پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم
ئەلىيا ئاخازياغا تەنبىھ بېرىدۇ
1
1 ئاخاب ئۆلگەندىن كېيىن موئاب ئىسرائىلنىڭ ئىتائىتىدىن چىقىپ كەتتى. 2 ئاخازيا سامارىيەدە تۇرغاندا ئوردىسىدىكى بالىخانىنىڭ بىر پەنجىرىسىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ ئېغىر يارىلىنىپ يېتىپ قالدى. ئۇ ئەلچىلەر ئەۋەتىپ ئۇلارغا: «بېرىپ، ئەقروندىكى ئىلاھ بائال-زېبۇبتىن مەن توغرۇلۇق: ‹كېسىلىدىن ساقىيامدۇ؟› دەپ سوراڭلار» دېدى. 3 لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى تىشبەلىك ئەلىياغا مۇنداق دېدى: «ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، سامارىيەنىڭ پادىشاھىنىڭ ئەلچىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا ئېيتقىنكى: ‹ئىسرائىلدا بىر خۇدا بولمىغىنى ئۈچۈن ئەقروننىڭ ئىلاھى بائال-زېبۇبتىن سورىغىلى بارامسىلەر؟ 4 شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سەن ياتقان ئورنۇڭدىن تۇرماي، بەلكى چوقۇم ئۆلىسەن»›». ئەلىيا ئۇلارغا شۇنى دەپ ئۇلاردىن ئايرىلدى.
5 ئەلچىلەر پادىشاھنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگەندە ئۇ ئۇلاردىن: «نېمىشقا شۇنچە تېز قايتىپ كەلدىڭلار؟» دەپ سورىدى. 6 ئۇلار ئۇنىڭغا: «بىر ئادەم بىزگە يولدا ئۇچراپ ئېيتتىكى: ‹سىلەرنى ئەۋەتكەن پادىشاھنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹ئىسرائىلدا بىر خۇدا بولمىغىنى ئۈچۈن ئەقروننىڭ ئىلاھى بائال-زېبۇبتىن سورىغىلى ئادەملەر ئەۋەتتىڭمۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈن سەن ياتقان ئورنۇڭدىن تۇرماي، بەلكى چوقۇم ئۆلىسەن›» دەڭلار›» دېيىشتى. 7 ئۇ ئۇلاردىن سورىدى: «سىلەرگە ئۇچراپ بۇ سۆزلەرنى ئېيتقان ئادەم قانداق كۆرۈندى؟» 8 ئۇلار ئۇنىڭغا: «ئۇ تۈكلۈك بولۇپ، بېلىگە بىر تاسما باغلىغانىدى» دېدى. پادىشاھ: «ئۇ تىشبەلىك ئەلىيا ئىكەن» دېدى. ■
9 ئاندىن پادىشاھ بىر ئەللىكبېشىنى ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ئەللىك ئادىمى بىلەن ئەلىيانىڭ قېشىغا ئەۋەتتى. بۇ كىشى ئۇنىڭ قېشىغا بارسا، مانا ئەلىيا تاغنىڭ چوققىسىدا ئولتۇراتتى. ئۇ ئەلىياغا: «ئەي خۇدانىڭ ئادىمى، پادىشاھ سېنى ‹چۈشۈپ كەلسۇن› دەيدۇ» دېدى. 10 لېكىن ئەلىيا ئەللىكبېشىغا: «مەن خۇدانىڭ ئادىمى بولسام، ئاسماندىن ئوت چۈشۈپ سەن بىلەن ئەللىك ئادىمىڭنى كۆيدۈرسۇن» دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ ھامان ئاسماندىن ئوت چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن ئەللىك ئادىمىنى كۆيدۈرۈۋەتتى.
11 لېكىن پادىشاھ يەنە بىر ئەللىكبېشىنى ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ئەللىك ئادىمى بىلەن ئەلىيانىڭ قېشىغا ئەۋەتتى. ئۇ سۆز باشلاپ ئۇنىڭغا: «ئەي خۇدانىڭ ئادىمى، پادىشاھ سېنى ‹دەرھال چۈشۈپ كەلسۇن› دەيدۇ» دېدى. 12 لېكىن ئۇ ئۇلارغا: «مەن خۇدانىڭ ئادىمى بولسام، ئاسماندىن ئوت چۈشۈپ، سەن بىلەن ئەللىك ئادىمىڭنى كۆيدۈرسۇن» دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ ھامان ئاسماندىن خۇدانىڭ ئوتى چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن ئەللىك ئادىمىنى كۆيدۈرۈۋەتتى.
13 پادىشاھ ئۈچىنچى قېتىم يەنە بىر ئەللىكبېشىنى ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ئەللىك ئادىمى بىلەن ئەلىيانىڭ قېشىغا ئەۋەتتى. بۇ ئۈچىنچى كەلگەن ئەللىكبېشى چىقىپ يېتىپ كەلگەندە، ئەلىيانىڭ ئالدىدا تىز پۈكۈپ ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ: «ئەي خۇدانىڭ ئادىمى، مېنىڭ جېنىم بىلەن سېنىڭ بۇ ئەللىك قۇلۇڭنىڭ جانلىرى سېنىڭ نەزىرىڭدە ئەزىز بولسۇن. 14 مانا، ئاسماندىن ئوت چۈشۈپ، ئىلگىرىكى ئىككى ئەللىكبېشى بىلەن ئۇلارنىڭ قول ئاستىدىكى ئەللىك ئادەمىنى كۆيدۈرۈۋەتتى. لېكىن مېنىڭ جېنىم سېنىڭ نەزىرىڭدە ئەزىز بولسۇن» دېدى.
15 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئەلىياغا: «سەن قورقماي ئۇنىڭ بىلەن چۈشۈپ بارغىن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قوپۇپ، ئۇنىڭ بىلەن چۈشۈپ، پادىشاھنىڭ قېشىغا بېرىپ، 16 ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹سۆز سورىغىلى ئىسرائىلدا خۇدا بولمىغاندەك، ئەقروننىڭ ئىلاھى بائال-زېبۇبتىن سورىغىلى ئەلچىلەر ئەۋەتكىنىڭ ئۈچۈن سەن ياتقان ئورنۇڭدىن تۇرماي، بەلكى چوقۇم ئۆلىسەن›» دېدى. 17 پادىشاھ ئەلىيا دەپ بەرگەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى بويىچە ئۆلدى. ئۇنىڭ ئوغلى بولمىغاچقا، يەھورام يەھۇدا پادىشاھى يەھوشافاتنىڭ ئوغلى يەھورامنىڭ ئىككىنچى يىلىدا ئۇنىڭ ئورنىغا تەختكە چىقتى.
18 ئاخازيانىڭ ھاياتىدىكى باشقا ۋەقەلەر ۋە ئۇنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرى «ئىسرائىل پادىشاھلىرى تەزكىرىسى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر.