داۋۇدنىڭ سۇلايمانغا ئېيتقان ئاخىرقى سۆزلىرى
2
‏1 داۋۇد ئالەمدىن ئۆتۈش ئالدىدا ئوغلى سۇلايمانغا ۋەسىيەت قىلىپ مۇنداق دېدى: ‏2 «ئەمدى مەۋجۇداتنىڭ ھەممىسى بارىدىغان يولنى بېسىپ ئۆتۈپ كېتىمەن. جۈرئەتلىك بولۇپ، ئەردەك بولغىن. ‏3 سەن ھەممە قىلىدىغان ئىشلىرىڭدا ۋە ھەممە بارىدىغان جايلىرىڭدا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشۇڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ يولىدا مېڭىپ، مۇسا ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن تەۋرات قانۇنىدا پۈتۈلگەندەك ئۇنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرى، ئەمرلىرى، پەرمانلىرى ۋە يوليورۇقلىرىنى ئورۇنلىغىن.    ‏4 شۇندا پەرۋەردىگار ماڭا: ‹ئەگەر بالىلىرىڭ ئۆز يولىنى ساقلاپ مېنىڭ ئالدىمدا پۈتۈن قەلبى ۋە پۈتۈن جېنى بىلەن ساداقەتلىك بىلەن ماڭسا، سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭدىن ئىسرائىلنىڭ تەختىدە ئولتۇرىدىغان كىشى كەم قالمايدۇ› دېگەن سۆزىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.
‏5 ئەمما زېرۇيانىڭ ئوغلى يوئاب ماڭا نېمە قىلغىنىنى بىلىسەن. ئۇ ئىسرائىلدىكى ئىككى سەردارنى، يەنى نەرنىڭ ئوغلى ئابنەر ۋە يەتەرنىڭ ئوغلى ئاماسانى ئۆلتۈرۈپ، تىنچ ۋاقتىدا ئۇرۇش ۋاقتىدىكىدەك قان تۆكۈپ، بېلىگە باغلىغان كەمىرىگە ۋە پۇتىغا كىيگەن چورۇقىغا قان چاچتى. ‏6 شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز پەم-پاراسىتىڭ بويىچە ئىش قىلغىن. ئۇنىڭ ئاق بېشى ئامانلىق بىلەن گۆرگە چۈشمىسۇن.
‏7 لېكىن گىلېئادلىق بارزىللاينىڭ ئوغۇللىرىغا ياخشىلىق قىلىپ، داستىخىنىڭدىن نان يېگەنلەرگە قوشقىن. چۈنكى مەن ئاكاڭ ئابشالومدىن قاچقىنىمدا، ئۇلارمۇ ئالدىمغا كېلىپ، ماڭا ياخشىلىق قىلغان. ‏8 مانا، باخۇرىمدىن كەلگەن بەنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان گېرانىڭ ئوغلى شىمەيمۇ سېنىڭ يېنىڭدا بار. ئۇ مەن ماخانائىمغا بارغىنىمدا مېنى يامان قارغىدى. لېكىن كېيىن ئىئوردان دەرياسىغا بېرىپ، مېنىڭ ئالدىمغا كەلگەندە مەن پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئۇنىڭغا: ‹سېنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرمەيمەن› دەپ قەسەم قىلدىم. ‏9 ئەمما ئەمدى ئۇنى گۇناھسىز دەپ سانىمىغىن. سەن پەم-پاراسەتلىك بولۇپ ئۇنىڭغا قانداق قىلىشنى بىلىسەن. ئۇنىڭ ئاق بېشىنى قانىتىپ گۆرگە چۈشۈرگىن» دېدى.
‏10 داۋۇد ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قېشىدا راھەت تېپىپ، داۋۇدنىڭ شەھىرى دېگەن جايغا دەپنە قىلىندى. ‏11 داۋۇدنىڭ ئىسرائىلغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقتى قىرىق يىل ئىدى. خېبروندا يەتتە يىل ۋە يېرۇسالېمدا ئوتتۇز ئۈچ يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى.
 
سۇلايماننىڭ ئاۋۋالقى ئىشلىرى
‏12 سۇلايمان ئاتىسى داۋۇدنىڭ تەختىگە ئولتۇردى. ئۇنىڭ سەلتەنىتى مۇستەھكەملەندى. ‏13 ئەمما خاگىتنىڭ ئوغلى ئادونىيا سۇلايماننىڭ ئانىسى باتشېباغا باردى. باتشېبا ئۇنىڭدىن: «ياخشى نىيەت بىلەن كەلدىڭمۇ؟» دەپ سورىدى. ئۇ: «ياخشى نىيەت بىلەن كەلدىم» دەپ جاۋاب بەرگەندىن كېيىن، ‏14 يەنە: «ساڭا ئېيتىدىغان بىر سۆزۈم بار» دېدى. باتشېبا: «ئېيتقىن» دېدى. ‏15 ئادونىيا: «بىلىسەنكى، پادىشاھلىق ئەسلىدە مېنىڭكى ئىدى. پۈتۈن ئىسرائىل مېنى پادىشاھ بولىدۇ دەپ، ماڭا قارايتتى. لېكىن پادىشاھلىق پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى بىلەن مەندىن ئۆتۈپ، ئۇكامنىڭكى بولدى. ‏16 ئەمدى ساڭا بىر ئىلتىماسىم بار. مېنى ياندۇرمىغىن» دېدى. باتشېبا ئۇنىڭغا: «ئېيتقىن» دېدى. ‏17 ئۇ: «سۇلايمان پادىشاھتىن شۇنەملىك ئابىشاگنى ماڭا خوتۇنلۇققا بېرىشىنى سورىغىن، چۈنكى ئۇ ساڭا ياق دېمەيدۇ» دېدى. ‏18 باتشېبا: «ماقۇل، سەن ئۈچۈن پادىشاھقا سۆز قىلىمەن» دېدى.
‏19 باتشېبا ئادونىيا ئۈچۈن سۆز قىلغىلى سۇلايمان پادىشاھنىڭ قېشىغا كىردى. پادىشاھ قوپۇپ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا تەزىم قىلدى. ئاندىن ئۆز تەختىگە ئولتۇردى ۋە پادىشاھنىڭ ئانىسىغىمۇ بىر تەختنى ئېلىپ كەلتۈردى. ئاندىن باتشېبا ئۇنىڭ ئوڭ يېنىغا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭغا: ‏20 «ساڭا كىچىككىنا بىر ئىلتىماسىم بار. مېنى ياندۇرمىغىن» دېدى. پادىشاھ ئۇنىڭغا: «ئەي ئانام، ئىلتىماسىڭنى ئېيتقىن. سېنى ياندۇرمايمەن» دېدى. ‏21 باتشېبا: «ئاكاڭ ئادونىياغا شۇنەملىك ئابىشاگنى خوتۇنلۇققا بېرىلسۇن» دېدى. ‏22 سۇلايمان پادىشاھ جاۋاب بېرىپ ئانىسىغا: «نېمىشقا ئادونىيا ئۈچۈن ئابىشاگنىلا سورايسەن؟ ئۇ ئاكام بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۈچۈن ۋە كاھىن ئابياتار ۋە زېرۇيانىڭ ئوغلى يوئاب ئۈچۈن پادىشاھلىقنىمۇ سورىمامسەن؟» دېدى.
‏23 سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن: «ئادونىيا شۇ سۆزنى قىلغىنى ئۈچۈن ئۆلمىسە، خۇدا مېنى قوشلاپ جازالىغاي!» دەپ قەسەم قىلدى. ‏24 «مېنى تاللاپ تەيىنلەپ، ئاتام داۋۇدنىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇزۇپ، ئۆز ۋەدىسى بويىچە مېنىڭ خانىدانىمنى تىكلىگەن تىرىك پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بۈگۈن ئادونىيا ئۆلتۈرۈلسۇن» دېدى. ‏25 ئاندىن كېيىن سۇلايمان پادىشاھ يەھويادانىڭ ئوغلى بەنايانى ئەۋەتتى. ئۇ بېرىپ ئۇنى چېپىپ ئۆلتۈردى.
‏26 پادىشاھ كاھىن ئابياتارغا: «ئاناتوتقا، ئۆز يۇرتۇڭغا بارغىن. سەن ئۆلۈمگە لايىق. لېكىن سەن رەب پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئاتام داۋۇدنىڭ ئالدىدا كۆتۈرگىنىڭ ۋە ئاتامنىڭ تارتقان ھەممە دەردىدە ئۇنىڭغا ھەمدەرد بولغىنىڭ ئۈچۈن بۈگۈن سېنى ئۆلتۈرمەيمەن» دېدى. ‏27 ئاندىن سۇلايمان ئابياتارنى پەرۋەردىگارغا كاھىن بولۇش ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ شىلوھتا ئەلىنىڭ جەمەتى توغرىسىدا ئېيتقان سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.
‏28 بۇنىڭ خەۋىرى يوئابقا يەتتى. يوئاب ئابشالومغا ئەگەشمىگەن بولسىمۇ، ئادونىياغا ئەگەشكەنىدى. يوئاب پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرىغا قېچىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ مۈڭگۈزلىرىنى تۇتۇۋالدى. ‏29 «يوئاب پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرىغا قېچىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا تۇرىدۇ» دەپ سۇلايمان پادىشاھقا خەۋەر بېرىلگەندە، سۇلايمان يەھويادانىڭ ئوغلى بەنايانى ئەۋەتىپ: «سەن ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكىن» دېدى. ‏30 بەنايا پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرىغا بېرىپ، يوئابقا: «پادىشاھ ساڭا: ‹چىقىپ كەلگىن› دەپ بۇيرۇيدۇ» دېدى. لېكىن ئۇ: «ياق، بۇ يەردە ئۆلىمەن» دېدى. بەنايا پادىشاھقا خەۋەر بېرىپ، يوئاب ئۇنىڭغا نېمە دەپ جاۋاب بەرگىنىنى ئېيتتى. ‏31 پادىشاھ ئۇنىڭغا: «ئۇ ئۆزى دېگەندەك قىلىپ، ئۇنى چېپىپ ئۆلتۈرگىن ۋە ئۇنى دەپنە قىلغىن. شۇنىڭ بىلەن يوئاب تۆككەن بىگۇناھ قاننى مەندىن ۋە ئاتامنىڭ جەمەتىدىن كۆتۈرگەيسەن. ‏32 ئاتام داۋۇدتىن بىخەۋەر ئۇ ئۆزىدىن ئادىلراق ۋە ياخشىراق بولغان ئىككى كىشىنى، يەنى ئىسرائىلنىڭ قوشۇنىنىڭ سەردارى نەرنىڭ ئوغلى ئابنەر ۋە يەھۇدانىڭ قوشۇنىنىڭ سەردارى يەتەرنىڭ ئوغلى ئاماساغا ھۇجۇم قىلىپ، قىلىچلاپ ئۆلتۈرگىنى ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئۇ تۆككەن قاننى ئۆز بېشىغا ياندۇرىدۇ. ‏33 ئۇلارنىڭ قېنى يوئابنىڭ بېشى بىلەن ئۇنىڭ نەسلىنىڭ بېشىغا ئەبەدكىچە يانغاي. لېكىن داۋۇدقا، ئۇنىڭ نەسلى، جەمەتى ۋە تەختىگە پەرۋەردىگارنىڭ تەرىپىدىن ئەبەدكىچە ئامانلىق بولغاي» دېدى. ‏34 يەھويادانىڭ ئوغلى بەنايا چىقىپ، ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى. ئاندىن ئۇ چۆلدىكى ئۆز ئۆيىگە دەپنە قىلىندى. ‏35 پادىشاھ ئۇنىڭ ئورنىغا يەھويادانىڭ ئوغلى بەنايانى قوشۇننىڭ سەردارى قىلىپ، ئابياتارنىڭ ئورنىغا سادوقنى كاھىن قىلىپ قويدى.
‏36 ئاندىن كېيىن پادىشاھ شىمەينى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: «يېرۇسالېمدا ئۆزۈڭگە بىر ئۆي سېلىپ، ھېچ يەرگە چىقماي شۇ يەردە تۇرغىن. ‏37 شۇنى بىلىپ قويغىنكى، سەن چىقىپ قىدرون جىلغىسىدىن ئۆتكەن كۈندە چوقۇم ئۆلىسەن. ئۆز قېنىڭ تۆكۈلۈشىگە ئۆزۈڭ سەۋەب بولىسەن» دېدى.    ‏38 شىمەي پادىشاھقا: «غوجام پادىشاھ ئېيتقان سۆزى ياخشىدۇر. قۇلۇڭ غوجام پادىشاھ ئېيتقاندەك قىلىدۇ» دېدى. ئۇ ئۇزۇن ۋاقىتقىچە يېرۇسالېمدا تۇردى.
‏39 لېكىن ئۈچ يىلدىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، شىمەينىڭ ئىككى خىزمەتكارى قېچىپ، گاتنىڭ پادىشاھى مائاكانىڭ ئوغلى ئاكىشنىڭ قېشىغا باردى. شىمەيگە: «مانا، خىزمەتكارلىرىڭ گات شەھىرىدە ئىكەن» دېگەن خەۋەر كەلگەندە، ‏40 شىمەي قوپۇپ ئېشىكىنى توقۇپ، گاتقا مېڭىپ، ئۆز خىزمەتكارلىرىنى ئىزدىگىلى ئاكىشنىڭ قېشىغا باردى. ئۇ خىزمەتكارلىرىنى تېپىپ، ئۇلارنى گاتتىن ئېلىپ قايتتى. ‏41 سۇلايمانغا: «شىمەي يېرۇسالېمدىن گاتقا بېرىپ كەلدى» دەپ خەۋەر بېرىلدى. ‏42 پادىشاھ شىمەينى چاقىرتىپ، ئۇنىڭغا: «مەن سېنى پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلدۇرۇپ، ساڭا نەسىھەت بېرىپ: ‹شۇنى بىلىپ قويغىنكى، سەن چىقىپ بىرەر يەرگە بارغان كۈندە چوقۇم ئۆلىسەن› دەپ ساڭا ئېيتمىغانمىدىم؟ ئۆزۈڭ ماڭا: ‹مەن ئاڭلىغان سۆز ياخشىدۇر› دېدىڭ. ‏43 ئۇنداق بولسا، نېمىشقا ئۆزۈڭ پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قىلغان قەسىمىڭنى بۇزدۇڭ ۋە مەن ساڭا قىلغان بۇيرۇقۇمغا ئەمەل قىلمىدىڭ؟» دېدى. ‏44 پادىشاھ شىمەيگە يەنە سۆز قىلىپ: «سەن ئۆزۈڭ ئاتام داۋۇدقا قىلغان ھەممە يامانلىقنى بىلىسەن، كۆڭلۈڭگە ئاياندۇر. ئەمدى پەرۋەردىگار يامانلىقىڭنى ئۆز بېشىڭغا ياندۇرىدۇ. ‏45 لېكىن سۇلايمان پادىشاھ بەرىكەت تاپىدۇ ۋە داۋۇدنىڭ تەختى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئەبەدكىچە مەزمۇت تۇرىدۇ» دېدى. ‏46 پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن يەھويادانىڭ ئوغلى بەنايا چىقىپ، ئۇنى چېپىپ ئۆلتۈردى. پادىشاھلىق بولسا سۇلايماننىڭ قولىدا مۇستەھكەملەندى.