدى ئادونىيا پادىشاھ بولدى› دېگىن. 14 پادىشاھ بىلەن سۆزلىشىپ تۇرغىنىڭدا مەنمۇ سېنىڭ كەينىڭدىن كىرىپ، سۆزلىرىڭنى قوللايمەن» دېدى.
15 باتشېبا ئىچكىرى ئۆيگە پادىشاھنىڭ قېشىغا كىردى. پادىشاھ تولىمۇ قېرىغاچقا، شۇنەملىك ئابىشاگ پادىشاھقا خىزمەت قىلىۋاتاتتى. 16 باتشېبا پادىشاھقا ئېڭىشىپ تەزىم قىلدى. پادىشاھ: «نېمە تەلىپىڭ بار؟» دەپ سورىدى. 17 ئۇ ئۇنىڭغا: «ئەي غوجام، سەن ئۆز دېدىكىڭگە ۋەدە قىلىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ نامى بىلەن: ‹سېنىڭ ئوغلۇڭ سۇلايمان مەندىن كېيىن پادىشاھ بولىدۇ، ئۇ تەختىمدە ئولتۇرىدۇ› دەپ قەسەم قىلدىڭ ئەمەسمۇ؟ 18 مانا، ئەمدى ئادونىيا پادىشاھ بولۇپتۇ. ئەمما ئەي غوجام پادىشاھ، سېنىڭ بۇنىڭدىن خەۋىرىڭ يوق! 19 ئۇ نۇرغۇن كالا، بورداق مال ۋە قوي سويدۇرۇپ، پادىشاھنىڭ ھەممە ئوغۇللىرى، كاھىن ئابياتار ۋە قوشۇننىڭ سەردارى يوئابنى چاقىرىپتۇ. لېكىن قۇلۇڭ سۇلايماننى چاقىرماپتۇ. 20 ئەمدى ئەي غوجام پادىشاھ، ھەممە ئىسرائىلنىڭ كۆزلىرى سەندە، غوجام پادىشاھتىن كېيىن ئۇنىڭ تەختىدە كىمنىڭ ئولتۇرىدىغانلىقىنى ئۇلارغا ئېلان قىلىشىڭنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. 21 بولمىسا، غوجام پادىشاھ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قېشىدا راھەت تاپقاندىن كېيىن، مەن بىلەن ئوغلۇم سۇلايمان جىنايەتچى بولۇپ ھېسابلىنىمىز».
22 ئۇ تېخى پادىشاھ بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندا ناتان پەيغەمبەر كەلدى. 23 ئۇلار پادىشاھقا: «ناتان پەيغەمبەر كەلدى» دەپ خەۋەر بەردى. ئۇ پادىشاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ، يىقىلىپ يەرگە باش قويۇپ پادىشاھقا تەزىم قىلدى. 24 ناتان مۇنداق دېدى: «ئەي غوجام پادىشاھ، سەن ئۆزۈڭ: ‹ئادونىيا مەندىن كېيىن پادىشاھ بولىدۇ، ئۇ مېنىڭ تەختىمدە ئولتۇرىدۇ› دېگەنمىدىڭ؟ 25 ئۇ بۈگۈن بېرىپ، نۇرغۇن كالا، بورداق مال ۋە قوي سويدۇرۇپ، پادىشاھنىڭ ھەممە ئوغۇللىرى، قوشۇننىڭ سەردارلىرى ۋە كاھىن ئابياتارنى چاقىردى. ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىدا يەپ-ئىچىپ: ‹ياشىسۇن پادىشاھ ئادونىيا!› دەپ توۋلاشماقتا. 26 لېكىن ئۇ مەن قۇلۇڭنى، كاھىن سادوق، يەھويادانىڭ ئوغلى بەنايا ۋە قۇلۇڭ سۇلايماننى چاقىرمىدى. 27 شۇ ئىش غوجام پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بولدىمۇ؟ ئۇنداقتا غوجام پادىشاھتىن كېيىن ئۇنىڭ تەختىدە كىمنىڭ ئولتۇرىدىغانلىقىنى ئۆز قۇلۇڭغا دېمەپسەن».
داۋۇد سۇلايماننى پادىشاھ بولۇشقا تەيىنلەيدۇ
28 داۋۇد پادىشاھ: «باتشېبانى ماڭا چاقىرىڭلار» دېدى. ئۇ پادىشاھنىڭ يېنىغا كېلىپ، پادىشاھنىڭ ئالدىدا تۇرغاندا، 29 پادىشاھ: «مېنى ھەممە ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن قۇتۇلدۇرغان تىرىك پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، 30 مەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ساڭا قەسەم قىلىپ: ‹سېنىڭ ئوغلۇڭ سۇلايمان مەندىن كېيىن پادىشاھ بولۇپ، ئورنۇمدا مېنىڭ تەختىمدە ئولتۇرسۇن› دېگىنىمنى بۈگۈن ئەمەلگە ئاشۇرىمەن» دېدى. 31 باتشېبا يۈزى يەرگە تەگكۈدەك ئېڭىشىپ پادىشاھقا تەزىم قىلىپ: «غوجام داۋۇد پادىشاھ ئەبەدكىچە ياشىسۇن» دېدى.
32 داۋۇد پادىشاھ: «كاھىن سادوق، ناتان پەيغەمبەر ۋە يەھويادانىڭ ئوغلى بەنايا ئالدىمغا چاقىرىڭلار» دېدى. ئۇلار پادىشاھنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، 33 پادىشاھ ئۇلارغا: «غوجاڭلارنىڭ خىزمەتكارلىرىنى ئۆزۈڭلارغا قوشۇپ، سۇلايماننى ئۆز قېچىرىمغا مىندۈرۈپ گىخونغا ئېلىپ بېرىڭلار. 34 ئۇ يەردە كاھىن سادوق بىلەن ناتان پەيغەمبەر ئۇنى ئىسرائىلغا پادىشاھ بولغىلى مەسىھلىسۇن. ئاندىن بۇرغا چېلىپ: ‹ياشىسۇن سۇلايمان پادىشاھ!› دەپ توۋلاپ، ■ 35 ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بۇ يەرگە چىقىڭلار. ئۇ كېلىپ، تەختىمدە ئولتۇرۇپ، مېنىڭ ئورنۇمدا پادىشاھ بولىدۇ. مەن ئۇنى ئىسرائىل بىلەن يەھۇداغا ھۆكۈمران قىلىپ تەيىنلىدىم» دېدى. 36 يەھويادانىڭ ئوغلى بەنايا پادىشاھقا جاۋاب بېرىپ: «ئامىن! غوجام پادىشاھنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار شۇنداق بۇيرۇسۇن! 37 پەرۋەردىگار غوجام پادىشاھقا يار بولغاندەك، سۇلايمانغا يار بولۇپ، ئۇنىڭ تەختىنى خوجام داۋۇد پادىشاھنىڭكىدىنمۇ ئۇلۇغ قىلغاي» دېدى.
38 كاھىن سادوق، ناتان پەيغەمبەر، يەھويادانىڭ ئوغلى بەنايا ۋە مۇھاپىزەتچىلەر بىلەن چاپارمەنلەر بېرىپ، سۇلايماننى داۋۇد پادىشاھنىڭ قېچىرىغا مىندۈرۈپ گىخونغا ئېلىپ باردى. 39 كاھىن سادوق ئىبادەت چېدىرىدىن ياغ بىلەن تولغان بىر مۈڭگۈزنى ئېلىپ، سۇلايماننى مەسىھلىدى. ئاندىن ئۇلار بۇرغا چېلىپ، ھەممە خەلق: «ياشىسۇن سۇلايمان پادىشاھ!» دەپ توۋلاشتى. 40 خەلقنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ، سۇناي چېلىپ، چوڭ خۇشاللىق بىلەن يەر يېرىلغۇدەك تەنتەنە قىلىشتى.
41 لېكىن ئادونىيا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان ھەممە چاقىرىلغانلار زىياپەتنى تۈگەتكەن چاغدا، تەنتەنە ئاۋازى ئۇلارنىڭ قۇلىقىچا يەتتى. يوئاب بۇرغا ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا: «شەھەردىن ئاڭلانغان چۇقان نېمە ئىكەن؟» دەپ سورىدى. 42 ئۇ سۆزىنى تېخى ئاخىرلاشتۇرمىغاندا كاھىن ئابياتارنىڭ ئوغلى يوناتان كەلدى. ئادونىيا ئۇنىڭغا: «كىرگىن. باتۇر ئادەمسەن، بىزگە چوقۇم ياخشى خەۋەر ئېلىپ كەلدىڭ» دېدى. 43 يوناتان ئادونىياغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ياق! ئەكسىچە، خوجىمىز داۋۇد پادىشاھ سۇلايماننى پادىشاھ قىلدى. 44 پادىشاھ كاھىن سادوق، ناتان پەيغەمبەر، يەھويادانىڭ ئوغلى بەنايا ۋە مۇھاپىزەتچىلەر بىلەن چاپارمەنلەرنى ئۇنىڭ بىلەن ئەۋەتىپ، ئۇنى پادىشاھنىڭ قېچىرىغا مىندۈردى. 45 ئاندىن كاھىن سادوق بىلەن ناتان پەيغەمبەر ئۇنى پادىشاھ بولۇشقا گىخوندا مەسىھلىدى. ئۇلار ئۇ يەردىن چىقىپ شاد-خۇراملىق بىلەن شۇنداق تەنتەنە قىلىشتىكى، پۈتۈن شەھەر قوزغالدى. سىلەر ئاڭلىغان چۇقان شۇدۇر. 46 سۇلايمان ھازىر پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرۇۋاتىدۇ. 47 پادىشاھنىڭ خىزمەتكارلىرى كېلىپ، خوجىمىز پادىشاھ داۋۇدقا: ‹خۇدا سۇلايماننىڭ نامىنى سېنىڭكىدىن شەرەپلىك قىلىپ، تەختىنى سېنىڭكىدىنمۇ ئۇلۇغ قىلغاي› دەپ ئۇنى مۇبارەكلەشتى. پادىشاھ ئۆزى ياتقان ئورنىدا سەجدە قىلدى. 48 پادىشاھ: ‹كۆزلىرىم كۆرگۈدەك بۈگۈن مېنىڭ تەختىمدە ئولتۇرىدىغان بىرىنى بەرگەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا بولغاي› دېدى».
49 شۇنى ئاڭلاپ، ئادونىيا بىلەن بىللە بولغان ھەممە چاقىرىلغانلار قورقۇپ كېتىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ، ھەربىرى ئۆز يولىغا كەتتى. 50 ئادونىيا سۇلايماندىن قورقۇپ، دەرھال ئورنىدىن قوپۇپ، مۇقەددەس بەيتكە بېرىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ مۈڭگۈزلىرىنى تۇتۇۋالدى. 51 سۇلايمانغا: «مانا، ئادونىيا سۇلايمان پادىشاھتىن قورقۇپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ مۈڭگۈزلىرىنى تۇتۇپ تۇرۇپ: ‹سۇلايمان پادىشاھ بۈگۈن ماڭا قەسەم ئىچىپ، ئۆز قۇلىنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرمەسلىككە ۋەدە قىلسۇن› دەۋاتىدۇ» دېگەن خەۋەر بېرىلدى. 52 سۇلايمان: «ئەگەر ئۇ دۇرۇس ئادەمدەك تۇرسا، بېشىدىن بىر تال چاچ يەرگە چۈشمەيدۇ. لېكىن ئۇنىڭدا يامانلىق تېپىلسا، چوقۇم ئۆلىدۇ» دېدى. 53 سۇلايمان پادىشاھ كىشى ئەۋەتىپ، ئۇنى قۇربانلىق سۇپىسىدىن ئېلىپ كەلتۈردى. ئۇ كېلىپ، سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئېڭىشىپ تەزىم قىلدى. سۇلايمان ئۇنىڭغا: «ئۆيۈڭگە كەتكىن» دېدى.